خىتاي بىلەن تالىبانلارنىڭ دوستلۇقى مىنىستىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشتى. بۇ غەلىبىنى ئالدى بىلەن خىتاي تەبرىكلىدى. تۈركىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئەربابمۇ تالىبانغا دوست تارتقان بولدى. دىققەتكە سازاۋەركى، تۈركىيەدە دىندار ئاق پارتىيە ئاتامانلىرى ئۇيغۇر ئەربابلاردەك تالىباننى تەبرىكلىمىدى. ھەتتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ تالىباننى نە تەبىرىكلىمىدى، نە تەستىقلىمىدى.
تالىباننىڭ كابۇلنى كونترول قىلىشى خىتاينى ھاياجانغا سالدى. خىتاي بۇنى تالىباننىڭ ئامېرىكا ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسى قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈردى. خىتاي بۇ ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھازىرلىنىپلا قالماي دۇنيانى بۇ «رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا» چاقىردى. پاكىستانلىق سىياسىي ۋە دىنىي سەرخىللارنىڭ كۆپى كۈتۈلگەندەك خىتاينىڭ مەيدانىنى تەكرارلىدى، ئەمما تۈمەنلىگەن ئافغان كۆچمەننى چېگرادا توسۇۋالدى. تۈركىيەدە تالىباننىڭ غەلىبىسىدىن ئەڭ ھاياجانلانغىنى داڭلىق تۈرك ئۆلىمالار ئەمەس، بەلكى دىنسىز كومۇنىستلار بولدى. ھاياتى ئىسلام، ئۇيغۇر دۈشمەنلىكى بىلەن ئۆتكەن خىتايپەرەس دوغۇ پېرىنچەك تالىباننى «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يەڭگەن قۇتقازغۇچى قەھرىمان» غا چىقاردى. ئۇ تالىبان ھەرىكىتىنى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاتتى.
خىتاينىڭ دوستى تالىباندىن سۆيۈنگەن ھاياجانلىق مىنۇتلىرى ئاخباراتلاردا يېيىلدى. ھەتتا خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرى كابولدا فىلىم ئىشلەپ تالىبان كونتروللىقىدىكى ئافغانىستاننى «ئىنتايىن بىخەتەر» دەپ تەرغىپ قىلىشتى. ئەمما شۇ «ئىنتايىن بىخەتەر» يەردە ئادەمبومبا ھۇجۇمى بولۇپ، ئىنسانلار جانلىرىدىن جۇدا بولدى. تۈمەنلىگەن كىشىلەر شۇ «بىخەتەر» دېيىلگەن يەردىن قېچىش ئۈچۈن ئايرودروملارغا ئاقتى، ئايرۇپىلانغا ئېسلىپ ھاياتىدىن خوشلاشتى.
خىتاينىڭ تالىباننىڭ قولىدىكى ئافغانىستاندا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشىمۇ تاسادىپىلىق ئەمەس. ئۇ بىر يېڭىلىقمۇ ئەمەس. چۈنكى 1996-يىلى ئافغانىستاندا تالىبان ھوقۇقنى ئالغاندا خىتاينىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى چېكىنمىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بارلىق خادىملىرى ئافغانىستاندىن ئاساسەن چېكىنگەن ئەھۋالدىمۇ، ئۆز خىزمىتىنى نورمال داۋام قىلغان ئىدى. خىتاي 2001-يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكا باشلىق ناتو قىسىملىرى كابولدىكى تالىباننى بومباردىمان قىلغۇچە، شۇ يەردە موقىم تۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى تالىباندىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا، خىتاي ئاخباراتى ئافغانىستاننىڭ «ئىنتايىن بىخەتەر» ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەلۋەتتە، كونا دوستلار بىر بىرىنىڭ يېغىرىنى ئاچمايدۇ.
خىتاينىڭ تالىبان ھوقۇقنى ئالغان ھامان مەتبۇئاتلاردا «ئۇيغۇر قوراللىقلار» مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ توختىماسلىقىمۇ بىر تاكتىكا مەسىلىسى. خىتاي تالىباننىڭ ئۇيغۇرنى 25 يىلدىن بېرى خىتايغا يېقىن چېگراغا يېقىن يولاتمىغاندەك، بۇ قېتىممۇ ئۇلارنى ۋاخان كارىدورىغا يېقىنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما دۇنياغا ئۇيغۇرنى «تېرورچى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇنى قەستەن تەكىتلەيدۇ، ئاتايىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاينىڭ خۇددى ھەممىنى ئالدىن بىلگەندەك، بىر ساختا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى ياساپ چىققانلىقىمۇ سىر ئەمەس.
