خىتاينىڭ زور مەبلەغ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بەرپا قىلىۋاتقان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كەينىدە نېمە بار؟
2022.06.24

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا زور كۆلەملىك ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە تۆمۈريول تىرانسىپورت قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق بىۋاستە خىتاي ئۆلكىلىرىگە باغلاشقا ۋە ئارىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
خىتايدا چىقىدىغان «خەلق تورى» نىڭ 16-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خىتاي بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۇزۇنلۇقى 2712 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى رەسمىي تۇتاشتۇرغان.
خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى غەربتە خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە چاقىلىق ناھىيەسىگە تۇتىشىدىكەن. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنى «قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى يولى» دەپ تەرىپلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن چىقىدىغان پاختا، ياڭاق، چىلان ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىشتىكى «ياخشى پۇرسەت» دەپ باھالىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 16-ئىيۇن كۈنى، بىڭتۇەنىگە قاراشلىق ئارال شەھىرىگە جايلاشقان ئارال-تارىم ئايرودرومى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېگىزلىكتىكى تاشقورغان قونجىراپ ئايرودرومىمۇ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر رايونىدا يەنە 25 ئايرودرومنىڭ قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. تاشقورغان-قونجىراپ ئايرودرومى بىلەن ئارال-تارىم ئايرودرومىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋا يوللىرى قاتناش نۇقتىسى 24 كە يەتكەن بولۇپ، خىتاي بويىچە ئايرودروم ئەڭ كۆپ، ھاۋا يوللىرى تورى ئەڭ زىچ رايونغا ئايلانغان.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئېلىدا بەرپا قىلغان زور كۆلەملىك ھاۋا، تاشيول ۋە تۆمۈريول تورى ئارقىلىق، رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، تىجارىي لىنىيەلىرىنى ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە كېڭەيتىش، شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش ئىستراتېگىيەسىگە شارائىت ھازىرلاۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، قاتناش ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى، ئېتنىك ۋە گېئو-سىياسىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدىكى بىر ۋاستە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيىتى، ياشاش ئۇسۇلى ۋە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر-بىرلەپ يوقىتىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كىسىپ ئۆتىدىغان ئىككىنجى تاشيول لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدىكەن. خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور كۆلەملىك قاتناش نۇقتلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ لىنىيە بويىدىكى بايلىقلارنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىيەسىنى مۇستەھكەملەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتناش-تىرانسپورت نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا دەل مۇشۇ قاراشتىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتناش ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى كىڭەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىۋاتقان قاتناش ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئىچكىي فۇنكىسىيسىنى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيەسى بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرى تۈپەيلى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.