«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟
2022.07.06

بۈگۈن، 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ دەل 13 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇل كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىدە خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوق چىقىرىپ قانلىق باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن تىنچ ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى مەلۇم.
بىز «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا بۇ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغان، ھازىر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. يېقىنىقى 4 يىلدىن بېرى شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىزچى ئەنە شۇ شاھىتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا «شىنجاڭ ئەجرىم بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ خوجايىنى بولغان ھەبىبۇللا ئىزچى بۈگۈن، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن بۇ قىرغىنچىلىقتا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. تۆۋەندە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ شاھىتلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ 1-قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.