رىچارد بېرنستېين: «ئۇيغۇرلارنىڭ بىز ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.20
heytgah-saqchi-charlash.jpg ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي 22 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ قورقۇنچلۇق نامى پۇر كەتكەن گۇەنتامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنىشى شۇ ۋاقىتلاردىكى يەنە بىر چوڭ خەۋەر تېمىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ «تېررورچىلارنى مەلۇم قىلىش» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان بەش مىڭ دوللارلىق مۇكاپات ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ چەتئەلگە چىقىش جەريانىدا «خاتا ۋاقىتتا، خاتا ئورۇندا قولغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى» ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ چۈشەنچە بەردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق بىر تەشكىلات بىلەن باغلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى تېررورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ ئەزالىرىنى ئىزدەۋاتقان ئامېرىكىغا باغلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئىراق مەسىلىسى سەۋەبىدىنلا خىتاينىڭ شەرتىگە قوشۇلغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ناھايىتى تېزلا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلاندى. شۇنىڭدەك ‹بۆلگۈنچىلىك› ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا مەنسۇپ بارچە ھادىسىلەرنى ‹تېررورلۇققا دائىر مەسىلىلەر› دەپ جاكارلىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ۋە خىتاي بۇ مەسىلىدە ‹ھەمكارلاشتى›: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ناملىق بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى ‹خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەپ ئېلان قىلىشقا قوشۇلدى؛ بۇنىڭ ‹ھەققى› گە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قوراللىق مۇداخىلە قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز تاشلاش يىغىنىدا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى.»

19-مارت كۈنى «ئاتلانتىك» تورىدا ئېلان قىلىنغان رىچارد بېرسنتېين ئىمزاسىدىكى مەخسۇس ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، بۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالە ئاپتورى ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان سوراق جەريانىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى باشقا ئاتالمىش «تېررورچى» ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېچقاچان ئامېرىكىغا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى بىرەر تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ باقمىغانلىقىدۇر. شۇنداق بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بوز ھۆكۈمىتى قانۇنىي ئىسپاتلار مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى ئارقىغا سوزۇپ كەلگەن. ئەمما ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندە گۇانتانامو تۈرمىسىگە قامالغان 22 ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى پائالىيىتىگە چېتىشلىقى يوق ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ ھەرقايسى جايلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن.

ئاشۇ ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا ماكان تۇتقان ئافغانىستاندىكى تورا بورا رايونى ھەققىدە سۆز بولغاندا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ مەشىق بازىلىرىنىڭ زادى قانداق ئورۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي ماتېرىياللار مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلاردا AK-47 تىپلىق ئاپتوماتتىن بىرى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە بۇنىڭ بىلەن ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلىدىكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا ئاساسەن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئاشۇ تاشلاندۇق ماكاننى ئوڭلاش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ئونغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلار بۇ جايدا ‹يۇرتىمىزدا ئىنقىلاب قوزغايمىز› دەپ قورال مەشىقى قىلغان. مانا مۇشۇ خىلدىكى تېررورلۇق تەشۋىقاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ باستۇرۇشىغا كۆپلىگەن قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. ئۇلار بۇنىڭدا مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق جۆندەپ كەتتى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما چەتئەللەردە تىنچلىق شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بار. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ‹شەرقىي تۈركىستان داۋاسى›نى تەرغىب قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار تېررورچى ئەمەس.»

ھالبۇكى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىشى بىلەن «تېررورلۇق» مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىدىن يۇقۇملانغان» بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «تېررورچىلارنى بومبىلاپ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى» كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. لېكىن شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ھەمدە بىرىنچى قول مەنبەلەر ھازىر بۇ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قانداقتۇر «مەكتەپ» ئەمەسلىكىنى، بۇ جايلارنىڭ ماھىيەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن پەرق قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ جايلارغا سولىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر لاگېرغا سولانغان كىشىلەر ئارىسىدا زور ساندىكى پروفېسسورلار، ئالىملار، بولۇپمۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىشلىگەن خادىملار بار. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شائىرلار، مۇزىكا، ناخشىچىلار بىر-بىرلەپ ھازىرقى سىياسەتنىڭ ئىجراسىدا يانجىلىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇلار ھېچقاچان دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغان خادىملار، يەنە كېلىپ ئۇلار دىندار كىشىلەرمۇ ئەمەس. ئۇلار پەقەت يۇغۇرى سەۋىيەدە تەربىيە كۆرگەن، ئۆز كەسپىدە پىشقان كىشىلەردۇر. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئەسەبىيلىك›نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئەھۋال ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بوز ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمىغانلىقىدۇر. خۇددى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى «تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» دەپ ھال ئېيتقاندەك، لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادا زور داغدۇغا قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى «تەربىيەلەۋاتقانلىقى» نى تەكىتلەشكە باشلىغان. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو قاتارلىقلار بۇ يالغانچىلىقنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزلىرىنىڭ گېپىنىڭ راستلىقىغا دەلىل سۈپىتىدە سۈرىيەدىكى بىر تۈركۈم «ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرى» نىڭ تېررورلۇق گۇرۇھلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇنىڭ پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بىر ئاقماس سەۋەب ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:

«ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدە پەيدا بولۇشى ھەمدە قوراللىق ئۇرۇشقا ئارىلىشىشى بولسا بۇ ھەرگىزمۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. ئەكسىچە بۇ پەقەت يېقىنقى مەۋجۇت رېئاللىق. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىللار خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى سىرتقا قېچىشقا مەجبۇر قىلىشى ھەمدە سۈرىيەدىكى مۇھىتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە سىرتقا ئېقىشى كېلىپ چىققان.»

پروفېسسور شان روبېرتس بولسا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى مەركەز قىلغان ھالدا تېررورلۇققا تەبىر بېرىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ خىل بىرلىككە كەلگەن تەبىرى بولمىغان «تېررورلۇق» نىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش› تىكى بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، خەلقئارادا تېررورلۇقنىڭ ھەممەيلەن ئورتاق قوبۇل قىلغان ۋە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى مەۋجۇت ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ۋە ھاكىمىيەتلەر مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە تەھدىت دەپ قارالغانلىكى تەشكىلاتلارنى مەيلى يوللۇق بولسۇن ياكى يولسىز بولسۇن بىردەك ‹تېررورچى› دەپ ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە بولسا ‹ئەسەبىيلىك› مەسىلىسىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بارلىق مەزمۇنلارنى ماھىيەتتە تېررورلۇقنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسى، دەپ قاراش ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى ئەمەس، دەپ قارىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس بۇنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى سوراق قىلىشقا قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرقى لاگېر مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان پائالىيەتلىرىگىچە بولغان چۈشەنچىسىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئوينىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشقا قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە» دېيىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.