تيەنجىندىكى پارتلاشتىن كېيىن ھاسىل بولغان زەھەرنىڭ ئاپىتى تېخىمۇ ئېغىر بۆلىشى مۇمكىن
2015.08.19
19-ئاۋغۇست خىتاي دائىرىلىرى تيەنجىندىكى پارتلاش ھەققىدە 9-قېتىم بايانات بەردى، سانلىق مەلۇماتلاردا ئۆزگىرىش يوق، ئەمما دائىرىلەر پارتلاشتىن كېيىنكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئۇنىڭ مۇھىت بۇلغاش دەرىجىسى ۋە خەتىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. خىتاي تۈنۈگۈنكى مەخسۇس باياناتىدا، تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتا114 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى 700 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، 17 مىڭ تيەنجىن ئاھالىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم . تيەنجىن پۇقرالىرىنىڭ تەشۋىشى ۋە ھۆكۈمەتكە نارازىلىقى داۋام قىلماقتا. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى سەيشەنبە تيەنجىندە يامغۇر يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، پارتلىغان 700 توننا ناترىي سياند قاتارلىق تۇراقسىز زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قايسى دەرىجىدە بۇلغىنىش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلمەك تەس.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە مانا بۇ پارتلاشتىن كېيىنكى ئەندىشە قوزغايدىغان ئەڭ جىددىي مەسىلە.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى «رۇيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست پارتلاش يۈز بەرگىنىگە دەل بىر ھەپتە بولغان سەيشەنبە كۈنى تيەنجىندا يامغۇر تامچىلاشقا باشلىغان. ئامما بلوگلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ يامغۇردا يەر يۈزىدە ئاپئاق كۆپۈكچىلەرنىڭ ۋە بەزى يېشىل سېرىق رەڭدىكى كرىستاللارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، يامغۇر تامچىسى تېرىگە چۈشكەندە كۆيگەندەك، ئېچىشتۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ، سۈرەتلەرگە تارتىپ يامغۇر ۋە ھاۋانىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاشنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە بىڭخەي يېڭى رايونلۇق ھۆكۈمەت بلوگىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن دەرھال تەكشۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما بىڭخەي يېڭى رايونى باشلىقى ھۆكمەت بلوگىدا ئاممىغا «يامغۇردا ئاق كۈپۈكچىلەرنىڭ پەيدا بۆلىشى تەبىئىي، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار يامغۇردىن كېيىنكى مۇھىتنىڭ نورماللىقنى تەكشۈرۈپ چىقتى ھاياتى بىخەتەرلىكىڭلاردىن ئەندىشە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
ھالبۇكى، تيەنجىن شەھەرلىك دائىرىلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن مەسئۇل مۇتەخەسسىسى باۋ جىڭلىڭنىڭ 19-ئاۋغۇست مەركىزى تېلېۋىزىيىدە قىلغان سۆزىگە ئاساسلانغاندا پارتلاشتىن كېيىن ھاسىل بولۇۋاتقان بۇلغىنىشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى يەنىلا پارتلىغان خىمىيىلىك ماددىلاردىن ھاسىل بولغان قالدۇق زەھەرلىك سۇلار بولۇپ،ئالدىنقى كۈنى بەزى نۇقتىلاردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 277 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
ئەمما بۈگۈنگە قەدەر پارتلاش يۈز بەرگەن ئىسكىلاتتىكى خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ مىقدارى ئېنىق ئەمەس، دائىرىلەر تارقاتقان ئۇچۇرلاردا ھازىرغىچە تەخمىن قىلىنغىنى ئوت كېتىشتىن بۇرۇن، بىڭخەي يېڭى رايونى «رۇيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا جەمئىي 3000توننىغا يېقىن خىمىيىلىك بۇيۇملار ساقلانغانلىقى مەلۇم. بۇ يادرو قوراللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان، ئېكسپورت ئۈچۈن ھازىرلانغان 700 توننا ناترىي سيانىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پارتلاش نەق مەيدانىدا ئىنتايىن چوڭ بىر ئازگال پەيدا بولغان، ئازگالنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق بار بولۇپ، تەركىبى ۋە قۇيۇنلۇق دەرىجىسى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.
