خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى «ئۇيغۇر» بولۇۋېلىشنىڭ ئارقىسىغا نېمە غەرەزلەر يوشۇرۇنغان؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.04.25
kimlik-uyghur-juntingjingmei دوستىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەت تەدبىرى ۋە بۇنىڭ تەسىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بەزى رەسىم ۋە سىنلىق ئۇچۇرلار، يەنىلا ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق تور دۇنياسىدا پاش بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ھەقىقىي ئەھۋاللار پاش قىلىنغان بۇ خىل ئۇچۇرلار چەكلىك بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزىتىۋاتقان تاشقى دۇنيادىكى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى جىنايەتلىرىنى دوكلاتلاشتۇرۇشتىكى، مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئايلانماقتا.

ئەنە شۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ بىرى مۇھاجىرەتتىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق، ئىلشات ھەسەن قاتارلىقلارنىڭ يېقىندا X ۋە فەيسبۇك قاتارلىق چەت ئەللەردە ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۆز ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن، ئەسلى مەنبەسى دوۋيىندىن تارقىتىلغان بىر قىسقا سىن كۆرۈنۈشىدۇر. بۇ سىن زور دىققەت ۋە ئىنكاس قوزغىماقتا.

بىر خىتاينىڭ كىملىك كارتىدا، سالاھىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىلىپ يېزىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن بۇ قىسقا سىندا ئىپادىلىنىشىچە، بىر خىتاي ئەر، يەنە بىر خىتاي قىزغا ئۆزىنىڭ بىر «ئۇيغۇر» دوستىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم دۇكانغا كىرىدۇ. ھالبۇكى ئۇ تونۇشتۇرماقچى بولغان قىز خىتاي ئىدى. ئۇ قىز ئەردىن ھەيران بولۇپ «بۇ نەدە ئۇيغۇر بولسۇن؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ خىتاي ئەر، ھەجۋىيلىك ھالدا ئىشەنمىسەڭ كىملىكىنى كۆرسەتسۇن دەيدۇ. «ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرۇلغۇچى قىز كىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كىملىكتىكى ئىسمى خىتايچىمۇ ئەمەس، ئۇيغۇرچىغىمۇ ئوخشىمايدىغان «جۈتىڭ جىڭمى» دەپ يېزىلغان. مىللىتى دېگەن يېرىگە بولسا «ئۇيغۇر» دەپ يېزىلغانىدى.

بۇ كىملىكتىكى ئادرېسقا قارىغاندا، مەزكۇر كىملىك پوسكام ناھىيە پوسكام بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق، 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان بىر خىتايغا خاس ئىدى.

ھەجۋىيلىك كۈلكىلەر بىلەن تارقىتىلغان بۇ قىسقا سىن، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ ھەمبەھىرلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرۈۋاتقان بولسا، كۆزەتكۈچىلەردە جىددىي ئىنكاس قوزغىغان بىر تېمىغا ئايلانماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ ھەم تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى بىلەن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ ۋە ئازلىتىپ ۋە يەنە ئەۋلادلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقان ئوخشاش ۋاقىتتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى «ئۇيغۇر» قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئورنىنى، ئۇيغۇر قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتايلار بىلەن تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك، رەزىل پىلانىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ كۆرسەتكەن.

بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساختىلىقىنىڭ ئارقىسىغا، ئۇلارنىڭ يالغۇز لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مال مۈلۈك ۋە يەرلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلغان.

خىتاي ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلاردىنمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پاش بولغان ئۇچۇرلاردا خىتاينىڭ ھەر خىل ئەۋزەل سىياسەتلىرى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىغا. تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا كىرىپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى، ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇللارنى مەخسۇس كۇرسلاردا ئۆگىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ دوپپا، ئەتلەس كۆڭلەك دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى بويىچە كىيىنىپ، چەت ئەللىك ۋە خىتاي زىيارەتچىلەرگە ئويۇن كۆرسىتىۋاتقانلىقىدەك، خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت ئوغرىلىقلىرىمۇ كۆپلەپ پاش بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

خىتايلار ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋامىدا يالغۇز نوپۇس جەھەتتىن ئازىيىپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىمۇ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتايدا كۆتۈرۈلگەن بۇنداق «ئۇيغۇر» بولۇش قىزغىنلىقى، كۆزەتكۈچىلەردە كۈچلۈك گۇمان قوزغىغان ۋە دىققەت تارتقان بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئائىت كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ خىل غەيرىي ئەھۋالغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىدە جىددىي گۇمان ۋە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بەزى خىتايلارنىڭ سالاھىيىتى «ئۇيغۇر» قىلىپ ئۆزگەرتىۋېلىشتەك غەيرىي ئەھۋال-2018 يىللىرىدىلا يەنى ئۇيغۇرلار كۆپلەپ لاگېرلارغا تۇتۇلۇپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقان ئوخشاش ۋاقىتلاردىن باشلاپلا پاش بولۇشقا باشلىغان ئىكەن.

خىتاي ئاھالىلىرىدىكى بۇ خىل ئۇيغۇر سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغاپلا قالماي، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ھېنرى شاجادۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە رادىيومىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ بەكمۇ قىزىقارلىق تەرەققىيات، مەن بۇنى ئەركىن سىدىقنىڭ X ھېسابىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ۋىدىيودىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر بولۇۋالغىنىدىن مەنمۇ بەك غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. بۇ سەزگۈر بىر مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر قىسقا ۋىدىيو. بۇنىڭ ئارقىسىدا نېمە بارلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمىسەممۇ، ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پۈتۈنلەي ئەكسىچە بىر ۋەزىيەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋاتقان ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆرۈلۈۋاتقان، خىتايلارنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر قىلىپ كۆرسىتىشىدەك بۇ خىل سېلىشتۇرمىلىق تەرەققىياتنىڭ ئۆزىلا، گۇمان قوزغاشقا يېتەرلىك. بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا، مەنتىقسىزلىق ۋە غەزەپ نەپرەت قوزغىشى تەبىئىي. بۇ بىنورمال ئەھۋاللارنى يەنىمۇ كۆزىتىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان خەۋەر ۋە سىياسەت تەدبىرلەردىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرگە نۆۋەتتە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى سىڭدۈرۈشكە كىرىشكەنلىكى مەلۇم. يېقىنقى مەزگىللەردە مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىدىن تېنىشقا ۋە «مەن جۇڭخۇا مىللىتى»، «مەن جۇڭگولۇق» دەپ قەسەم بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرمۇ پاش بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

گېرمانىيەدىكى پېشقەدەم ژۇرنالىست، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەمدىلىكتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىشىنىڭ بولسا، تاسادىپىي ياكى قىسمەن پەيدا بولۇپ قالغان غەيرىي ئەھۋال بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك، دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا بېسىمغا قارشى ئېلىۋاتقان تەدبىرى ۋە پىلانلىق ساختىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئۇ بۇنى پاش قىلىشنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.