خىتاي ياساپ چىققان ساختا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئافغانىستاندا بىر مەزگىل پائالىيەت قىلغان بولۇپ 2020-يىلى 10-دېكابىر پاش بولغان، تۇتقۇن قىلىنغان ئەزاسى ئون. ئۇلارنىڭ 8 نەپىرى ئۇيغۇر، قالغان ئىككىسى خىتاي. بۇ ساختا تەشكىلات تالىباننىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچلىرىدىن بىرى بولغان «ھەققانى گورۇھى» بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان ۋە كابۇلدا مەخپىي كۆرۈشكەن. خىتاي، ئامېرىكا تالىبان بىلەن كېلىشىپ ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلغان چاغدا ھەرىكەت باشلىغان. ئامېرىكا ترامپ دەۋرىدە تەييارلىق قىلىپ بولغىچە خىتاي بىر ساختا «ئۇيغۇر تېرورلۇق گورۇھى» نى پەيدا قىلىپ تەييار قىلغان. ئەگەر شۇ ساختا «تېرورچى» لار پاش بولمىغان بولسا، بۇ كەمگىچە بەلكىم بىر قانچە يەردە پارتلاشنىڭ ئىگىسى ئۇيغۇر بولغان بولاتتى.
ئافغانىستاندىكى ئېنىقسىز ۋەزىيەت ئۇزاققا داۋام قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن زىيانلىق، بەلكىم خىتاي يەنە بىرەر ھېيلە ئويلاپ چىقىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىغا قورقۇنچلۇق زەربە بېرىشىمۇ مۇمكىن. تالىبان 1996-يىلى ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرغان چاغدىمۇ خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرنىڭ ھەر قايسىي شەھەرلىرىدە بىنورمال ۋەقەلەر تۇيۇقسىز كۆپلەپ كەتكەن. تەبلىغلەرمۇ قايناپ كەتكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ دەل شۇ تالىباننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن دىنىي ۋە مىللىي داۋا دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن.
تالىبان تۇنجى قۇرغان ئىسلامى ئەمىرلىككە خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا پاكىستاندىن تەبرىكلەر كەلگەن، خىتايدىن ئۆمەكلەر، مۇخبىرلار بارغان ۋە بىن لادىن بىلەن كۆرۈشكەن. بىن لادىن بىر قەھرىمان دېيىلىپ خىتايدا كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تالىبانغا پاكىستان، ئەرەبىستان ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن باشقا ئېتىراپچى چىقمىغان. بۇ ئېتىراپچىلارنىڭ ئۇيغۇرنى قارىلاشتا، ئوۋلاشتا ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە ناھايىتى ئاكتىپلىقى نەزەرگە ئېلىنسا، مەنزىرە بەكمۇ مەنىدار.
خىتاي 1996-يىلى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن ئەلچىخاناسىنى نورمال ئىشقا سالغان، تالىبان بىلەن دېپلۇماتىيەنى قانات يايدۇرغان. ئەپسۇسلۇق يېرى، تالىبانغا ئېتىراپچى پاكىستان، ئەرەبىستان ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قىرغىنچىلىق قىسمىتى كەلگەندە ناتىۋان ئۇيغۇرنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھەتتا ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خىتاينىڭ تۈرمىسى بارلىقى پاش بولۇپ قالغان بولدى. ھازىر بۇ مەخپىي تۈرمىدە قانچە ئۇيغۇر بار، ئۇلارنىڭ ھالى نە، بۇ تېخىچە بىر مۇئەمما. خىتاي دۇبەيدە قۇرغان تۈرمەنى تالىباننىڭ قولىدا يەنە قۇرۇشىمۇ، يەنە بىر «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.
تالىباننىڭ ئىسلام ئەمىرلىكى قالپىقى مۇسۇلمانلارنى ئەتراپىغا يىغقانىدى. بۇ 2001-يىلى سېنتەبىردىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا «تېرورچى» دېگەن بەتنامىنى ئارتىشقا يارىدى. خىتايمۇ شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرنى «تېرورچى» دېيىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇيغۇر «بۆلگۈنچى» دېيىلسە، «مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدۇ» دېيىلسە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بولۇشمايدۇ. مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پىكىر ئەركىنلىكىگە مەنسۇپ مەسىلە. دېموكراتىك ئەللەر خىتاي ھەرقانچە تەلەپ قىلسىمۇ ئۇيغۇردىكى بۇ ئەركىنلىكنى چەكلىمايدۇ. ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشىنى «تېرورىزىم تەھدىتى» دەپ بېقىپ بازار تاپتى. 22 ئۇيغۇرنىڭ تالىبان سېپىدە، ئافغانىستاندىن قاچقانلار ئارىسىدا بولۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى «تېرورچى» قىلىشغا تولۇق باھانە تېپىپ بەردى. نەتىجىدە خىتاي ئامېرىكا ئىلگىرى سۈرگەن «تېرورچى» ئۇقۇمى بويىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلاشتۇردى.
