تەكرارلانغان تارىخ ۋە بىشارەتلەنگەن مەغلۇبىيەت

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.01.15
تەكرارلانغان تارىخ ۋە بىشارەتلەنگەن مەغلۇبىيەت 1958-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى قوزغىغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» تە ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان، ئەمما «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا بوينىغا «جاسۇس» دېگەن تاختاي ئېسىلىپ، كۈرەشكە تارتىلغان بۇرھان شەھىدى (ئوڭدا) بىلەن ئابدۇللا زاكىروف (سولدا).
RFA/Qutlan

ئۇيغۇر تارىخىدا ئىككى قېتىملىق ئومۇمىي تۇتقۇن بولغان ئىكەن. ئۇلار 1937-يىلى يۈز بەرگەن بىرىنچى قېتىملىق تۇتقۇن ۋە 1957-يىلدىكى «يەرلىك مىللەتچىلەىككە قارشى كۈرەش» دەپ ناملانغان ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمى تۇتقۇن. ئۈچىنچى قېتىمقىسى نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ۋە مىللىي تازىلاش دەپ تەبىرلەنگەن، 2017-يىلى ئومۇمىييۈزلۈك تۇتقۇندۇر. بىز ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قىرغىننىڭ ئاڭلىغۇچىسى بولغان بولساق، بۇ قېتىمقى قىرغىننىڭ شاھىدى ئىدۇق. بىز 1937-يىلدىكى تۇتقۇندا خاراپ بولغان سەرخىللارغا، 1957-يىللاردىكى قاماشتا نابۇت بولغان مۇنەۋۋەرلەرگە باھا بېرىۋاتقان بولساق، بىر كۈنى كېيىنكى ئەۋلاتلار 2017-يىلى ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتتە باھالىنىدىغانلارغا ئايلىنىپ تۇرۇپتىمىز. گەپنى ئالدىنقى تۇتقۇنلاردا ئامان قالغانلاردىن باشلايلى.

1937-يىلدىكى تۇتقۇندىن چەت ‍ئەلگە چىقىپ كېتىپ ئامان قالغانلار بولغان، ئۇلاردىن مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، مەھمۇت موھىتى، موسۇل مۇھىتى، مۇھەممەد قاسىم ھاجى، ئىمىن ۋاھىدى، باي ئەزىزى ۋە ئەھمەت پاختا قاتارلىقلار. (ئەھمەت پاختانىڭ ئوغلى غولامىدىن پاختا ھېلىمۇ ئامېرىكادا ھايات). شۇ تۇتقۇندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىپ قۇتۇلغانلار بولغان، ئۇلارنىڭ مەشھۇلىرى-ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مەسئۇت سابىرى، ئىسمائىل قادىر، ئابدۇقادىر سامانى قاتارلىقلار بولغان. بۇ قېتىملىق تۇتقۇندا سۈرگۈن قىلىنىپ ئامان قالغانلارمۇ بولغان، مەسىلەن، سەيدۇللا سەيپۇللايىۋ، ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ، ئابدۇقادىر ھاجىيۇپ، ئۇيغۇر سايرانى، لوتپۇللا مۇتەللىپ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار.

1957-يىلدىكى تۇتقۇندىن ۋە شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا يۈز بەرگەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ دەھشەتلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرگە كېتىپ ئامان قالغانلار بولغان، ئۇلار زىيا سەمەدى، يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇپ، ھاشىر ۋاھىدى، غېنى باتۇر، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، ئابدۇرەھىم ئەخمىدى، باتۇر ئەرشىدىن، قاتارلىقلار بولغان.

1937-يىلدىكى تۇتقۇندىن ئامان قالغانلار پۇرسەت پىشقاندا ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان. بۇلارنىڭ بەزىسى ئىلى ئىنقىلابىنى قوزغاش ۋە غۇلجادا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. 1957-يىلدىكى تۇتقۇندىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كېتىپ ئامان قالغانلارمۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆزى شاھىت بولغان سەھپىلىرىنى قەلەمگە ئالغان ۋە ۋەتەننىڭ داۋاسىنى بۈگۈنگە ئۇلىغان.

