ئادريان زېنز: «تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئەسەبىي قىلىۋېتىشى مۇمكىن!»

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلدىن بۇيان مەتبۇئات يۈزىگە چىقىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەمدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان بۇ جايلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغاۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى، دېيىش مۇمكىن. ئەمما بۇ جايلاردىن ھەر خىل شەكىللەردە «ئازاد» بولغانلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ئىمكانىنىڭ بولماسلىقى ياكى سۆز قىلىشنى خالىماسلىقى سەۋەبلىك بۇ مۇئەسسەلەرگە دائىر كۆپلىگەن مەسىلىلەر تاشقى دۇنياغا نامەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغۇچىلارغا خىتايغا بېرىشقا ۋىزا بەرمەسلىك ياكى باشقا قۇلايسىزلىقلارنى پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپ كەلمەكتە. شۇنداق بولسىمۇ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر قىسىم ئالىملار داۋاملىق مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ، دۇنيانى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىپ كەلمەكتە. گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئادريان زېنز ئەنە شۇ ئالىملارنىڭ بىرى.

پروفېسسور ئادريان زېنز ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە پىكىر ئالىدىغان دائىملىق كىشىلەردىن بولۇپ قالغان. ئۇ نۆۋەتتە زور سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭ 2017-يىلى ئاپرېل ئېيىدا باشلانغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ھۆججەتلەردىن ئاشكارا كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ پىكرىچە بۇ ھال تېزلا كېڭەيتىلىپ، ئەسلىدىكى مەقسەتتىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركەزلىرى دېگەن ئورۇنلار ئەسلىدە خىتايلارنىڭ تەبىرى بويىچە ‹دىنىي جەھەتتە ئەسەبىي ئىدىيەگە ئىگە كىشىلەر› دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەرنى توپلاش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا چىققان ئىدى. ئەمما بۇ ھادىسە كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارغانسېرى كېڭىيىپ چەكتىن ئېشىپ كەتتى. نەتىجىدە سىزنىڭ ياكى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە پۈتۈنلەي نورمال، دەپ قارىلىدىغان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى مۇشۇنداق ئورۇنلاردا كۆرىدىغان بولدى. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي دۆلىتى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكىلەرگە قارىتا تاللاپ تۇرۇپ زەربە بەرگەن. بۇ كىشىلەر قانداق ئىنسانلار دېسىڭىز باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك دىندار بولغانلار ياكى چەتئەللەر بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتقانلار ئىدى. شۇڭا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىشانلىق تەدبىر سۈپىتىدە باشلانغان. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە، بولۇپمۇ چېن چۇەنگو ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ ھادىسە تولىمۇ كەڭ مىقياستىكى، شۇنداقلا كەلسە-كەلمەس تەدبىقلىنىۋېرىدىغان بىر چارىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاھالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسمى بۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

پروفېسسور ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى بۇ لاگېرلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ج خ ئىدارىسى ياكى ئەدلىيە ئىدارىسى بىۋاسىتە باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ قانداق خاراكتېردىكى مۇئەسسەسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. يەنە كېلىپ يېقىندا مەلۇم بولغان بىر قىسىم سۈرەتلىك ماتېرىياللار بۇ خىلدىكى مەركەزلەرنىڭ تۈرمىلەرگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ مەركەزلەرگە قامالغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىكى كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا بۇنىڭ خىتايدا ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» سىستېمىسىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش مۇمكىن ئىكەن. بۇلار بولسا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان مالىيە خام چوتىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «قىزىقارلىق يېرى، ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) ھازىر ھەرقانداق ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭنىڭ مالىيە خام چوتى بىرنەچچە ساھەگە مەركەزلەشكەن ھالدا بەكمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا ۋە يېزا-قىشلاقلاردىكى ‹تەرەققىيات› قا، شۇنىڭدەك مائارىپ ساھەسىگە غايەت زور ساندا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتىدۇ. دەرۋەقە بۇ مائارىپ ساھەسى ئۆز نۆۋىتىدە ‹خىتايچىلاشتۇرۇش› ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل مالىيە خام چوتى بىرنەچچە مالىيە كاتېگورىيەسى بويىچە ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنى يالغۇز ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› قۇرۇلۇشى ياكى ‹بىخەتەرلىك› خىراجىتى دەپلا خۇلاسىلىسەك ئادىللىق بولمايدۇ. ئەمما قانداقلا بولسۇن بۇ خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسى ‹مۇقىملىقنى ساقلاش› ئۈچۈن سەرپ بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كېسىپ بىرنەرسە دېيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ مەبلەغلەر ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ۋە ئۇسۇللاردا سەرپ قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەمىلى يوسۇندا سەرپ بولغان مەبلەغنىڭ پەقەت ئازغىنە قىسمىنىلا ئېنىقلاش مۇمكىن، دەپ قارايمەن.»

دوكتور ئادريان زېنز نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بۇ خىل مەركەزلەرنىڭ ماھىيەتتە كوممۇنىزم تۈزۈلمىسىدىكى مۇقەررەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كلاسسىك مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ كومۇنىزىمچە ئۇسلۇب بىلەن خىتايچە مەدەنىيەت شەكلىنىڭ بىرىكمىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ كۆرۈنۈشتە كىشىلەرنى تولىمۇ ئېھتىياتچان ۋە قورقۇنچاق قىلىپ قويغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك مۇساپىنى ئويلاشقاندا بۇ ھادىسىلەرنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى تېخىمۇ «ئەسەبىي» قىلىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

«بۇ خىلدىكى ‹قايتا تەربىيە› ۋاسىتىسى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەر ئۈچۈن دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللاردۇر. چۈنكى كوممۇنىزمنىڭ ئۆزى بىر ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى. شۇڭا بۇ سىستېما ھەرقاچان باشقىلارنىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە ئەگىشىشىنى ئىستەيدۇ. شۇڭا ئىدېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش، بولۇپمۇ دىنىي ساھەگە مەنسۇپ بولغان ئۆزگىرىشلەر كوممۇنىزم جەمئىيىتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا بۇ خىلدىكى ‹قايتا تەربىيە› ۋاسىتىسى كوممۇنىستىك تۈزۈلمە ئۈچۈن ھېچقاچان ھەيران قالارلىق ھادىسە ھېساپلانمايدۇ. ئۇ پەقەت يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قاتار يېڭىچە مودا قىياپەتلەردە، مەسىلەن، ‹زامانىۋىلاشتۇرۇش› نىقابىدا ئوتتۇرىغا چىققان، خالاس.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەردە بۇ خىلدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭ توختاپ قېلىشىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بېشارەت مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.