تالىباننىڭ بۈگۈنكى ھاكىمىيىتىنى قوللاۋاتقان خىتاي مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا «تېرورچى» كۆرسىتىشكە تېخىمۇ كۈچەۋاتىدۇ. يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر تۈركۈم يوشۇرۇن ئىسىملىق تالىبانلار ئۇيغۇردا بىر تالىبان قىزغىنلىقى قوزغاشقا زورۇقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمى سورالسا، ئۇلار «پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەقىقىي ئىسمىنى دەپ بەرمىگەن» دەپ قۇۋلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئىسلام بىلەن نىقاپلاپ كىشىلەرنى گۇمان قىلالماس، سوئال قويالماس، قارشى چىقالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. تالىباننىڭ تەشۋىقاتى تورنى تۇيۇقسىز قاپلاپ كەتكىنى ئۈچۈن فېيىسبۇكمۇ ئۇلارنى چەكلىدى، بۇ بىزگە توردىكى خىتاي-تالىبان ھەمكارلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ، بۇ بىر قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.
ئافغانىستاندا ساختا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى قۇرالىغان ۋە سەككىز ئۇيغۇرنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىپ تالىباننىڭ مەشھۇر «ھەققانى گورۇھى» بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرغۇزالىغان خىتاي، توردا تالىبان قىزغىنلىقى قوزغىيالايدۇ. بەزى ئىمانلىق، ساددا كىشىلەرنى يېزا-يېزىلاردىن ئىسلام بىلەن قىزىقتۈرۈپ سۈرىيە چۆللىرىدە، ئىراق سەھرالىرىدا خاراپ قىلالىغان خىتاي، مۇھاجىرەتتە ئامان قالغان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلارنى تالىبانغا يوللاشقا تامامەن قادىر.
خىتاي تۈركىيەنى «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ ئىجراچى دۆلىتى قىلىپ تاللىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەشنا ئالتۇندەك ياشلار يەنىلا تۈركىيەدە كۆپ. ئەگەر سۈرىيەگە ئېچىلىپ كەتكەن قاپقاقلار ئافغانىستانغىمۇ ئېچىلىپ كەتسە، چېگرادا كۆزلەر يەنە يۇمۇلۇپ كەتسە، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. سۈرىيەدىكى پالاكەت ئون يىلدىن كېيىن ئايدىڭ بولدى. تالىباننىڭ پالاكىتى باشلىنا-باشلانمايلا پاش بولۇپ، خىتاي قۇرغان ساختا «ئىسلام تەشكىلاتى» نىڭ مېزى چۇۋۇلدى. ئەمما يۇقىرىقىلارنى قىلغان خىتاي، يەنە قىلىشقا قادىر. بۇ ئۇيغۇرنى باستۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە پاكىستان بىلەن ھەمتاۋاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تەجرىبىسى.
ئۇيغۇرنى 1957-يىلدىن باشلاپ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن خىتاي، 1996-يىلى تالىبان ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇشىدىن كېيىنلا پەدىنى ئۆزگەرتتى. خىتاي تالىباننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ئۇيغۇردا بىنورمال كۆپەيگەن دىنىي كىتاپ، تەبلىغ ۋە پارتىلاشلارنى باھانە قىلىپ «شىنجاڭغا ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەردىن كېلىدۇ» دەپ جاكارلىدى. خىتاي ۋەتەندە بىر «خەۋپ» نى تەشۋىقاتتا ئىككى قىلىشىغا ماسلاشقاندەك، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرمۇ «دىنچى» ۋە «مىللەتچى» دەپ ئىككى قاشقا ئايرىلدى. خىتاي تەشۋىقاتتا ئايرىغان بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەمەلىيەتتە بىر بىرىگە دۈشمەن بولدى.
دېمەك، تالىباننىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىدە كۆرۈلگەن بىر سىرلىق قۇيۇن، ھەم شۇنداقلا بىر ئالۋۇندۇر.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.