شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى-شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش
2013.09.09
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئۇران كانى ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىم ئىمزالىدى. كەرىمووف كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا خىتاينى ماختاپ، «خىتاي بىزنىڭ پۈتكۈل مۇستەقىل تەرەققىيات مۇساپىمىزدە بىزگە ھېچقانداق شەرت قويمىدى شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە ھېچقانداق سىياسىي ۋە باشقا شەرتلەرنى تاڭمىدى» دېگەن. غەرب ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم شەرت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى بولسىمۇ، بىراق بىخەتەرلىك مەسىلىسى خۇسۇسەن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە رېئال تەھدىت پەيدا قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئوخشاشلا شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. شى جىنپىڭ بىلەن كەرىموف دۈشەنبە كۈنى كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ت مۇداپىئە ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك» كە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە، چېگرا ھالقىغان جىنايەت ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 2014-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن رايوندا بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بوشلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئافغانىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىك جىھادچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئىلگىرىلەپ تەھدىت پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا 16 ئاي قالدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قوراللىق قىسىملار بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ئەھۋالدا ئافغانىستاندىكى جىھادچى پىدائىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ۋە بىشكەكتىكى باشلىقلار يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، بىخەتەرلىك جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.
خىتاي نۇقتىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە تەبىئىي بايلىققا مەبلەغ سالغان. خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كان ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىكى ئىزچىل پىلانى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش.
بىراق خىتاينىڭ مەبلىغى بەزى ئەللەردە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نوقۇل تەبىئىي بايلىق قوغلىشىپ مۇھىت، يەرلىك خەلقنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىنىڭ، مەبلەغ ۋە تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر.
شى جىنپىڭ، سانت-پېتېرسبۇرگدىكى 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغاندا تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، گالقىنىش تەبىئىي گازلىقىنىڭ ئىشقا كىرىشىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەبىئىي گازلىقنىڭ ئېچىلىشىغا 8 مىليارد دوللار قەرز بەرگەن ئىدى.
ئىككى تەرەپ يەنە، 2020-يىلغىچىلىك خىتاينى گاز بىلەن تەمىنلەشنى يىلىغا 65 مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان.
شى جىنپىڭ سانت-پېتېرسبۇردىكى باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەنبە كۈنى قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندا، پرېزىدېنت نەزەربايىف بىلەن 30 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. مەزكۇر كېلىشىم قازاقىستاندا نېفىت ئەسلىھەسى قۇرۇش، قازاقىستاننىڭ قاساغان نېفىتلىكىنىڭ 5 مىليارد دوللارلىق 33.8 پىرسەنت پاي چېكىگە خىتاي نېفىت شىركىتى شېرىك بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شى جىنپىڭ كەرىموف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يەنە، 5 نۇقتىلىق ھەمكارلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىن سودا بەلۋېغى قۇرۇش، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تاش يول ۋە تۆمۈر يولنى تۇتاشتۇرۇش، بىرلەشمە ئالاھىدە سانائەت رايونى قۇرۇش، ئىككى ئەلنىڭ مەدەنىيەت ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بىراق كەرىموف ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئەڭ ئالدىنقى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.