تۈركىيە «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللامدۇ؟

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.12.30
تۈركىيە «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللامدۇ؟ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى».
Social Media

ئالدىنقى كۈنىدىكى «تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› ھەققىدە سۆھبەت» ناملىق پىروگراممىمىزدا بۇ كېلىشىمنامىنىڭ -2017 يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) نىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.

ھەر قايسى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا نەچچە كۈندىن بۇيانقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىمنامە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بولۇپ، كېلىشىمنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى پەقەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغان. كېلىشىمنامىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قاچان ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەگەر ئەنقەرە بۇ كېلىشىمنامىنى ماقۇللىسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ تۈركىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقنى ئاگاھلاندۇرغان.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېخى مەجلىسكە قويۇلمىدى، لېكىن پات يېقىندا قويۇلۇش ئېھتىماللىقى بار. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن مەجلسنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. خىتاي تەرەپ ماقۇللاپ بولۇپتۇ. بىز ئۇلارغا (ئۇيغۇرلارغا) ئىگە چىقتۇق، يەنە ئۇلارنىڭ يىنىدا بولۇشنى داۋام قىلىمىز. ئىنشائاللاھ، مەجلىسكە قويۇلماس. قويۇلغان تەقدىردە، ماقۇللانماسلىققا، كېچىكتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتكى ۋەزىيىتىدىن بىر ئاز ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «ئەمما ھازىر ماقۇللىنىش ‹خەتىرى› مۇ بار. چۈنكى خىتاي ھەممىمىزنىڭ بىلگىنىدەك، خىتاي ھەر خىل يوللار بىلەن تەسلىكتە تۈركىيەگە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز، قانداشلىرىمىزنىڭ پېيىگە چۈشكەن بىر دۆلەت. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىدىن قورقىدۇ. خىتاي يېپىق بىر دۆلەت، خىتاينىڭ قىلغان زۇلۇمى ئۆزىگە ئايان. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى دۇنيا بىلىدۇ. تۈركىيە بىلەن بۇنداق بىر كىلىشىم ئىمزالىشىنىڭ سەۋەبى تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايتۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىش. تۈركىيەدىن خىتايغا قېچىپ كەتكەن ھېچكىم يوق. ئۈمىدنى يوقاتمايلى! ئۈمىدىمىز شۇكى، ھۆكۈمەتتىكىلەر بۇ كېلىشىمنامىنى مەجلىسكە قويماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەسلىدە قويماسلىقى كېرەك، بىز مەجلىسكە قويدۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە جەمئى 13 پارتىيەدىن سايلانغان 584 مىللەت ۋەكىلى بار بولۇپ، ئاق پارتىيەنىڭ 289 ئورنى، جومھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 138 ئورنى، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ 56 ئورنى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 48 ئورنى ۋە ئىيى (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ 36 ئورنى مەۋجۇت.

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كېلىشىمنامە ئاق پارتىيە تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلسا، قالغان بارلىق پارتىيەلەر بىرلەشكەندىلا ئاندىن بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدىكەن.

جۇمھۇرىيەت خەلق پاتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇ كىلىشىمنامىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشى تۇرىمىز. ئاخىرىغىچە ماقۇللانماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىمىز. بۇ كىلىشىمنامە ئوقۇلغان ۋاقىتتا ئەلۋەتتە ئىچىدىكى خاتالىقلارنى ھەممەيلەن بايقايدۇ. يەنى جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ھەققىدىكى ماددىلار ئېنىق ئەمەس. نورمال ئەھۋالدا ناھايىتى كىچىك ھىسابلىنىدىغان قارشى پىكىر قىلىش، خىتاينىڭ دۆلەت سىستېمىسى ھەققىدە پىكىر قىلىش قاتارلىقلار قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن ‹جىنايەت› قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بىز پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان پارتىيە. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ كېلىشىمنامە خىتايغا قارشى ھەرقانداق تېمىدا ئىپادە بىلدۈرگەن، ئۇ يەردىكى (شەرقى تۈركىستان) دىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە پىكىر قىلغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىلىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ بەك چوڭ ئادالەتسىزلىك. بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەجلىستە بۇ كېلىشىمنىڭ ماقۇللانماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىمىز.»

بىز يەنە مەجلىستە ئاۋاز سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان، يەنى ھازىرقى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باھچەلى ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئىمكان بولمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تۈركىيەگە خىتايدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە مىللىيەتچى ھەرىكەت پاتىيەسى ئەڭ كۆپ ئىگە چىققان ئىكەن. 2002-يىلى مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باھچەلى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا قەشقەرگىچە بارغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلغان.

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئاق پارتىيە ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە مۇنداق خىتاب قىلدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› نى ھەرگىز ماقۇللىماسلىقى كېرەك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىغا ماس كىلىدىغان شەكىلدە ئۆزىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن، خىتايدىن قاچقان، خىتاينىڭ زۇلۇمى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇ يەر (شەرقى تۈركىستان) دىكى مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىشى سەۋەپلىك ھەرخىل يوللار بىلەن تۈركيەگە كېلىپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان تۈركلەرىنىڭ-ئۇيغۇر تۈركلەرىنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۇلار (ئۇيغۇرلار) نىڭ بىر ‹نومۇس بۇرچى› دۇر. ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دەۋلەت باچەلى، مەن سىلەرنىڭ ھەم مۇسۇلمانلىقىڭلار ھەم مىللىيەتچىلىكىڭلار ۋە بۇلارغا بولغان سەزگۈرلىكىڭلار تۈپەيلى بۇ كېلىشىمنى توختىتىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلار، ۋىجدانىڭلار بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بۇ كېلىشىمنامە بالدۇرراق ‹ئىشكاپقا تىقىۋېتىلىشى› (يەنى يوقىتىۋېتىلىشى) كېرەك.»

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلشىتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ھەم ئىرقى ھەم دىنىي جەھەتتىن قېرىنداش بولغان تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نەچچە كۈندىن بۇيان «ئۇيغۇرلار قايتۇرىۋېتىلسە بولمايدۇ» ناملىق خەشتەگ بىرىنچى ئورۇنغا چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.