ئۇيغۇر مەسچىت-جامەلىرىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىن كەلگەنمۇ؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.07.09
Kashgar-apakh-hoja-d13 ئاپاق خوجا مازىرىدىكى نىلۇپەر گۈل نۇسخىسى نەقىشلىك پىشايۋان تۈۋرۈكلىرى
wikimedia.org

يېقىندا «خىتاي شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە مۇنبىرى 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇنبەردە بىر قىسىم چەت ئەللىك ۋە خىتاي تەتقىقاتچىلار تەكلىپ بىلەن دوكلات بەرگەن. گەرچە دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» تەشۋىقاتى رامكىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، ئىلمىي پاكىتلارنى سىياسىي سۇيىقەستى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلى ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئەندىزىسى» گە باغلاپ، غەربىي دىياردىكى يىپەك يولى ئىزلىرى بىلەن غەرب-شەرق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خىتايچە زامانىۋىيلىشىش قاتارلىق مەركىزىي تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. «نۇتۇق جەۋھەرلىرى» نامىدا ھەرقايسى خىتاي تور سۇپىلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي قۇرۇلۇشلار ھەققىدىكى بۇرمىلانغان مەزمۇنلار دىققەت قوزغىماقتا.

بۇلارنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى نيۇ رۇجى دوكلاتىدا، ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن سۆزىنى باشلىغان. ئۇ تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان بىر قىسىم قەدىمكى ۋەسىقە-ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۇڭزى تەرىقىتى، داۋجياۋ دىنى تەرىقەتچىلىكى، بۇددا دىنى ۋە خىرىستىيان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۇڭزى ئىدېئولوگىيەسى، بۇددا دىنى ۋە داۋجياۋ تەرىقەتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلىرىنى ئەڭ ياخشى تۈردە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلات بەرگۈچىلەردىن يەنە بىر نەپىرى «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» ئېتنولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ پىڭ بولۇپ، ئۇ ئۆز نۇتۇقىدا ئۇيغۇرچە مەسچىتلەر ھەققىدە گەپ ساتقان. ئۇ سۆزىدە ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش-تەتقىقات ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنىڭ مەيلى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى جەھەتتە بولسۇن ياكى بېزەك-نەقىشلەر جەھەتتە بولسۇن، كۆپ مىقداردا خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىدەك «ھەقىقەت» كە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ پىڭ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى قەدىمكى مەسچىتلەردە خىتايچە ئۇسلۇبقا ۋەكىللىك قىلىدىغان راۋاق-شىپاڭ شەكىللىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى، تورۇس، تۈۋرۈك ۋە پەنجىرە بېزەك نەقىشلىرىدىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان مودەنگۈل نۇسخىسى، نىلۇپەر گۈلى نۇسخىسى ۋە ھەرە چىش نەقىشى قاتارلىق لايىھە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ۋاڭ پىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مەسچىتلىرىدە بىر قىسىم خىتايچە نەقىش دەپ قارالغان بېزەك نۇسخىلارنىڭ كۆرۈلۈش ھادىسىسىنى ئىزاھلاپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە يۇقىرى ئورۇن بېرىپ كەلگەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن ئورتاق يىلتىزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاڭ پىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۇرسەتپەرەست ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىدىن ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، ئىلمىي پاكىتلارنى كۆزگە ئىلماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلغان. ۋاڭ پىڭنىڭ يۇقىرىقى كۆز قاراشلىرى يالغۇز ئۇيغۇر مەسچىتلىرىگە بولغان بىر تۈرلۈك ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىمۇ مەسخىرىگە قالغۇدەك ئەخمەقلەرچە چىقىرىلغان يەكۈندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ۋاڭ پىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە باغلاشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسسىز سەپسەتەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا يېتەرلىك ئىلمىي پاكىتلار مەۋجۇت.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى، جۈملىدىن ئەنئەنىۋىي بىناكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۇلار تارىختىن بېرى ياشاپ كەلگەن رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ھەرقايسى خانىدانلىقلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە مۇرەككەپ سەرگۈزەشتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتقان. ئۇلار ئۆز تارىخىدا شامان دىنى، زەردۇشت دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، قىسمەن ھالدا خىرىستىيان دىنى مەزھىپىنىڭ نېستۇرىيان دىنىغا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇ دىنىي ئېتىقادلار ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۆزىنىڭ ئوبراز سەنئىتى ئارقىلىق ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى، باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى يېڭىچە دىنىي ئېتىقاد-ئىشەنچلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. دىننىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، بىر مىللەتنىڭ دىننىڭ ئېتىقادىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس. دىننىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن ئۇزاق جەريان كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇرلار 10-11-ئەسىرلەردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر مەھەل بىر-بىرىنى چەكلەش، ئىنكار قىلىشتەك كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. بۇددا دىنىنىڭ قالدۇق تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى تەرغىب قىلىۋاتقان ئېتىقاد تەسىرى بىر مەزگىل ئارىلىشىپ تۇرغانلىقتىن، ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەققاشلىقىدا مەزمۇن تولۇقلىنىش، چىقىرىپ تاشلاشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن نەقىش ئېلېمېنت ۋارىيانتلىرىدا چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان. ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەدرىجىي تەسىرى ئاستىدا، بۇددا دىنى ئەقىدىلىرى مەزمۇن قىلغان بېزەك نۇسخىلارنىڭ ئورنىنى گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ، ئۇچار قۇشلار، مېۋە-چىۋىلەر ۋە تەبىئەت جىسىملىرى تېما قىلىنغان نەقىشلەر ئىگىلەشكە باشلىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئاشۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇر بىناكارلىقى زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان، بولۇپمۇ مەسچىت، مەدرىسە ۋە قەبرە-گۈمبەز بىناكارلىقى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. قۇرئان ئايەتلىرى، قەسىدىلەر ۋە شەجەرىلەرمۇ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا قويۇق ئىسلام دىنى تۈسى ئاتا قىلغان.

