كەمال قىلىچدارئوغلى تۈركىيە پرېزىدېنتلىقىغا سايلانسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟
2023.03.09

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىندى. بۇ ئىككى نامزات ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ئاۋاز ئۆزلىرىگە توپلاش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىغا نوتۇق سۆزلەشكە باشلايدۇ. بۇ ئىككى نامزاتتىن قايسىسىنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ ئۇتۇپ چىقىشىنى تۈركىيە خەلقى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ.
تۈركىيىدە ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇلارغا ھەمكارلىشىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «دەۋا» پارتىيەسى، «ئادالەت» پارتىيەسى ۋە «سائادەت» پارتىيەسى قاتارلىقلار بىرلىكتە كەمال قىلىچدارئوغلىنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى. ئۇنداقتا، تۈركىيەدىكى مەزكۇر 6 سىياسىي پارتىيە بىر قانچە ئاي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىلگەن كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر مۇخبىرنىڭ «ب د ت دىكى 39 دۆلەت ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەكلىپ خېتىگە ئىمزا قويۇپتۇ، لېكىن تۈركىيە ئىمزا قويماپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى: «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. تۈركىيە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بولۇپمۇ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۆز شېرىكى بولغان دۆلەت پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنىڭغا ئىمزا قويۇشىنى چاقىرىق قىلىشى كېرەك. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەيدىكەن، بۇنى قىلىشى كېرەك.»
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كەمال قىلىچدارئوغلىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخى، كىملىكى ۋە ئۇلارغا قارىتىلغان سىياسەت» ماۋزۇلۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلات «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيىسى، خەلقئارالىق ئامىللارنىڭ رولى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، يېقىنقى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە خەلقئارادىكى پائالىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر تېما تەپسىلىي مەزمۇنلار بىلەن يورۇتۇلغان. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا 134 ئورۇنغا ئىگە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرىنڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
كەمال قىلىچدارئوغلۇ كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، ئۇيغۇر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ئالمىشىپ، 6 پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشى، پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن.»
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كەمال قىلىچدارئوغلى تۈركىيە پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانسا، قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنى قوللاۋاتقان 6 پارتىيە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامدا ئەگەر 6 ئۆكتىچى پارتىيە بىرلىكتە نامزات كۆرسەتكەن كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئۇتۇپ چىقىپ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلسا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىر خەلقئارالىق مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، 6 ئۆكتىچى پارتىيە بىرلىكتە نامزات كۆرسەتكەن كەمال قىلىچدارئوغلۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ تۈركىيە پرېزىدېنتى بولسا ۋە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىسە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.