خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خالىغانچە ئىشلەتكەنلىكى ھەم ئىشلىتىۋاتقانلىقى بىر يېڭىلىق ئەمەس. بۇ مۇقەددەس تۇپراقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى قۇل ئورنىدا خارلاۋاتقان، تارىخىي يەرلىرىنى يوقىتىۋاتقان، ھەتتا تارىخىي شەخىسلىرىنىڭ ھەيكەللىرىگىمۇ ئارام بەرمەي قومۇرۇپ تاشلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ ئۆتكەن ئەسىردىن قالغان بۇ خىل ھاكىمىيەت زوراۋانلىقى كۆپەيسە كۆپەيدىكى، ھەرگىز ئازلىمىدى.
گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى برېمېندا «دېڭىز ئۈستى مۇزېيى» دەپ ئاتىلىدىغان كۆلىمى كىچىك، ئەمما نامى مەشھۇر بىر ئېتنوگرافىيە مۇزېيى بار. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن مىڭلىغان تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئارىسىدا باشقا بۇيۇملاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان 333 دانە ئاسارئەتىقە بار. ھەيكەللەرنىڭ باشلىرى ۋە بەدەن قىسمىنىڭ پارچىلىرى، ئويما ياغاچلار ھەمدە تام رەسىملىرى پارچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ زور توپلامنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى چېكىدۇ. يىل دەۋرى بۇنىڭدىن 1500 يىلغىچە بولغان قەدىمكى دەۋىرلەردىن قالغان بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار 1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بۇيۇملارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇنداق ئىككى ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، گېرمان ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى ئىلگىرى ئېلىپ كەلگەن بۇيۇملار شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىغىۋېلىنغان بولسا، بۇ ئاسارئەتىقىلەر تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىكلىرىدىن، يەنى دەندان ئۇيلۇق، پىيالما، راۋاق ۋە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدىن قېزىۋېلىنىپ. گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن؛ ئىككىنچىدىن، تارىخى ئۇزۇن بولغان بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەر ئىلگىرىكى بۇيۇملارغا قارىغاندا بىرئاز كېيىنرەك دەۋردە، يەنى 1929-يىلى گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن. ئەلۋەتتە، كېيىنچەك ئېلىپ كېلىنگەن بۇ ئاسارئەتىقىلەرنىڭ كېلىش سەۋەبى ۋە بايقالغاندىن كېيىن باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىمۇ بۇرۇنقى ئاسارئەتىقىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
دەرۋەقە، بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1927-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان «گېرمانىيە تۈركىستان ئىكسپېدىتسىيەسى» نىڭ نەتىجىسىدە يىغىۋېلىنغان. بۇ يىغمىنىڭ نامى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئېكىسپېدىتسىيەنى تەشكىللىگەن ۋە 3 كىشىلىك كىچىك ئەترەتنىڭ باشلىقى بولغان ئېمىل ترىنكلېر (Emil Trinkler) نىڭ نامى بىلەن «تىرنكلېر توپلىمى» دەپ ئاتالغان.
گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان 4-قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرىدىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھاكىمىيەت تەختىنى ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېتىۋېلىش ۋە يەرلىك خەلقلەرنى نادانلىقتا تۇتۇپ تۇرۇشتەك جاھالەتلىك ھۆكۈمرانلىقى تۈپەيلىدىن، ياۋروپا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك خالىغان ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستانغا كېلەلەيدىغان مۇمكىنچىلىكى بولماي قالغانىدى.
ئۇنداقتا، «ترىنكلېر يىغمىسى» غا تەۋە بۇ ئاسارئەتىقىلەر برېمېن دېڭىز ئۈستى مۇزېيىغا قانداق ئېلىپ كېلىنگەن؟
دەرۋەقە، گېرمانىيەنىڭ ئىلگىرىكى مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىدىن ئاكا-ئۇكا شلاگېنتۋايتلارغا ئوخشاشلا جۇغراپىيە ساھەسىدە يېتىشكەن، ئۆلچەش ۋە سىزىش بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن، شۇنداقلا تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي گېرمانىيەلىك بىر ياش يىگىت، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تاشقىي دۇنياغا ئېتىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرلىق قوۋۇقىنى قايتا ئېچىشقا بەل باغلايدۇ. بۇ ياش دەل ئېمىل ترىنكلېر ئىدى! ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئۈچۈن 1925-يىلىدىن باشلاپ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى 1927-يىلىغا كەلگەندە مېۋە بېرىدۇ. ترىنكلېرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلماقچى بولغان سەپىرى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمۇ شۇ يىللاردا گېرمانىيەدە ئەڭ مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان سۋېن ھېدىننىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئاسانلا ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى گېرمانىيەدىن ئايرىلىپ كەشمىر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا قەدەم قويغۇچە، يەنى بۇرۇنقى مەشھۇر ئارخېئولوگلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ تاكى خوتەننىڭ مازارتاغ دېگەن يېرىگە بارغىچە ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كېلىشمەسلىكلەر ترىنكلېرنى ئېغىر قىسمەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ قولغا ئېلىنىپ قەشقەرگە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە نەزەربەند قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىدىن يىغقان ئاسارئەتىقىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. بۇ توغرىلىق خىتاي ۋە گېرمانىيە ئارخىپلىرىدا كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئانچە-مۇنچە مەلۇمات مەۋجۇت. ترىنكلېر ئۆزىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان ئاسارئەتىقىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بىر ۋاقىتتا، ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ۋە بېيجىڭدىكى شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى قانداقتۇر بىر سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدىن توپلىغان يىغمىلىرىنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان ئىشلار ۋە دىپلوماتىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە مەخسۇس ئەسەر يېزىپ قالدۇرۇش، ترىنكلېرگە نېسىب بولمايدۇ. يەنى «5-قېتىملىق تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيەسى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر قېتىملىق سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشكەن ترىنكلېرنىڭ كۈتۈلمىگەندە ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ بۇ پىلانلىرى ئۆز جايىدا توختاپ قالىدۇ.
