«تەكلىماكان گىرۋىكىنى قاشالاش» كەينىدە…
2025.03.11

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» 11-مارت «شىنجاڭ قانداق قىلىپ تەكلىماكاندىن ئىبارەت ئۆلۈم دېڭىزىدا مۆجىزە ياراتتى؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە 2025-يىللىق «تەكلىماكان قۇملۇق كۈرىشى» نامىدىكى قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى باشلانغانلىقى؛ بۇ خىزمەتنىڭ ئۆتكەن يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىنى قاشالاش ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك قۇملۇقنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە 200 دەك يەرلىك ئاھالىنىڭ قومۇشنى خام ئەشيا قىلغان، قۇمنى تىزگىنلەش تورىنى ياساپ، قۇملۇققا ياتقۇزۇۋاتقانلىقى، مارالبېشى ناھىيەسى 2024-يىلىدىن بۇيان 600 مىڭ مو قۇملۇققا بۇ خىل تۆت تەرەپلىك قومۇش تور ياتقۇزغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 1 مىليون 300 مىڭ مو قۇملۇققا قومۇش تور ياتقۇزۇشنى پىلان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گىرۋىكى قاشالىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى توسۇش «يېشىل بەلبېغى» بەرپا قىلىنغانلىقى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنغانىدى. خىتاي مەنبەلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ھەرىكىتى، قۇملۇققا ئۆسۈملۈك تېرىش، قومۇش ياكى باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غازاڭلىرىدىن تۆت تەرەپلىك ئۆسۈملۈك تورى ياساپ قاشالاش، كۈن تاختىسى ياتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلغان.
ئەمەلىيەتتە، 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇملۇقنى قاشالاش ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇرەككەپ بىر خىزمەت. بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىدىن سىرت، ئۇزۇن ۋاقىت، زور ئىقتىساد ۋە ھەددىدىن تاشقىرى ئادەم كۈچى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ بۇنچە چوڭ بىر «قۇرۇلۇش» نى قانداق تاماملىغانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2024-يىلى نويابىردىكى بىر خەۋىرىدە، بىر يىل ئىچىدىلا قەشقەر، خوتەن، بايىنغولىن قاتارلىق جايلاردا قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتناشقانلارنىڭ سانى 600 مىڭ ئادەم قېتىمىغا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ مەزكۇر خىزمەتكە «پىدائىيلار» ياكى ھەقلىق شەكىلدە قاتناشقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ تارىختا «ئۆلۈم دېڭىزى» دەپ نامى بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ يۆتكىلىشچان قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «پېڭبەي تورى» نىڭ 2019-يىلى سېنتەبىردىكى بىر خەۋىرىدە، شۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال نەچچە ئون مىڭلىغان يەرلىك خەلقنىڭ گەمە ئۆي، قازان-قومۇش ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى دۈمبىسىگە تېڭىپ، موتوسىكلىت بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ «پىدائىيلىق خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان» لىقى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ گەمە ئۆيى يوق بولغاچقا، قۇمنىڭ ئۈستىگە ئورۇن-كۆرپىسىنى سېلىپ ئۇخلايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، 2012-يىلىدىن بۇيان پەقەت مەكىت ناھىيەسىدىنلا 300 مىڭغا يېقىن «پىدائىي» كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. شۇنداقلا بۇ «پىدائىيلار» كۆكەرتكەن يەرلەرنىڭ كۆلىمى 460مىڭ موغا يەتكەن.
