تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.08.09
Mustafa-Destichi-2018.JPG تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى پارلامېنتتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا. 2018-يىلى 8-ئاۋغۇست. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 6-ئاۋغۇست كۈنى جاكارلىغان 100 كۈنلۈك خىزمەت پىلانىدا «خىتاي بازىرىغا يۈزلىنىش» توغرىسىدىكى قارارى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ئەردوغاننىڭ بۇ پىلانى ئالدىمىزدىكى يىللاردا خىتايدىن مەبلەغ ئېلىپ كېلىش، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ مال سېتىشى، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتى تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتايدىن بىز 25 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلىۋاتىمىز، ئەمما خىتايغا ئاران 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ تىجارەتتىكى 50 مىليارد دوللارلىق قىزىل رەقىمىنىڭ يېرىمى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتىن كېلىپ چىققان.»

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تۈركىيەگە 25 مىليارد دوللارلىق مال ساتقان خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان ۋە دەھشەتلىك زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ زادى قانداق خىتاي؟ ئېنىقكى، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئېزىۋاتقان خىتاي، مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئاتالمىش ‹تەربىيىلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى يوقىتىشقا ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي. بۇ يەنە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بىردىن خىتاينى جايلاشتۇرۇۋاتقان خىتايدۇر. مەن ‹بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى› نىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەيمەن. بىز تۈركىيەنىڭ سىياسەتلىرىدە خاتالىقلار كۆرۈلسە ئۇنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىمىز، ئەلۋەتتە.»

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «خىتاي بازىرىغا يۈزلىنىش» سىياسىتى قانداق بىر سىياسەت؟ ئۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ بۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسى ئىشلىرىغا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟

بىز بۇ سوئاللار ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، كۇتاھيادىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس مەمەتجان ئونسۇ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە مېكسىكا بازىرىغا يۈزلىنىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت، تۈركىيە يۇقىرى تېخنولوگىيەدە باشقا ئىلغار دۆلەتلەرگە تايىنىدىغان بىر دۆلەت. بۇنداق بىر دۆلەت خىتاي بازىرىغا كىرەلەمدۇ-يوق؟ خەلقئارا بازاردا باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ نىسبەتلىك پايدا مۇناسىۋىتىدە ھەمكارلىشالامدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتتە مەسىلە بارلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا مەسىلىلەردە دېگەندەك ھەمكارلىشالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۆزى تۈركىيە بازىرىغا كىرىشنى خالىسىمۇ، ئەمما تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. 

ئىقتىسادشۇناس مەمەتجان ئونسۇ ئەپەندى تۈرك ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسىنى 50 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشمايدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تۈركىيەنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەگە شەرتلىك قەرز بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا تۈرك شىركەتلىرىنى خىتايغا كىرگىلى قويمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيەگە 3 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بەردى. بۇ قەرز پۇلى بىلەن خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيەدە تۆمۈر يول، كۆۋرۈك ياسىماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىمۇ خىتايدىن ئەكېلىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ قويدى. تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتاي بازىرىغا كىرىشى بەكلا قېيىن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق يېقىن كەلگۈسىدە تۈگىمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.»

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئاشۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتىنى قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى. غەرب ئەللىرى بولسا تۈركىيەنى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ھالدا يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.