تۇرپاندىكى نېستۇرىيان دىنى ئىبادەتخانىسىنىڭ بايقىلىش تارىخىغا سۈركەلگەن قارا داغ

0:00 / 0:00

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە سۇپىسىدا «2023-يىللىق خىتاي ئارخېئولوگىيەسىدىكى يېڭى بايقاشلار» تۈرىگە تاللانغان 6 تۈرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىنغان ۋە تاللانغان تۈرلەرنىڭ مۇكاپاتلانغانلىق خەۋىرى بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ سىچۈەن، فۇجيەن، خۇبېي، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىكى يېڭى بايقالغان، شۇنداقلا مۇھىم دەپ قارالغان مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن باشقا، تۇرپاننىڭ بۇيلۇق كەنتىدىكى نېستۇرىيان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىمۇ بار. خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە، تور ۋە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر چەت ئەللەردىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. 2002-يىلى تەسىس قىلىنغان ھەر يىلى ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىن 6 تۈر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدىغان بۇ پائالىيەت، خىتاي ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە يولغا قويۇلغان مۇھىم مۇكاپاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇيلۇقتىن يېڭى تېپىلغان سۈرىيان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كەمتۈك ياپراقلاردىن ئۆرنەكلەر.
بۇيلۇقتىن يېڭى تېپىلغان سۈرىيان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كەمتۈك ياپراقلاردىن ئۆرنەكلەر. (news.cn)

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، تۇرپانشۇناسلىق ئاكادېمىيەسى ھەمكارلىقىدا بۇ ئىبادەتخانا خارابىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى 2021-يىلى باشلىنىپ 2023-يىلى ئاخىرلاشقان. بۇ قېتىمقى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان 2000 دىن كۆپرەك مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئارىسىدا ساپال، تۆمۈر، مىس، ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار ۋە توقۇلما بۇيۇملىرى، تام رەسىم پارچىلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇرچە، سۈرىيانچە، سوغدىچە، خىتايچە ۋە باشقا تىللاردىكى 500 پارچىدىن ئارتۇق كەمتۈك قوليازما پارچىلىرى بار ئىكەن. قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى (860-1284) دەۋرىدە سېلىنغان بۇ ئىبادەتخانا مۇراسىم زالى ئاشخانا، ئۈزۈم ھارىقى قازنىقى ۋە دەم ئېلىش ئۆيلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى 2018-يىلى «خىتاي ئارخېئولوگىيەسى» نىڭ مۇھىم قېزىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خىتاي ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن تارىخىي ئىزلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈپ، ناھايىتى كۆپ ساندا ئاسارئەتىقە ۋە قوليازما پارچىلىرىنى تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھازىرغىچە خىتايلارنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە مۇزېيلىرىدا كۆرسىتىۋاتقان بۇيۇملار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش «قىدىرىپ-تەكشۈرۈش» نىڭ مەقسىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى بىر زېمىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئەزەلدىن خىتاي تېرىتورىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

1905-يىلى تۇرپان قاراغوجا قەدىمىي شەھەر خارابىلىكىدىن تېپىلغان نېستۇرىيان دىنى مەزمۇنىدىكى تام رەسىملىرىدىن بىرى.
1905-يىلى تۇرپان قاراغوجا قەدىمىي شەھەر خارابىلىكىدىن تېپىلغان نېستۇرىيان دىنى مەزمۇنىدىكى تام رەسىملىرىدىن بىرى. (Bérlin Sherqiy Asiya Muzéyi/MIK III 6911)

نېستۇرىيان دىنى خىرىستىيان دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزھەپلىرىدىن بىرى. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، نېستۇرىيان دىنى 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە يېتىپ بارغان. نېستۇرىيان دىنى تاڭ پادىشاھى تاڭ ۋۇزۇڭ (840-يىلىدىن 846-يىلىغىچە) دەۋرىدە ئاتەشپەرەسلىك ۋە مانى دىنلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتتىق چەكلەنگەن. ئىبادەتخانىلىرى چېقىلىپ، مۇرىتلىرى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە كوڭزىچىلىق قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان. شۇ قېتىملىق دۆلەت كۈچىنى قوللىنىپ چەكلەش جەريانىدا، كۆپ ساندىكى نېستۇرىيان ۋە مانى مۇرىتلىرى تاڭ سۇلالىسى تەۋەلىكىدىن قېچىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە بېرىپ پاناھلانغان. نەتىجىدە بۇ دىنلار قوشنا دۆلەتلەردە يېڭىچە بىر گۈللىنىش دەۋرىنى ياشىغان. شەرقىي تۈركىستانغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغانلار قەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە ئىدىقۇتقا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە كۆپەيگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلغان. موڭغۇللار دەۋرىدە بىر مەزگىل كۈچەيگەن بۇ دىن قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئېتىباردىن قالغان. بۇيلۇق نېستۇرىيان دىنى ئىبادەتخانىسى ئەنە شۇ ۋاقىتتا تۇرپاندا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىككى نېستۇرىيان ئولتۇراق رايونىنىڭ بىرى بولغان.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتايلار تەرىپىدىن «يېڭى بايقاش» دەپ داۋراڭ سېلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا خارابىسى 1905-يىلىدىن بۇيان ئىلىم دۇنياسىغا تونۇش جاي بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيىسى جەريانىدا ئالبېرت فون لېكوك (Albert von LeCoq) قا ھەمراھ بولۇپ بارغان تېئودور بارتۇس (Theodor Bartus) تەرىپىدىن بايقالغان.

