فرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم يېقىندا «ئۇرسۇلانىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى» ناملىق بىر ئەسەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەسەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
فرانسىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئازادلىق گېزىتى»گە بېرىلگەن «ئۇرسۇلانىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى» ناملىق بۇ ئەسەر فرانزۇسچىدىن ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەسەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا تۈرلۈك ئويدۇرما سەۋەبلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كۆپلىگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ھەيدەپ چىقارغان بولسىمۇ، بۇ ھادىسە چەتئەللەردە ئۇ قەدەر زور غۇلغۇلا قوزغىمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇرسۇلا خانىمنىڭ 2015 - يىلى 18 - نويابىر ئېلان قىلغان ماقالىسى سەۋەبلىك يىل ئاخىرىدا خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئەكىس سادا ۋە مۇنازىرە قوزغىدى. چۈنكى ئۇرسۇلا خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئىي قىلىنغان، قاتتىق چەكلەنگەن نازۇك بىر تېمىدا، يەنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئىدى.»
ماقالىدە يەنە شۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خەلقارا تېررورىزمغا قارشى كۆرەش سېپىدە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ دۇنيا تېررورىزمىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2014 - يىلى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ۋە بۇ قېتىم ئۇرسۇلا گوتىيىرنى خىتايدىن ھەيدەپ چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئەپسۇسكى، ئىلھام توختى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلالايدىغان يىگانە كىشى ئىدى.»
خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم «ئۇرسۇلانىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى» ناملىق بۇ ماقالىسىدا يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان:
«دەرھەقىقەت، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى، ئۈمىدىنى يوقاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىۋاتىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، 2009 - يىلىدىن بۇيان بۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيۈپ ئۆلگەن تىبەتلىكلەرنىڭ سانى 150 دىن ئارتىپ كەتتى. دۇنياغا ھەقنى ھەق، دەپ ئېلان قىلغان فرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىمنى قوللىساق، خىتاينىڭ قاپقىنىغا چۈشمىگەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي، ئەخلاقىي، ۋىجدانىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز.»
گېرمانىيەدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۈزەتكۈچىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بىز مەزكۇر ماقالىدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن، خىتايچىنى راۋان سۆزلەيدىغان فرانسىيىلىك خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىمنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر ماقالىدە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ «ئۇرسۇلا خىتايدا ئىلگىرى - كېيىن 20 يىلدەك تۇردى. كۆپ جايلارغا باردى. خىتاينىڭ سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر رايونىغىمۇ بىرقانچە قېتىم بارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۆز مەدەنىيىتى، كىملىكى بىلەن ياشاش ھەقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇرسۇلانىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى بار ئىدى. 2015 - يىلى 3 - نويابىر پارىژدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دەرھاللا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، <بىز تېررورىزمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىمىز لازىم، بىزنىڭ خىتايدا شىنجياڭلىق تېررورچىلار بار، سىلەرنىڭ فرانسىيەدە ئىسلام رادىكال كۈچلىرى بار. ھەر ئىككىمىز ئوخشاشلا تېررورىزمنىڭ قۇربانلىرى> دېدى. ئۇرسۇلا بۇ پىكىرگە قارشى چىقتى. ئۇ سۆزىدە، <شىنجياڭدىكى مىللەتلەر خىتاي ھوكۇمىتىنڭ قاتتىق باستۇرىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ، بىزنىڭ پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇر يۇرتىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئورتاقلىقى يوق>، دېدى. بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق نارازى بولدى. «ئەجەبا، سىلەرنىڭ فرانسۇزلار ئادەم، بىزنىڭ خەنزۇلار ئادەم ئەمەسمىكەن>، دېدى. ئۇرسۇلا بولسا؛ <مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، ئەمما ئىككىسى ئىككى مەسىلە. شىنجياڭلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى چىقماقتا، بەزى چاغدا ئۇلار زوراۋانلىق ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ، فرانسىيەدىكى تېررورلۇق بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشىلىقنى پەرقلەندۈرۈش لازىم> دېدى. مەن ئۇرسۇلانىڭ پىكرىنى قوللايمەن.»