ئېمىل ترىنكلېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سەپەرلىرى، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىكلەر ھەققىدە گېرمانىيە ھەمدە شىۋېتسارىيەدىكى پەرقلىق ئارخىپلاردا ناھايىتى كۆپ ماتېرىياللار ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بەدىلىگە گېرمانىيەگە ئېلىپ كەلگەن ئاسارئەتىقىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە نەشر قىلىنغان ماقالىلەرمۇ بۇرۇنقىلاردىن كۆپ ھەم مۇكەممەل. برېمېن دېڭىز ئۈستى مۇزېيىدىكى ئەتىۋارلىنىپ ساقلاپ كېلىنىۋاتقان ۋە ئۈزۈلدۈرمەي كۆرگەزمىگە قويۇلۇۋاتقان بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرى، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك سەپەر خاتىرىلىرى دەسلەپ ترىنكلېرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن، كېيىنچە ھەمراھلىرى ھېلمۇت دې تېرا (Helmut de Téra) ۋە ۋالتېر بوشارد (Walter Bosshard) تەرىپىدىن، ئۇلاردىن كېيىن يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە كېيىنكىلەرگە، ھەتتا ھازىرقى كىشىلەرگىمۇ سىر بولۇپ كېلىۋاتقىنى، ئۆز دەۋرىدە مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملىرىنىڭ ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرىغا بىردىنلا تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ گېرمانىيەگە ئېلىپ كېتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىدۇر. شۇ ۋاقىتلاردا ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر ئارخېئولوگ ئاۋرېل ستەيىن (Aurel Stein) نىڭ ئاخىرقى سەپىرىدە يىغقان ئازغىنە بۇيۇملىرى تارتىۋېلىپ، ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن چىگرادىن قوغلاپ چىقارغان؛ يەنە بىر ئاتاقلىق سەيياھ شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن (Sven Hedin) نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەكشۈرۈشى جەريانىدا ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن ترىنكلېرگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ؟ يەنى ئۇنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان ئاسارئەتىقىلىرىنى نېمە سەۋەبتىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟
ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىن ئايرىم-ئايرىپ يولغا چىقىپ، 1927-يىلى 4-ئايدا كەشمىرنىڭ پايتەختى سىرىناگاردا بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە بىرلىكتە لاداققا قاراپ يولغا چىققان. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئادولف شلاگېنتۋايت ماڭغان يول بىلەن مېڭىپ، يول بويى ئۆلچەش، سىزىش، فىلىمغا ئېلىش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى قاراقاشقا يېتىپ بارىدۇ. قىشنى تەكلىماكاندىكى مەشھۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن پىيالما، يوتقان، دەندان ئويلۇق ۋە راۋاق قاتارلىق يەرلەرنى قېزىش، تەكشۈرۈش ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەر يىغىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ترىنكلېر يەنە بىر تارىخىي يەر - مازارتاغقا يېتىپ كەلگەندە كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. يەنى بۇ يەردە ئۇلارغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاھىدە بىر بۇيرۇقى يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ بۇيرۇقتا ئۇلارنىڭ قانۇنسىز قېزىش ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبلىك، ئىشىنى توختىتىپ دەرھال قەشقەرگە بېرىشى بۇيرۇلىدۇ. ئۇلار بۇيرۇققا بىنائەن ئارقىسىغا قايتىپ يەركەنگە كەلگەندە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قەشقەرگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ئاسارئەتىقىلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ھەتتا دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرتىغا چىقىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە تيەنجىندىكى كونسۇلخانىلىرى، ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى، شىۋىتسارىيەنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى قاتارلىق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىمۇ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. ترىنكلېرنىڭ مىلىتارىست جىن شۇرېن ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يازغان ئەرزىمۇ جاۋابسىز قالىدۇ.