بىر قىسىم ئېتنوفراگىيەلىك ھادىسىلەرنى ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقاد شارائىتىدا ئوخشىمىغان تەبىرلەر بىلەن ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ. بىر مىسال ئالساق، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدە مەسچىت خانىقالىرى ۋە مازارلىقلارغا قوچقار ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى، باش سۆڭەكلىرىنى ئېسىپ قويىدىغان ئادەتلەر بار. گەرچە بۇ خىل ھادىسە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەردىمۇ كۆرۈلىدىغان قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ توتېم دەۋرىدىن قالغان تېۋىنىشلىرىنى ئاساس قىلغان ئورتاق فولكلور ھادىسىسى بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنى شارائىتىدا بۇ خىل ھادىسە ئۆرپ-ئادەت شەكلىدە خېلى ۋاقىتلارغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ھادىسىگە «شامانىزم ئېتىقادى دەۋرىدىكى ئۆلگۈچىگە ئاتاپ نەزىر قىلىش، قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىنى ئۆلگۈچىنىڭ قەبرە بېشىغا قويۇپ قويۇش ئادىتىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كېلىشى» دەپ تەبىر بېرىپ كەلمەكتە.

 

ئاپاق خوجا مازىرى ئالدىدا دۆۋىلەنگەن قوشقار مۈڭگۈزلىرى، 1930-يىل، قەشقەر، سۈرەتنى تارتقۇچى گۇننار ياررىڭ، مەنبە:لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ياررىڭ كوللېكسىيونى
ئاپاق خوجا مازىرى ئالدىدا دۆۋىلەنگەن قوشقار مۈڭگۈزلىرى، 1930-يىل، قەشقەر، سۈرەتنى تارتقۇچى گۇننار ياررىڭ، مەنبە:لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ياررىڭ كوللېكسىيونى
®Alvin Portal

ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى روشەن ئەكس ئەتتۈرگەن بىناكارلىق نامايەندىسىدۇر. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەر جۇغراپىيەلىك شارائىت، ھاۋا كىلىماتى ۋە رايونلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن، تۇرپان رايونىدا خام كېسەكتىن قوپۇرۇلغان چۈنچە شەكىللىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن مەسچىتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولسا، قەشقەر رايونىدا نەقىشلىك سەنئەت تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان مەسچىتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق نەقىشلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى تۇرسۇن غازىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا مەسچىتلەر قۇرۇلما جەھەتتىن زىننەتلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن ئىكەن.