دائىرىلەر پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى باياناتىدا، خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدىكى ناترىي سياندنىڭ سۇ ۋە ئوت بىلەن ئۇچرىشىپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما تەدبىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى. شۇنداقلا پارتلاش مەركىزىدىن بەش كىلومېتىر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، بۇ دائىرىدىكى ھاۋادا بىۋاسىتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزەلەيدىغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن تۆۋەن چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ بۇلغىنىشنى مۆلچەرلەشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شامالنىڭ يۆنىلىشى ۋە تېزلىكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا،پارتلاشتىن كېيىنكى زەھەرلىك گازلارنىڭ قانداق يۆنىلىشكە قانداق تېزلىكتە تارقالغانلىقىنىمۇ بىلىش تەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناترىي سياند قا ئوخشاش ماددىلار ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ ھاۋا ۋە سۇدا ئىنتايىن تېز تارقىلىدىغان ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا بولۇپ، قويۇقلۇقى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە نەپەس يوللىرى ئارقىلىق كىرىپ تېز ئارىدا ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن.
سەيشەنبە ياققان يامغۇردىن كېيىن بۇ زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قانچىلىك بۇلغىنىش ھاسىل قىلغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. بەزى ئامما پارتلاش يۈز بەرگەن رايوندىن 30 كىلومېتىر يىراقتىمۇ بۇ خىل ئاق كۆپۈكلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
تيەنجىن پورتى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەردىن چېن ئەپەندى سەيشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پارتلاش زادى قانداق يۈز بەرگەن،پارتلىغان نەرسە زادى نېمە ؟ قانداق خىمىيىلىك ماددىلار تارقالدى، بىزنىڭ ھاياتىمىزغا قانچىلىك تەھدىت بار بۇلارغا جاۋاب يوق؟ بىز جېنىمىزنى ئاران قۇتقۇزدۇق ئەمما بالا قازا تېخى تۈگىمىدى، ئۆي ماكانىمىزدىن ئايرىلدۇق، بۇ ئاپەتكە كىم مەسئۇل، بولارغا جاۋاب بېرىش دۆلەتنىڭ ئىشى ئەمما ساقلاشتىن باشقا جاۋاب يوق، ھۆكۈمەتنىڭ كارى يوق، مەسئۇلىيىتى بارلارنى تۇتۇپ سولاش كېرەك ئىدى، ھەممىسى مەسئۇلىيەتنى ئىتتەرگەن، بۇ ھۆكۈمەت ئۆزى مەسئۇلىيەتسىز ھۆكۈمەت».
ب ب س نىڭ چارشەنبە خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەۋپلىك ۋە كېرەكسىز بۇيۇملار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى باسكۇت تۇنكاك مەخسۇس بايانات بېرىپ، زۆرۈر بولغان مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىللىكى، بولۇپمۇ «ئوت ئاپىتىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك زىيانلىرىنى ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقى ھەممىدىن ئېغىر ئاپەت» دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «خەۋەرلەردىن، تيەنجىندىكى زور پارتلاشتىن كېيىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىت ھەققىدە زۆرۈر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن مەلۇماتىمىز بار، بىز بۇنىڭ بىلەن قازا قىلغۇچىلار سانىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خەلقنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈزگەن كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىپ، خەتەرلىك ۋە كېرەكسىز بويۇملارغا دائىر مەسىلىلەردە ئاشكارا بولۇشقا چاقىرغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 17-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 غىچە بولغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانى 114 بولۇپ،دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار 700 گە يەتكەن. پورتتا ئىشلەيدىغان 7000 غا يېقىن ئىشچىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، جەمئىي 17مىڭ ئاھالىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.
بۈگۈنكى خەۋەرلەردە 19-ئاۋغۇست كۈنى چارشەنبە، پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە غايىب بولغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە پورت ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ داۋاملىق توپلىنىپ،ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
تاراتقۇلاردىكى سۈرەتلىك ئۇچۇرلاردىن تيەنجىن ئاممىسىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ماسكىلارنى تاقاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇمكى، تىيەنجىندىكى ئامما پارتلاشتىن كېيىنكى زەھەرلىك گاز ۋە خىمىيىلىك ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بۇلغۇنۇشتىن ئەندىشە قىلماقتا، ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بەرمىگىنى ئۈچۈن، شۇ مۇھىتتا نەپەسلىنىشكە، ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئامما، ماسكا بىلەن بولسىمۇ ھاياتىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا. ماسكا ئاممىنى پارتلاشتىن كېيىن ھازىرغىچە تارقىلىۋاتقان ئەمما نامەلۇم بولغان زەھەرلەردىن توسۇپ قالالامدۇ ؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش تەس.