بۇيلۇق نېستۇرىيان ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىنىڭ 1905-يىلى ئالبېرت فون لېكوك (Albert von LeCoq) ۋە 2010-يىلى ئۇ. سىمس-ۋىللىئامس (U. Sims-Williams) تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرەتلىرى.
بۇيلۇق نېستۇرىيان ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىنىڭ 1905-يىلى ئالبېرت فون لېكوك (Albert von LeCoq) ۋە 2010-يىلى ئۇ. سىمس-ۋىللىئامس (U. Sims-Williams) تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرەتلىرى. (Bérlin Sherqiy Asiya Muzéyi)

ئالبېرت فون لېكوكنىڭ 1905-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېرلىندىكى مەس’‍ئۇلى رىچارد پىشېل (Richard Pischel)گە يازغان ۋە كۈنىمىزدە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيىسى ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر نەچچە پارچە خېتىدە، بۇيلۇقتىكى ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ ھەمراھى بارتۇس تەرىپىدىن بايقالغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا لېكوكنىڭ بۇيلۇقتىن تېپىلغان قوليازما ۋە باشقا ئاسارئەتىقىلەر ھەققىدە بەرگەن تەپسىلىي مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا قوشۇپ ئەۋەتكەن بىر يۈرۈش رەسىملەرمۇ بار. مەزكۇر خەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالبېرت فون لېكوك بىر قىسىم ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا بارتۇسنى بۇيلۇققا بېرىپ تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغان. بارتۇس بۇيلۇقتىكى ئىبادەتخانا ئىزىنى قېزىپ ناھايىتى كۆپ قوليازما ۋە باشقا ئاسارئەتىقىلەرنى تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇرچە، سوغدىچە، پارسچە ۋە كۆپ ساندىكى سۈرىيانچە قوليازمىلار 1000 پارچىدىن ئاشىدىكەن. ئالبېرت فون لېكوك ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى يازغان تەپسىلىي دوكلاتىنى مەخسۇس مۇشۇ خوش-خەۋەر ھەققىدە يازغان. تېپىلغان قوليازما ۋە باشقا بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىنىمۇ تەييارلاپ بۇ خەتكە قوشۇپ رىچارد پىشېل ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يوللىغان.

ئالبېرت فون لېكوك (Albert von LeCoq)نىڭ رىچارد پىشېل (Richard Pischel) گە يازغان خېتىنىڭ 1-بېتى.
ئالبېرت فون لېكوك (Albert von LeCoq)نىڭ رىچارد پىشېل (Richard Pischel) گە يازغان خېتىنىڭ 1-بېتى. (Turpan Ékspéditsiyesi arxipidin/nomuri: 7839)

تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانى بولغان خىرىستىيانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوليازمىلارنىڭ تېپىلىشى، بۇ قېتىمقى ئېكسپېدىتسىيەنىڭ نامىنى تېخىمۇ مەشھۇر قىلىۋەتكەن. قوليازمىلار ئارىسىدىكى شۇ ۋاقىتقىچە دۇنياغا مەلۇم بولمىغان سوغدى تىلىدىكى ئەسەرلەر، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئىنجىل» دىكى مەشھۇر ھېكايىلەردىن «شەرقتىن قۇددۇسقا كەلگەن ئۈچ مۇنەججىم» ھېكايىسى، سۈرىيانچە «زەبۇر» پارچىلىرى ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ياخشى ساقلانغان نېستۇرىيان دىنى تېكىستلىرى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئەسلىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاقتىدا يولغا چىقالمىغان ئالبېرت گرۈنۋېدېل (Albert Grünwedel) نىڭ ئورنىغا سەپەرگە چىققان لېكوكنىڭ قوشۇمچە سەپىرىمۇ ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ، «2-قېتىملىق تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى» دەپ ئاتالغان. بۇ خارابىلىكنىڭ تېپىلىش جەريانى، تېپىلغان قوليازما ۋە باشقا مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ھەققىدە ئالبېرت فون لېكوك كېيىنچە يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا ھېللىنىزم ئىزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

