دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇشى ئەيىبلەنمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2012-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئا دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ 25% ئىنى ئىگىلىگەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، لوندوندىكى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەزىز ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، 2012-يىللىق ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى باھالاپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ سانى ئاران 5 بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي ساننىڭ 25% ئى ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى باھالاش نەتىجىسى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا جىددىي مۇنازىرە قوزغىماقتا.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى باھالاشقا قاتناشقان ئا دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تورلىرى ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتى توققۇز، ئوبلاست، ۋىلايەت دەرىجىلىك تور بېكىتى تۆت، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك تور بېكىتى يەتتە بولۇپ، بۇ قېتىمقى باھالاشقا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكىتىدىن بىرىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغان. باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك تور بېكەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكىتى بار بولسىمۇ، ئەمما باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورى بىلەن شىخەنزە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تورى ئېچىلمىغان.

ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى سان جەھەتتىن ئىنتايىن ئاز بولۇشىغا قارىماي، سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئەڭ ئەقەللىي تور بېكەت ئۆلچەملىرىگە يەتمىگەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن يىراق ئىكەنلىكى، دائىرىلەر تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ نامدا بار، ئەمەلىيەتتە يوق ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك مەسىلىسى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەنگلىيە لوندون شەھىرىدىكى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى تەرەققىياتىغا ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ساھەدە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 90-يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇرچە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى 5-ئىيۇلدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاۋام خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يۈكسەك دەرىجىدىكى يۈكسىلىش بولسىمۇ، ئەمما 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئېتىبار بەرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنى ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دېگەن باھانىدە تاقىۋېتىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نامىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن كۆپ يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان رايوندىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.