خىتاي تۈركىيەنى قۇرۇق ماختاۋاتامدۇ؟
2017.03.15

3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەدە چىقىۋاتقان «دۇنيا بۈلتەنى» گېزىتىدە «خىتاي تۈركىيەنى ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم سۆھبەت شېرىكى› دەپ قۇرۇق ماختىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردىمۇ بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي، تۈركىيەنىڭ رايونىدا مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسى ئىچىدە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىق سىگنالىنى بەرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى دېگەن.
بىر مۇخبىرنىڭ، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، «تۈركىيە ياۋرو-ئاسيادا مۇھىم بىر دۆلەت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم سۆھبەت شېرىكى، ئەگەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇ كۆز قاراشتا بولسا، بىز خىتاي دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە دېموكراتىيە يوق، ئۇلار ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئۇنداقتا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، خۇا چۈنيىڭنىڭ بۇنداق بىر بايانات بېرىشى تۈرك ئاخباراتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك قۇرۇق ماختاشمۇ؟ تۈركىيە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك، غەربنى تاشلاپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولارمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەشتىن ۋاز كېچەرمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئاخى ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى كۈرشات زورلۇ ئەپەندى، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئىككىنچىسى بولسا، تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنى بۇنداق تىلغا ئېلىپ قويۇشىدىكى سەۋەبمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئالدىراپ دېيىلگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ باياناتنى بەك بالدۇر ئالدىراپ دېيىلگەن سۆز دەپ قارايمەن. چۈنكى، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. بۇنىڭ باشقا بىر يول يوق. تۈركىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بېشارەت يوق. تۈركىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيەنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن دېگەن گەپ دەپ ئويلايمەن.»
دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس. غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇنى خالىمايدۇ. تۈركىيە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئەمما، تۈركىيە دۆلەت سىياسىتىدە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا يۈز ئۆرۈمەيدۇ. خىتاي دۆلىتى بۇنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما تۈرك جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغاچقا ھۆكۈمەت خىتاينىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.»
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرمەيدىغانلىقىنى، رەقىب دۆلەتلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن دەپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ تىجارىتىنىڭ 60% ئىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى شۇڭا ئۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنى تاشلاپ خىتاي تەرەپكە ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت ئورتىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېنېرگىيە كۇلۇبىنىڭ مەسئۇل دۆلىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2015-يىلى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭنىڭ مەزكۇر باياناتىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.