دەرۋەقە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكاندا «قۇمنى تىزگىنلەش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش» ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان. خىتاي بۇ ھەرىكەتنى مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغانلىقىنى جار سالغان ۋە بۇ ھەرىكەتكە نەچچە يۈز مىڭلىغان «پىدائىي» قاتناشقانلىقىنى پەخىرلىنىپ خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇ «پىدائىي» لارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. يەنى، يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلق قاتارىغا تىزىپ قويۇلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ 3046 كىلومېتىرلىق قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتىگە «پىدائىي» سۈپىتىدە قاتناشقانلىقى ئادەمدە گۇمان قوزغايدۇ. پۇل تېپىپ جان بېقىشقا موھتاج ئەھۋالدىكى نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۈنلەپ، يېتىپ-قوپۇپ «پىدائىيلىق خىزمىتى» قىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا، بۇ ئۇيغۇرلار راستتىنلا خىتاي ئېيتقاندەك «پىدائىيلار» مۇ ياكى قۇل ئىشچىلارمۇ؟
ناۋادا، بۇ كىشىلەر راستتىنلا «پىدائىيلار» بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللاش ھوقۇقلىرى بولۇشى؛ ھەتتا بۇ خىل پىدائىيلىق خىزمەتلىرى ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەمما جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رېئاللىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىشلارنىڭ خىتاي دېگىنىدىن باشقىچىرەك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلالىشىمىز تەس ئەمەس. يەنى، 2010-يىلى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرىگە نامراتلىققا ياردەم بېرىش نامىدا بۆلۈپ بېرىلگەنىدى. ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان بويلىرى بولغان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلار، ئەڭ ئېغىر نامرات رايونلار قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇنداقلا بۇ جايلاردا نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى «دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى تۈگىتىش» بولغان. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرى ئاتالمىش «فاڭ خۇيجۈ (ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش) » نامىدىكى بىر سىياسەت يولغا قويۇلغان. ھەمدە 200مىڭ خىتاي كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىش ۋە ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەتكە ئېلىش باشلانغان. شۇ ئىشتىن كېيىنلا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىنغانلىقى، مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش، مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەجبۇرىي كەسىپ ئۆزگەرتكۈزۈشلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا جازا لاگېرلىرى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارا بولغان. ئۇيغۇرلار ئەينى چاغدا جەمئىيەتتە ئاشكارا ھالدا چەتكە قېقىلىپ، جازالانماسلىق ۋە خىتاينىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆز مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىش، چوشقا بېقىش، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن «ئىختىيارى ئۆيلىنىش» قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. بۇنداق ھادىسىلەرنى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ھېچبولمىغاندا 2010-يىلىدىن ئاۋۋال تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېمەك، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن «قۇملۇقنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىۋاتقان پىدائىي ئاممىلار» نىڭ دەل مۇشۇنداق شارائىتتا پەيدا بولۇشى، گۇمانلىق ئەمەسمۇ؟
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلىشتىن زادى كىمنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلەش ۋە كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلىش شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ھېچقانچە پايدا ئېلىپ كەلگىنى يوق. ئەكسىچە، مۇھىت ئاسراش نامىدىكى سىياسەتلەرنىڭ ئېلىپ كەلگىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى چېقىپ-تۈزلەشلەر، يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىشلار، بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىشلا بولدى. ئۇيغۇرلار بولسا دېھقانچىلىقتىن، قۇل ئىشچى بولۇشقا، ئۆز زېمىنلىرىدىن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈشكە، ئۇنىمۇ ئاز دەپ ھەتتا ئۇيغۇر بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشقا باشلىدى. يېشىللىقنىڭ كېڭىيىشى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئازايتىپ، خىتايلارنى تېخىمۇ كۆپەيتتى. دېمەك بۇنىڭدىن، خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلەش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشاش مۇھىتى ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولاتتى.
خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى بويسۇندۇرۇپ، مۇھىتنى ياخشىلاش ھەققىدىكى سەپسەتىلىرى گەرچە نامراتلىقنى تۈگىتىش نامىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە يوقىتىلغىنى نامراتلىق ئەمەس، بەلكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېر-تۈرمىلەرگە سولاش، تىلى، مىللىي مائارىپى، مەدەنىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش، قىسقىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولدى.
خۇلاسە قىلغاندا، تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلەش، قۇملۇقنى يېشىللىققا ۋە ئادەملەر ياشاشقا بولىدىغان جايغا ئۆزگەرتىش تولىمۇ گۈزەل بىر ئارزۇ ئىكەنلىكىنى ھېچكىم رەت قىلمايدۇ. لېكىن بۇنداق بىر گۈزەل ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يەرلىك خەلقنى ئۆز ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئۇلارنى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، يەر-زېمىن ۋە بايلىقلىرىنى تارتىپ ئېلىشنى بەدەل قىلغاندا، بۇ «گۈزەل ئارزۇ» نىڭ خاراكتېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى، جۈملىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلەپ، ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشىلاشنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلمىغان، جازا لاگېرلىرىغا قامالمىغان، قۇل ئىشچى قىلىنمىغان بولاتتى، ھەتتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەسلا يۈز بەرمىگەن بولاتتى!