شۇ يىلى 10-ئايدا ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى ياۋروپاغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولىدۇ. ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گېزىتلىرىدە بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېسىلىدۇ. خىتايدىكى كۆپ تىراژلىق گېزىتلەر، ترىنكلېر يىغمىسىنى مۇسادىرە قىلىش، ترىنكلەر ۋە ھەمراھلىرىنى جازالاش، ئۇلارنى چىگرادىن دەرھال قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە يەر بېرىدۇ.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان، جىن شۇرېن ۋە جياڭ جيېشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان سۋېن ھېدىندىن ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرىغا ياردەم بېرىشىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. سۋېن ھېدىننىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن جىن شۇرېن 333 ئاسارئەتىقە بۇيۇمىنىڭ يېرىمىنى ترىنكلېرگە قايتۇرۇپ بېرىش ۋە قالغان يېرىمىنى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارىنى بېرىدۇ.

1929-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن قەشقەردە مۇسادىرە قىلىنغان ئاسارئەتىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ترىنكلېرگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى پەرمانمۇ يېتىپ كېلىدۇ. خىتاي دۆلەتلىك قەدىكى ئەسەرلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆز قولى بىلەن يازغان بۇ ئۇزۇن مەكتۇپتا، خىتاي ۋە گېرمانىيە ئارىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، مۇسادىرە قىلىنغان ئاسارئەتىقىلەرنى ترىنكلېرگە قايتۇرۇپ بېرىش قارار قىلىنغانلىقى يېزىلغانىدى.
خوش، ئۇنداقتا بىر يىلغا يېقىن ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ يىغمىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان مىلىتارىست جىن شۇرېن ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن 1929-يىلىغا كەلگەندە بىردىنلا ئۆزگەرگەن؟ ئاخىرقى قارارنىڭ چىقىشىغا زادى نېمە سەۋەبچى بولغان؟
مەلۇم بولغىنىدەك، 1928-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 1912-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھاكىمىيەت تەختىگە مىنىۋالغان سىياسىي سېھىرگەر ياڭ زېڭشىن خارجى ئىشلار نازىرى پەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. پەن ياۋنەننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەختىنى ئىگىلىگەن جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقا-چىقمايلا يېڭىچە بىر پىلان تۈزۈشكە باشلايدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالتۇن، كۆمۈش، پاختا ۋە تېرە-يۇڭلىرىنى زور مىقداردا چەت ئەللەرگە سېتىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ، بۇ سودىدىن كىرگەن پۇل بايلىقلىرىنى دەسمايە قىلىپو ئۆزىگە ئىلغار قورال-ياراغ سېتىپ بېرەلەيدىغان، شۇنداقلا ئەسكەرلىرىگە زامانىۋى تەلىم-تەربىيە بېرەلەيدىغان بىر دۆلەت ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپادا كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلانغان گېرمانىيەنى ئۆزىگە نىشان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن گېرمانىيەدە ئالاھىدە تەسىرى بار بولغان سۋېن ھېدىندەك دۇنياغا مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيەچىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدۇ. سۋېن ھېدىنمۇ ئۇنىڭ گەنسۇ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر دۆلەت قۇرۇش پىلانىدىن خەۋەردار ئىدى. شۇڭا ئۇ سۋېن ھېدىننىڭ ئاسارئەتىقىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلمايدۇ، ئەمما خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارى كەلمەي تۇرۇپ، مۇسادىرە قىلىنغان ئاسارئەتىقىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. ھالبۇكى، جىن شۇرېن سۋېن ھېدىننىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن چوڭ بىر ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. جىن شۇرېن مۇسادىرە قىلىنغان ئاسارئەتىقىلەرنى ترىنكلېر ۋە ھەمراھلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىش ھېسابىغا ئۆزىنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ 5 كىشىنى گېرمانىيە ئەۋەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ، گېرمانىيە تەرەپتىن ئۆز ئوغۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ 5 كىشىنى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ تەربىيەلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى چوڭ پىلانى ئۈچۈن تەييارلاشقا كىرىشىدۇ.
1929-يىلى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن نۇرغۇن توختاملارنى تۈزىدۇ. گېرمانىيە شۇ يىلىلا بىر نەچچە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى نەنجىڭگە يوللاپ، خىتاي ئەسكەرلىرىگە گېرمانىيە ئۇسۇلىدا تەلىم-تەربىيە بېرىشنى باشلىۋېتىدۇ. 1930-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، خىتايدىن گېرمانىيەدىكى ئەسكىرىي مەكتەپلەردە تەلىم ئېلىشقا ئەۋەتىلگەن 1000 نەپەر تاللانغان ئەسكەر بېرلىنغا يېتىپ بارىدۇ. مىلىتارىست جىن شۇرېنمۇ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆز ئوغلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر خىتاي ياشنى بۇرھان شەھىدىنىڭ يول باشچىلىقىدا بېرلىنغا يولغا سالىدۇ.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.