2017-يىلدىكى تۇتقۇندىن ئامان قالغانلار بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق تۇتقۇندىن ساق قالغانلاردىن كۆپ. بۇ قېتىم خىتاي ئۆلىكىلىرىگە كېتىپ ئامان قالغانلار يوقنىڭ ئورنىدا. بۇرۇنقىلارغا ئوخشاش چەت ئەللەرگە قېچىپ قۇتۇلغانلارمۇ تارىخقا يېزىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار ئىچىدە يۇرتنىڭ تۆرىگە چىققانلار، كىتاپ يېزىپ سەھنىگە چىققانلار، تەبىلىغ قىلىپ مۇنبەرگە چىققانلار، ئۈندىدارلاردا دەرس سۆزلەپ سالۇنغا چىققانلار ۋە زەردارلىقى ۋە ئىلىمدارلىقى بىلەن ھەر قايسى يۇرتلاردا بولىدىغان سورۇنلاردا تۆرگە چىققانلار ھامان بىر كۈنى ھەققانىي باھالىنىدۇ ۋە يېزىلىدۇ. ئۇ چاغدا تارىخچىلار مەنبە قىسلىقى سەۋەپلىك قىينىلىپ قالمايدۇ. بىزنىڭ مۇھاجىرەتتە قىلغان ئەتكەنلىرىمىز «1957-يىللاردا بولغان تۇتقۇندا ھېيىتگاھ خاتىپلىرىنىڭ بۇ پاجىئەنى ئاقلاشتا قانداق رول ئوينىغانلىقى مەلۇم ئەمەس» دېگەن شەكلىدە يوشۇرۇن قالمايدۇ. چۈنكى قىلغان ۋە قىلمىغانلىرىمىز ئايان، ئاشكارا خاماندا تۇرۇپتۇ. قىلدۇق دېگىنىمىزدىن زاماننىڭ شىۋىرغانلىرىدا قانچىلىكى سامان بولۇپ ئۇچۇپ كېتىدۇ، قانچىلىكى قالىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەلى ئۈنۈم، ‍ئاخىرقى نەتىجە ھۆكۈم چىقىدۇ.

1937-يىلى ۋە 1957-يىلى بولغان ئومۇمىي تۇتقۇنلاردا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى دۇنيا تۈزۈك تونۇمايتتى. ئۇ چاغدا ئۇيغۇرنى ئالقىنىدا ئويناتقان سوۋېت ئىتتىپاقىدەك مىللەتلەرنى يوق قىلىپ ئېتىقادلارنى پايخان قىلىدىغان بىر خىرىسلىق جاھانگىر كۈچ شىللىمىزدە بار ئىدى. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئىككى قېتىملىق تۇتقۇندا خىتايغا ئۇستاز بولغان، يول كۆرسەتكەن ۋە يول قويغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك تۇتقۇندا ئۇيغۇرنىڭ يېنىدا يەنە بىر جاھانشۇمۇل دۆلەت ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بار، بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە ئاخبارات كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇر تەرەپتە، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق تۇتقۇندا دۇنيا ئۇيغۇرغا نېمە دەرت كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ چاغلاردا دۇنيادىكى چوڭ-چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەقە توغرىلىق بىرەر دوكىلات ئېلان قىلمىغان. سوۋېتكە دۈشمەن، خەلقئارالىق كومۇنىزىمغا، زۇلۇمغا قارشى كۈچلەرمۇ ۋەقەنى ئەيىبلىمىگەن، ھېچ بىر خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگىنى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ زادى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى جاھانغا بىلدۈرمىگەن. شۇ چاغدا بۈگۈنكى ب د ت بار ئىدى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى خىتاينىڭ قىلمىشىنى يا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى دېمىگەن. ئۇ چاغدا تېخى خىتاينىڭ زالىملىقىنى قوللىغان كومۇنىستىك سوۋېتنىڭ تەھدىتى دۇنيادا بۈگۈنكى كومۇنىستىك خىتاينىڭ تەھدىتىدىن كۈچلۈك ئىدى. دۇنيانىڭ يېرىمى دېگۈدەك سوۋېت كومۇنىستلىرىنىڭ ئاغزىغا قارايتتى. ھەتتا ياۋرۇپانىڭ يېرىمىدا كومۇنىستلار ھۆكۈمران ئىدى. شۇ چاغدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھۆر دۇنياغا تەھدىت بولغان، ئاجىز كومۇنىستىك خىتاينىڭ قىلمىشىدىن دۇنيا بىخەۋەر قالغان ياكى بىخەۋەر بولۇۋالغان.