ئاتالمىش خىتاي تەتقىقاتچى ۋاڭ پىڭ تەكىتلىگەن مەسچىتلەردىكى خىتايچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى مەسىلىسىگە قايتىپ كەلسەك، دەرۋەقە، بىر قىسىم مەسچىت، مازارلارنىڭ تورۇس، پېشايۋانلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبى مەلۇم جەھەتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، يەكەن مازار شېرىپ، يەركەن ئاقمازار قاتارلىقلارنىڭ تورۇس قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئىختىراسى ياكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بولماستىن، بەلكى تىبەت، كەشمىر قاتارلىق جايلارنىڭ بىناكارلىقىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈرلۈك بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئىكەن. بىر قىسىم غەربلىك ئارخېئولوگ ۋە تارىخچىلار 3-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردە بىنا قىلىنغان كۇچا تەۋەسىدىكى قىزىل مىڭ ئۆيلىرىنىڭ تورۇسلىرىدىمۇ بۇ خىل ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. گېرمانىيەلىك ئالىم لېكوك (Albert von Le Coq) 2-3-قېتىملىق تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى ھەققىدە يېزىلغان 1928-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىدا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى رايونلاردىمۇ بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى «پەنەر شەكىللىك ئۇسلۇب» ياكى «باميان ئۇسلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. لېكوكنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھىندى ۋە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىدا كۆرۈلۈپلا قالماي، ئەرمېنىيە، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە كىچىك تىبەت رايونلىرىدىمۇ ئومۇملاشقان بۇ خىل لىم قۇرۇلمىلىق ئۇسلۇب كېيىنچە شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتاي ۋە كورېيەگە تارقالغان ئىكەن. شۇڭا ۋاڭ پىڭنىڭ ئۇيغۇر مەسچىتلىرىدىكى قۇرۇلمىلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىدىن ئىلھام ئالغان دەپ تەرىپلىشى، مەدەنىيەت تارىخىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان ئاساسسىز جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

نيۇ رۇجىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنى خىتايلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەلىرى بولغان خۇاشىيا ئەجدادلىرىنىڭ پەلسەپەلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىمۇ ئىلىمگە زىت كۆز قاراشلاردۇر، خالاس. داۋجياۋ دىنى تەرىقەتىنىڭ سىمۋولى بولغان «يىنياڭ» چۈشەنچىسى، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ۋە قەدىمكى تۈرك مىللەتلىرى تارىختا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن «ئاق ۋە قارا» ئىككى دۇنيا چۈشەنچىسى ۋە مانى دىنىدىكى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى مەنبە چۈشەنچىسىدىمۇ مەۋجۇت. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئىلگىرى «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئىككىلىك چۈشەنچىسىنى خۇاشيالاردىكى يىنياڭ چۈشەنچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆتۈشۈشى ۋە ياندىن تەسىر كۆرسىتىشى دەپ ئىزاھلىغانىدى.

ئۇيغۇر بىناكارلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇددا دىنى ئامىللىرىدىن باشقا يەنە مانى دىنى ئېلېمېنتلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. مانى دىنى كېلىپ چىقىش مەنبەسىدىن ئېيتقاندا، بىر خىل مۇرەككەپ مەزمۇنلۇق دىن بولۇپ، مانى دىنى تەلىماتى كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مانى دىنى زەردۇشت دىنى، بۇددا دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان. مانى دىنىنىڭ تۇرپان رايونى بۇددىزمىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاساسەن دۈنخۇاڭ مىڭ ئۆيى بىلەن كۇچادىن تارتىپ قۇمۇلغىچە بولغان جايلاردىكى بۇددىزم ئىبادەتخانىلىرىدا بولۇپمۇ، ئىبادەتخانا ئىچىدىكى نەقىش ئويمىلار ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىدە بىر قەدەر گەۋدىلىكرەك ھالدا كۆزگە چېلىقىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى يىللاردىن بۇيان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھلىكە ئېلىپ كەلمەكتە. مىليونلارچە ئۇيغۇر 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان تۈرلۈك باغلىنىشى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. خىتاينىڭ مەسچىت، مازارلىقلارغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 22 كۈنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىك ياكى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. يېقىندا يىللاردا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىڭشيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى نىشان قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى، تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرىنىڭ قىياپەتلىرىنى خىتايچە بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تۇڭگانلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋاڭ پىڭ ۋە نىيۇ رۇجىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي قۇرۇلۇشلارنى جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ماتېرىيال ئاساسى قىلىش دېگەندەك تەشۋىقاتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرگە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدىن شەپە بەرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ كەلگەن جامە، مەسچىت ۋە مازارلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تامغىسى ئۇرۇش نەيرىڭى، ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە، ئىلمىي ئەخلاققا ۋە ئىنسانىي ۋىجدانغا يات بولغان قىپقىزىل سىياسىي غەرىزىنى، شۇنداقلا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت سىياسىي سۇيىقەستىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

 [ئەسكەرتىش: ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.