مۇتەخەسسىسلەر ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر كىملىكىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.05.22
bolgunchilikke-qarshi-partiye-yighini.jpg «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
news.ts.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي تەشۋىقات سېپىدىكى 100 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئىدېئولوگىيە سېپىدە «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇيغۇر تەشۋىقات كادىرلىرىنىڭ ئوچۇق خېتىدە، ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى «بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى كۈرەشنىڭ ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدان ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، تۆۋەندىكى 3 نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوچۇق خەتتە قەيت قىلىشىچە، بۇ 3 نۇقتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى مۇستەھكەملەش، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىش قانىلىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە بۇ ئىككى خىل ئىدىيىنىڭ ھاياتلىق تۇپرىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشكەن.

ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا خوتەندىكى يەرلىك ئۇيغۇر ساقچى كادىرى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا يازغان ئوچۇق خېتىدىن كېيىن باشلانغان.

بۇ ئوچۇق خەتلەر بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ يېزىلغان بولۇپ، بەزى ئوچۇق خەتلەردە، ئۇيغۇر كادىرلار سەمىمىيەتسىزلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. بەزى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئوچۇق خەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرى، مەدەنىيىتى، كىملىكى تەنقىد قىلىنغان. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەزىز مۇسانىڭ ئوچۇق خېتىدە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئەمەسلىكى، ئەرەبلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

چەتئەلدىكى بەزى زىيالىي ۋە ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كادىر ۋە زىيالىيلىرىنى «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىزلىتىشقا قارىتىلغان.
كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيسى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېڭ شۆي خانىم، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللارنى ئۇرۇشتىنمۇ قورقۇنچلۇق، دەپ كۆرسەتتى.

شېڭ شۆي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل-بۇ رايونلار شۈبھىسىزكى، ئۇرۇش رايونى ئەمەس. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدا بۇ رايونلار ناھايىتى تىنچ ۋە گۈللىنىۋاتقان رايونلار، دېيىلىدۇ. بىراق بۇ رايونلارنىڭ ئەھۋالى ئۇرۇشتىنمۇ قورقۇنچلۇق. چۈنكى، بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر قانداق قانىلى توسۇۋېتىلگەن.

شېڭ شۆي خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن تارتىپ، ئوي خىيالىغا قەدەر بارلىق ساھەلىرىنى كونترول قىلىۋالغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئالاھىدە بىر خىل «رادىكال ئۇرۇش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، مەن نېمىشقا رادىكال ئۇرۇش، دېگەن بۇ سۆزنى قوللىنىمەن. چۈنكى، كىشىلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىر خىل تىنچلىق ئەھۋالى، دەيدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملەرگە قارشى قوزغىغان بۇ ئۇرۇشى ھەم تاق يۆلىنىشلىك ھەم ئومۇميۈزلۈك. چۈنكى، ئۇ سىز ياشايدىغان ھېچقانداق ئەركىنلىك بوشلۇقى قويمايدۇ. مەسىلەن، ئۇ ھەرىكەت جەھەتتە سىزگە ھېچقانداق بوشلۇق قويمايدۇ. كىشىلەر ئۇرۇشنى ئويلىسا، دائىم قورال-ياراقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە قورال ئىشلىتىشىنى ئويلايدۇ. بىراق، كومپارتىيەنىڭ قوللانغان قورالى‏-سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بارلىق قاتلىمىنى، سىزنىڭ خىيالىڭىز، ئوي -پىكرىڭىز، ئېتىقادىڭىزنى كونترول قىلىشتۇر. قاراپ باقساق، ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارغا دەل مۇشۇ قورالنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىنمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال. بۇنىڭ پەيدا قىلغان ۋەھىمىسى ئۇرۇشتىنمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ.»

بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەشكە قىستىشى، ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى تۈرك-ئىسلام مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مەدەنىيەت كىملىكى» نى قوبۇل قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دېدى: «بۇرۇن 3 خىل كۈچ، تېررورچى دەيتتى، لېكىن ئىسمىنى ئاتىمايتتى. بۇنى ھەممە ئادەم بىلەتتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ دەۋاتقانلىقىنى. ھازىر بۇ نىقابنى تاشلاپ، ئۇدۇللا ئۇيغۇر دەپ ئىسمىنى ئاتايدىغان بولدى. بۇ يەردىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش. خىتايدىكى 56 مىللەت ئىچىدە 50 مىللەت ئاسسىمىلياتسىيەلىشىپ، تۈگەش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىراق، ئۇ مىللەتلەرنىڭ ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىقى، مۇستەقىل مائارىپى بولمىغان، لېكىن خىتايدىكى 56 مىللەت ئىچىدە بىردىن-بىر مەدەنىيەتلىك مائارىپ ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن باش كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قارىلىدۇ.»

بىراق دوكتور قاھار بارات يەنە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، پسىخولوگىيىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر ئاۋام خەلقى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىي ۋە كادىرلار قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى ئېغىرلىشىدىكەن.

قاھار بارات: «ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالدى بىلەن بىزمۇ كۆرۈۋاتىمىز، بۆلۈنۈش پەيدا بولىدۇ. خىتاي ئۆزلىرى يېتىشتۈرۈپ چىققانلار بار، قوش تىل ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇۋەتكەن ئۇيغۇرلار بار. بۇلار كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالغان تەربىيىسى بويىچە ئاغزىغا كەلگەننى دەۋېرىدىغان بىر خىل كۈچكە ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئېغزىدىن ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپ، ئۇيغۇرغا قارشى گەپ قىلىدىغان گەپلەرنى ئاڭلايمىز. لېكىن كۆپىنچە ئېزىلىۋاتقان تۆۋەندىكى دېھقانلار ۋە خەلقلەردىكى بېسىم، ۋەھىمە، قورقۇنچ ۋە نارازىلىق ئۇلغىيىدۇ. دېمەك، بۇنى مىللەت ئىچىدىكى بىر خىل بۆلۈنۈش، دەپ قارايمىز» دېدى.

شېڭ شۆي مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر رايونىدا بىز كۆرۈۋاتقان ھادىسە كىشىلەرنىڭ سۈكۈت قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالدى. سىز چوقۇم يالغاندىن بولسىمۇ بۇ ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشىڭىز شەرت. لېكىن ئۇنىڭ سىياسىتىنى قوللاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا مۇخالىپ دېگەنلىكتۇر. بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىدىيىسى، مىللىي ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا قىممەت ئۆلچەملىرىگە مۇخالىپ بولۇش يەنە بىر خىل غەيرىي نورمال خاھىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نۇرغۇنلىغان سۆزى بىلەن كۆڭلى، ھەرىكىتى بىلەن نىيىتى ئۆز-ئارا زىت كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. چۈنكى، بۇ ھاكىمىيەتكە ياردەم قىلىپ، رەزىل ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەملەرنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ جەمئىيەت بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق توقۇنۇشى، پارچىلىنىشىنى يارىتىدۇ. چۈنكى، ھەرقانچە بولسىمۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەشۋىقات سېپىدىكى كادىرلارنىڭ «ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك ئوچۇق خېتى، 21‏-ماي «تەڭرىتاغ» تورىدا ئېلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.