2017-يىلدىكى ئومۇمى تۇتقۇن باشلاندىن بۇيان ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئاۋۇستىرالىيە، كانادا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى كەسكىنلەشكىلى باشلىدى. بۇ نۆۋەت جاھانشۇمۇل دۆلەت ئامېرىكا يادرولۇق كۈچ سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئامېرىكا خىتاي تۈزۈمىنى ھېتلىرنىڭ فاشىستىك تۈزۈمىگە، سوۋېتنىڭ كومۇنىستىك تۈزۈمىگە ئوخشىتىپ تەنقىت قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە بۇ تۈزۈمنىمۇ سوۋېتكە ئوخشاش بىتچىت قىلىش ھەققىدە قاراشلارنى ئۇلغايتماقتا. مىللەتلەر ئىچىدە ئېنگىلىز تىللىقلار، فرانسوزلار، ياپۇنلار ۋە يەھۇدىلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋە ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ مەيدانغا چىقتى. گېرمان تىللىقلار دۇنياسى، ئىسپان تىللىق دۆلەتلەر، شىۋېتلار، ئىتالىيانلار، تۈركلەرنىڭ قوزغىلىشى تەدىرىجى ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. خۇددى ئامېرىكا يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىپ يوق قىلماقچى بولغان گېرمانىيە فاشىستلىرىنى قورال بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي قىممەتلىرىنى خاراپ قىلماقچى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھۆرلۈكنىڭ كۈچى، قورال ۋە دوللار بىلەن بەربات قىلغاندەك خىتاينىمۇ ھالاك قىلىشى مۇمكىن.

2017-يىلدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تۇتقۇن دۇنيا ئاخباراتىدا گېرمان فاشىستلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا، سوۋېتنىڭ گۇلاگ لاگېرىغا ئوخشىتىلىۋاتىدۇ. جاھانغا مەلۇمكى، جازا لاگېرىنى قۇرغان فاشىست گېرمانىيەسى 1945-يىلى بېشىنى يېگەن بولسا، گۇلاگ لاگېرىنى قۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ 1991-يىلى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلاندى.

1937-يىلى، 1957-يىلى ۋە 2017-يىلدىكى ئومۇمى تۇتقۇن ئۈچ قېتىملىق ئۇيغۇر پاجىئەسىدە قوللىنىلغان ۋاستىلەردە ئاجايىپ ئوخشاش. بۇ ئوخشاشلىقلارنىڭ نېگىزىدە سوۋېت كومۇنىستلىرى ۋە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئورتاق ماھىيىتى ياتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئۈچ قېتىملىق پاجىئەدە قوللىنىلغان تاكتىكىلارنىڭ مەنبەسىدە يەنە خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ فاشىستىك خاراكتېرى ياتىدۇ. بۇ ئۈچ قېتىملىك پاجىئەدە يەنە مۇستەملىكىچىكنىڭ مەينەت بۇسى، فاشىزىمنىڭ زەھەرلىك پۇرىقى ۋە كومۇنىزىمنىڭ قارا سايىسى ئەلەڭگىيدۇ.

2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرنى ئېزىپ يۇتماقچى بولغان خىتاي تايانغان ۋە تەرغىپ قىلىۋاتقان كومۇنىزىم، فاشىزىم ۋە مۇستەملىكىچىلىك بۈگۈنكى دۇنيادا ئاللىقاچان ھۆرلۈكنىڭ، دېموكراتىك يۈزلىنىشنىڭ ۋە شۇنداقلا يېقىنقى 70 يىللىق تارىختا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ كەتكەن زۇلۇم ئوچاقلىرىدۇر. بۈگۈنكى ئىنساننىڭ ھۆرلۈكى، غۇرۇى، ھوقۇقى، جېنى ۋە مېلى بارلىق قىممەتلەرنىڭ تارازىسىغا ئايلانغان دۇنيادا خىتاينىڭ بۇندىن ئىككى يۈز يىل بۇرۇنقى مۇستەملىكىچىلىكنى، يۈز يىل بۇرۇنقى فاشىزىم ۋە كومۇنىستىك ئىدېئولوگىيەلەرنى ئىشلىتىپ، دۇنيادا قۇدرەتلىك سانالغان ناتسىست گېرمانىيەسى ۋە كومۇنىست سوۋېت ئىمپىرىيەسىنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىگە سەۋەپ بولغان لاگېرلارنى قۇرۇشى ۋە بىلەن ئۇيغۇرنى يوقاتماقچى بولۇشى تارىخنىڭ چاقىنى كەينىگە بۇراشقا ئۇرۇنۇشتۇر. بۇ قىلمىش تارىختىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ۋە كونۇنىستىك سوۋېتكە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھالاكىتىگە ئۆزى گۆركار بولغانلىقتۇر.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.