جاۋ لىجيەن غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىك» كە باغلاپ ئەيىبلىدى.
خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 15-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رىياسەتچىلىك قىلغان.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال قويىدۇ: «ئاۋسترالىيە پۇقرالار پارتىيەسى ‹ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش مۇلازىمىتى› ئاتلىق پارتىيە ژۇرنىلىدا ‹شىنجاڭ: ياۋرو-ئاسىيا مەركىزى بەلۋېغىدىكى خىتاينىڭ غەربىي چېگراسى› ناملىق 8 پارچە ئالاھىدە دوكلاتىنى ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان ھالدا شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەتراپلىق پاش قىلدى. سىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا باھايىڭىز قانداق؟»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بۇ بىرقانچە دوكلاتقا مەنمۇ دىققەت قىلدىم. دوكلات ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ‹شىنجاڭ قارتىسىنى›نى ئويناپ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورىزمنى قوللاپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلىغان. 2003-يىلى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئەگەر ئامېرىكا كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن كرىزىسقا ياكى توقۇنۇشقا دۇچ كەلسە، ‹ئۇيغۇر قارتىسى›نى بېسىم پەيدا قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تاللاپ ئويناشنى چەتكە قاقماسلىق تەكلىپىنى بەرگەن. 2004-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› قاتارلىق ‹شەرقىي تۈركىستانچى› كۈچلەرنى 8 مىليون 760 مىڭ دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرى شىنجاڭدا تىز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىدى، تېررورىستلار شىنجاڭغا كىردى، ‹شەرقىي تۈركىستانچىلار› تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قۇتراتتى، پىلانلىدى ۋە قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان بەختسىز خەلق تالاپەتكە ئۇچرىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىندى.»
خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجيەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېگەن: «دوكلاتتا يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھەم غەرب ئەللىرى ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى›، ‹مەجبۇرىي ئەمگەك›، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئىغۋا ھەم ئۆسەك سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئاتالمىش ئاقىللار ئامبىرى، ئۆلىمالار ۋە ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلارنى بەرپا قىلىپ يالغان ئۇچۇرلارنى كەڭ تارقىتىپ، ساختىلىقنىڭ بازىرى بولغان مۇكەممەل بىر ئىغۋا زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى مۇستەقىللىقنى قوللايدۇ، ‹شەرقىي تۈركىستانچىلار› تىنچلىقنى قوغلىشىدۇ، شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرى مەۋجۇت دېگەن 3 يالغان ھادىسىنى ياساپ چىقىپ، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشقا بىھۇدە ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلىمەكچى بولغان.»
جاۋ لىجيەن سۆزىدە يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «ھەقىقەت ھامان ئاشكارا بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئىغۋالىرى جۇڭگونى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما بۇ ئىغۋالار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى ۋەيران قىلدى. بۇ ئىغۋالار يەنە جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشىغا، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تېخىمۇ روشەن كۆرۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى.»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن سۆزىنىڭ خاتىمىسىنى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
بىز خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ بۇ پىكىرلىرىگە د ئۇ ق نىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممدى ۋە قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆز خەلقىمۇ نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەيدىغان بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، ھەم خەلقئارانىڭ ھەم ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ھازىر چەتئەللىكلەرنىڭ قەلىمىگە تايىنىشقا مەجبۇر بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى تونۇلۇشى ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇملىرىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتىكەن.
جاۋ لىجيەن تىلغا ئالغان ۋە ماختىغان «شىنجاڭ: ياۋرو-ئاسىيا مەركىزى بەلۋېغىدىكى خىتاينىڭ غەربىي چېگراسى» ناملىق 8 قىسىم، 40 بەتلىك دوكلات ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزدىن مەلۇم بولغان نەتىجە شۇكى، بۇ دوكلات 2020-يىلى نويابىردىن باشلاپ مەركىزى ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شەھىرىدە بولغان «پۇقرالار پارتىيەسى» نىڭ «ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش مۇلازىمىتى» ناملىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئاخىرقى قىسمى بۇ يىل ئاپرېلنىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، «پۇقرالار پارتىيەسى» ئاۋسترالىيەنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى 7 پارتىيە قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان بىر پارتىيە ئىكەن. مەزكۇر دوكلاتنى ھازىرلىغان مەلىسسا ھاررىسون بىلەن راچەل دوئۇگلاس ھېچقانداق ئۇنۋانى ياكى نەتىجىسى مەلۇم بولمىغان شەخسلەر ئىكەن. بۇ ھال كىشىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ خىتاينى ماختايدىغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ ھازىرلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا كىشىدە شۈبھە پەيدا قىلىدۇ.