خىتاينىڭ قارا قولى: تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۈچ كىتابى» دىن «موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» غىچە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.10.16
xitay-shinjang-yighin.jpg خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 10-كومىتېتىنىڭ 9-ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 25-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
xjtvs.com.cn

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىدا ئۇزۇنغىچە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىدارە قىلىدىغان تۈرلۈك مىللىي سىياسەتلەرنى ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى. خىتاي «ئاساسىي قانۇنى» ۋە خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسى شەكلەن تەكىتلەنگەن ئىدى. 1947-يىلى قۇرۇلغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ 1955-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە 1965-يىلى قۇرۇلغان تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پروگراممىلىرىدا، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش، ئۆز تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش، مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ھەمدە ھەرقايسىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ھالبۇكى، 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەنلىكى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ پۈتۈنلەي بىر قۇرۇق ۋەدە ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى ھېچقانداق مەدەنىيەت پەرقى بولمىغان بىر ئۇلۇس دۆلىتىنىڭ گەۋدىسىگە يۇغۇرۇۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلگىنىدەك، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ 25-ئاۋغۇست كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنى نەشر قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارى، دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئىگىلىنىشىچە، «موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى بۇ ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن موڭغۇل تارىخشۇناسلارنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش مەسىلىسىگە بولغان جىددىي ئەندىشىسىنى قوزغىغان مۇھىم تېما بولماقتا.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان ياپونىيەدىكى شىزىئوكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Shizuoka University) ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، «موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق بۇ كىتاب گەرچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان «مەسىلىلىك كىتاب» قا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىتابتا موڭغۇللارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە موڭغۇللارنىڭ ئۆزىنى ھەرگىزمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ قارىمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتاب ئەينى چاغدا موڭغۇل تارىخچىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمىغان بىر كىتاب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

«مەن بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ كىتابتا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن توغرا بولمىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرا قويغاندا بىرىنچى قول مەنبەلەرگە ھەمدە ئىشەنچلىك مەلۇمات-ئۇچۇرلارغا تايىنىش شەرت. ئەمما ‹موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى›نى يازغۇچىلار بۇ كىتابتا سېرىق تەنلىكلەر تۈركۈمگە تەۋە قەدىمكى ئىنسان تۈركۈملىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كۆز قاراش ئەينى چاغدا موڭغۇللارنى خىتايلار بىلەن بىر ئىرقىي مەنبەگە باغلىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزىنى ئۆرۈپلا، بۇ كىتابتا موڭغۇللارنىڭ ‹مىللەتچىلىك› ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان، دەپ قارىلاۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ تارىخىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن قىسقا بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ‹موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ قىسمىتى خۇددى ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ‹ئۇيغۇرلار›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى›، ‹ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› قاتارلىق 3 كىتابىنىڭ تەنقىد قىلىنىش ۋەقەسىگە ئوخشايدۇ. تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ھونلارغا باغلاپ يېزىلغان ئىدى. مېنىڭچە، بۇ كىتابلاردىكى مەسىلىلەر ئاساسەن ئوخشايدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، كۆپ توملۇق «موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلار ئىچكى موڭغۇل تارىخچىسى مەنساڭ تەيچۇد (Mansang Taichuud) نىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، 2004-يىلى لياۋنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب ئەينى چاغدا «جۇڭگو دۆلەتلىك كىتاب مۇكاپاتى»، تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ھۆكۈمەت نەشرىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىكەن. بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى «جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىنىڭ 13-ئەسىردىن بۇرۇنقى بوشلۇقنى تولدۇرغان، موڭغۇل تارىخىنى قەدىمكى دەۋرلەردىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئۇلىغان» دېگەندەك باھا ۋە «شان-شەرەپ» لەرگە مۇيەسسەر بولغان بۇ كىتاب، بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن چەكلەندى؟

ۋەھالەنكى، بۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەت ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەن ئىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتابىمۇ نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەن ھەم چەكلەنگەن ئىدى. شۇنداقلا 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى بويىچە «ئۈچ كىتابنى تەنقىدلەش» ھەرىكىتى قوزغالغان ئىدى.

ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى تارىخىي كىتابلىرىنىڭ شۇنچە ئەندىشىلىنىدۇ؟ خىتاينى قورقۇنچقا سېلىۋاتقان مەسىلە زادى نېمە؟ پروفېسسور ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەزەلدىنلا چېگرا رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئەندىشىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:

«ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي چېگرا رايوندىكىلەرنىڭ تارىخىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىغا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. خىتاي يەنە موڭغۇللار تارىخىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تارىخىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تارىختا بۈيۈك دۇنيا ئىمپېرىيەسى قۇرغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. خىتاي ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە تەئەللۇق ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا بۇ رېئاكلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، بەلكى بىزنى خىتايدىكى ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. تۇرغۇن ئالماسنىڭ ‹ئۇيغۇرلار› قاتارلىق 3 كىتابىنىڭ تەنقىد قىلىنىشى، دەل خىتاينىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي تارىخىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورققانلىقىنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر. چۈنكى خىتاي چېگرا رايونلارنىڭ بۇ خىل پەرقلىق بولغان تارىخىنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنى ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى› نىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ‹جۇڭخۇا مىللىتى›نى سىرتقا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتايلاردا ‹باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈش كېرەك› (灭人之国,必先去其史) دېگەن بىر سۆزى بار. شۇڭا خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قانداقتۇر ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىگە چوقۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تولىمۇ قەبىھلىكتۇر. خىتاينىڭ ئەزەلدىنلا كۆپ خىللىشىشقا نىسبەتەن بىر قورقۇنچى بار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە ئوخشىماسلىقنى بىر خىل ۋەھىمە دەپ قارايدۇ. ئۇ ھەتتا باشقىلارنىڭ پەرقلىق بولغانلىقىدىنمۇ قورقىدۇ. خىتاي پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى ئازادە، بىخەتەر ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلىدۇ. بۇنىڭ چېكى يوق.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، سىياسىي ئانالىزچى ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ تارىخىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈش ۋە زىيالىيلارنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ بىر تارىخىي ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ‹باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈشۈڭ كېرەك› دېگەن ئىدىيومىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئاخىرىدا ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان يەرلىك مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا دۈشمەن كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى، تارىخىنى بۇرمىلاپ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، «موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىشنى توختىتىشى ھەققىدە «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نيۇ-يورك جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى (SMHRIC) نىڭ مۇدىرى ئېنگېباتۇ توگوچوگ (Enghebatu Togochog) نىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق مەقسىتى ناھايىتى ئېنىقكى، ئىشغال قىلىنغان زېمىنلاردىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەتلەرنى، يەنى جەنۇبىي موڭغۇلىيە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش نىشان قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.