يېقىندا خىتاينىڭ خەلق تورى قاتارلىق ئۇيغۇرچە تاراتقۇلىرى 11-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان ئىككى نەپەر تۈركىيە مۇخبىرىنىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىپتاردا بولۇش، مەسچىت ئىماملىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى ھەقىقىي ئىسلامى تۇرمۇشىنى ھېس قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇتماسلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان خەۋەرلىرىنى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قىسمەن مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك تەشۋىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىلىرى ئوخشاش بىر كۈندە ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىسلام دىنىي ئەربابلىرىدىن مىسىردىكى ئەزھەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور ئەخمەد ئەل تاييەب ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دۇنيا ياشلار ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئېيىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