شۇنىڭدىن بۇيان بۇيلۇقتىن تېپىلغان بۇ قوليازما پارچىلىرى، تام رەسىملىرى ۋە باشقا ئاسارئەتىقىلەر، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم مەنبەلەر سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلىنىپ كەلگەن.

1905-يىلى 6-ئايدا بۇيلۇقتىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە نېستۇرىيان دىنى تېكىستلىرىدىن بىر ياپراق. (321 U، ئالدى)
1905-يىلى 6-ئايدا بۇيلۇقتىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە نېستۇرىيان دىنى تېكىستلىرىدىن بىر ياپراق. (321 U، ئالدى) (turfan.bbaw.de)

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئورنى ناھايىتى ئېنىق بولغان، ھەتتا 1905-يىلى لېكوك تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرەتكە قاراپمۇ ئورنىنى ئېنىق تونۇغىلى بولىدىغان دۆڭلۈكتىكى بۇ ئىبادەتخانا خارابىلىكىنى تەكشۈرۈشكە تېخى يېقىنقى يىللارغىچە رۇخسەت قىلمىغان. ئۇلار ھەتتا بۇ ئىبادەتخانا خارابىلىكنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان گېرمانىيە ئالىملىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇلار ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئېنىق ئورنىنى بېكىتىشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى ئاخىرى بۇ جاينى «قايتىدىن بايقىغانلىقى» توغرىسىدا كۈلكىلىك لاپ ئۇرغان.

119 يىلدىن بۇيان دۇنيا ئارخېئولوگىيە ساھەسىگە تونۇش بولۇپ كەلگەن بۇ خارابىلىك قانداقلارچە خىتايغا ناتونۇش بولۇپ كەلدى؟ خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ بۇ جاينى «يېڭىدىن بايقىغانلىقى» نىڭ ئارقىسىغا قانداق سىياسىي مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان؟

خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. خىتاينىڭ يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە بايلىقلىرىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىن ئايرىپ ئۆز ئالدىغا شەرھىيلىشى ھەمدە خىتاينىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى، دۇنيادىكى ھەر ساھە ئالىملىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئېلىپ بارغان بۇ ساختىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم يېڭى تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، چەت ئەللىك ئالىملارنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان. ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلى تۇرپان ۋە كۇچاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا بىرمۇ چەت ئەللىك تەتقىقاتچى قاتناشمىغان. دۇنخۇاڭدا ئېچىلغان ئوخشاش تۈردىكى يىغىنغا تۈركىيەدىن ۋە ئەنگىلىيەدىن بولۇپ پەقەت ئىككى نەپەر چەت ئەللىك قاتناشقان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلامغا زەربە بېرىش، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى تەك ئېتىقادى ئەمەسلىكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا باغلىنىدىغان بۇددىزم، مانى، نېستۇرىيان ۋە باشقا دىنىي مەدەنىيەتكە دائىر قەدىمكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى نۇقتىلىق قېزىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ خىل دىنلار مەۋجۇت بولغان جاي» دېگەننى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئاساسىي ئېقىم يەرلىك مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە لېكوك، بارتۇس قاتارلىق گېرمان ئالىملىرى ئاللىقاچان بايقىغان ۋە دۇنياغا ئېلان قىلىپ بولغان ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارغا كۆز يۇمۇپ، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىپ، «ئىلىم ساھەسىدىمۇ خىتاينىڭ دېگىنى دېگەن» دېگەن خىتاي مەركەزچىلىك سەپسەتەسىنى بازارغا سالماقچى بولغان.

گېرمان ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن 119 يىل ئىلگىرى بايقالغان ۋە دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە ئاللىقاچان بىلەنگەن تۇرپان بۇيلۇقتىكى نېستۇرىيان ئىبادەتخانىسىنىڭ خىتاي ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن يېقىندا «قايتا بايقالغانلىقى» نىڭ بازارغا سېلىنىشى، خىتاينىڭ بىر مەيدان «سىياسىي ئارخېئولوگىيە» ئويۇنىنىڭ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىشىدۇر، خالاس!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.