زو زۇڭتاڭ ھەقىقەتەن قەھرىمانمۇ ياكى رەھىمسىز جاللاتمۇ؟ (1)
2023.09.15
ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى تاشقى دۇنيا تەرىپىدىن بىلىنىپ، بۇ ناھاقچىلىككە قارشى پىكىر ۋە ھەقلىق پائاليەتلەر كۆپەيگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپ بارلىق زوراۋانلىق، يالغانچىلىق ۋە باشقا ۋاستىلارنى قوللىنىپ جىنايەتلىرىنى يوشۇرغانىدى. ھەتتا ھەر يېرىدىن ناھەقچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان قىلمىشلىرىنى ياخشىلىق بىشارەتلىرى دەپ پەدازلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ھىسداشلىق قىلغان كىشى، تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەنىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن زورلۇق كۈچ، ئالدامچىلىق ۋە زامانىۋىي تېخنىكىلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەلقنى قورقۇنچ، بىخۇتلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىپ، تىلىدىن، دىنىدىن ئاخىرقى ھىسابتا مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانىدى.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىق ئۇسۇللىرىنى ۋە ۋاستىلىرىنىڭ تۈرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانماقتا. ئۇلار «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» شوئارى ئاستىدا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىي تارىخىنى يوقاتماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي شەخسلىرىنى قارىلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مۇھىم روھىي ۋە ئىجتىمايى كىملىكىنىڭ ئىسپاتلىرىغا ئايلانغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ماھارەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇنداق شەخس ۋە ئىزلار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھەممىسىگە مىللەتچى قالپىقىنى كېيدۈرۈپ، تۈرمىلەرگە ۋە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامىغان. روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىن قىينىغان ۋە ئۇلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن كۆزدىن يوقاتقان. مائارىپچىلار تۈزگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنىمۇ مىللەتچىلىك تەشۋىقات ماتېرىياللىرى دەپ گۇمانلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىشكەن. مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى تەتقىقاتچىسى ۋە ئوبزۇرچىسى يالقۇن روزى ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ئەپەندىلەر ئەنە شۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان كىشىلەردىندۇر.
خىتاي ئۇيغۇرلاغا قارىتا بۇ خىل باشقۇرۇش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپلا قالماستىن تارىختىن بېرى ئۇيغۇر تارىخىغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي مىللەتچىلىرىنى ئاشكارا كۆككە كۆتۈرمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن جاڭ چيەن ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن زو زۇڭتاڭ، كومۇنىست خىتايلاردىن ۋاڭ جېن ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان كىشىلىرىدۇر.
بۇ ئاينىڭ 3-كۈنى «خىتاي ئاۋازى تورى» دا «مىللىي قەھرىمان زو زۇڭتاڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ئوتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەر دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزىلدى» نامىدا بىر ماقالە ئىلان قىلىنغان. ماقالە دەرسلىك كىتابتىن ئېلىنغان
«100 يىل بۇرۇن، زو زۇڭتاڭ چىگرا زىمىنىنى قوغداش ئۈچۈن، جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ جازا يۈرىشىگە ئاتلانغان، ئۆلۈمنى كۆزگە ئالغان. مەنمۇ زو زۇڭتاڭ يۇرتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتچان، دانا، دۆلەت، جەمىيەت ۋە خەلققە پايدىلىق ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن» بىلەن باشلانغان.
مانا مۇشۇنداق ئاشكارا كۈشكۈرتۈش سۆزلىرى بىلەن باشلانغان كىتابقا يەنە «چىگىرا رايون كىرىزىسى» ۋە «شىنجاڭنى قايتۇرىۋېلىش» دېگەندەك قىسىملار قوشۇلغانلىقى بايان قىلىنىپ، زو زۇڭتاڭنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى ئەمىلىيەتنىڭ ئەكسىچە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دەپ مەدھىيەلەنگەن.
بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىغا بۇ يىل 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى چوڭ دۆلەتلىك يىغىن جەريانىدا كۆپ ساندىكى ۋەكىل ۋە ھەيەتلەرنىڭ زو زۇڭتاڭنىڭ ئاتالمىش مەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبچى بولغان.
9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ شۇ كۈننىڭ زو زۇڭتاڭنىڭ توغۇلغان كۈنى ئېكەنلىكىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ تونۇلغان تور بەتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك زو زۇڭتاڭ شەرىپىگە ئاتالغان مەخسۇس ئۇچۇر ۋە ماقالىلار ئىلان قىلىنغان.
ئۇنداقتا زو زوڭتاڭ كىم؟ ئۇ تۇڭگان، ئۇيغۇر ۋا باشقا خەلقلەر تەرىپىدىن جاللات دەپ قارىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى خىتايلارنىڭ مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى-تەيپىڭ تيەنگو قوزغىڭىنىمۇ قانلىق باستۇرۇپ نۇرغۇن خىتايلارنى قىرىپ جاللات ۋە «ساتقىن» نامىنى ئالغان شەخس ئىدى. تارىخچىلارنىڭ ئېنىقلاشلىرىچە، ئۇ،
1864-يىلىدىن باشلاپ شەنشى، گەنسۇ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن تاكى 1878-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەنشى، گەنسۇ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇپ بىر قانچە مىليوندىن كۆپ تۇڭگان، ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تۈگەتكەن، جۈملىدىن شەنشى ۋە گەنسۇ ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا نەچچە مىليون مۇسۇلماننىڭ ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ ياشىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ «جاللات» نامىنى ئالغان شەخسنى خاتىرلىمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك سەپسەتىلىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن تونۇلغان «تيانشان تورى» مۇ زۇ زوڭتاڭغا ئاتاپ مەخسۇس خەۋەر ئىلان قىلغان. «مىڭ يول خاتىرە تېشىدىن زوگوڭ سۆگىتىگىچە-زو زۇڭتاڭ ئىش ئىزلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا كىرگۈزىلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخ ھەققىدە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ بايانى» ناملىق بۇ شۇم خەۋەردە ئالدى بىلەن زو زۇڭتاڭنىڭ چاپارمىنى ليۇ جىنتاڭ ئارمىيەسىنىڭ قەشقەر كونا شەھەر مىڭ يول ئەتراپىدا، ياقۇب بەگنىڭ ئوغلى بەگ قۇلى بەگ ۋە تۇڭگان لىدەر بەي يەنخۇنى تارمار قىلغانلىقى خاتىرىسىگە تىكلەنگەن بىر تاشنىڭ رەسىمى، ئۈرۈمچى بۇلاقتاغدا ليۇ جىنتاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش خاتىرىسىگە ئاتاپ ياسالغان زو زۇڭتاڭ ھەيكىلى ۋە زەمبىرەك ئىستىكامى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ رەڭلىك رەسىملىرى بېرىلىپ، خىتاي ئوتۇرا ۋە ئالى مەكتەب دەرسلىكلىرىگە، ئۇيغۇر دىيارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ نەچچە يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ياۋۇز چاڭگىلىغا سېلىپ بەرگەن قاتىللار قەھرىمان قىلىپ كىرگۈزۈلگەن.
ئوخشاش خەۋەردە يەنە خىتاي مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ماركىسىزم نەزىرىيىسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك «جوڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخى تېزىسى» كىتابىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر ئەسكەرىي ئەمەلدارنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرىشى» بابىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا زو زۇڭتاڭ ئارمىيىسىنىڭ 1877-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئەسكىرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، قانداقتۇر بۆلگۈنچى كۈچلەرنى تازىلىغانلىقىدەك بىر قاتار سەپسەتىلەر بايان قىلىنغان.
ئەمىلىيەتتە، 19-ئەسىردىكى مانجۇ-خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە تەتقىقات قىلغان ئالىملاردىن داۋۇت ئىسسىيېف، ئابلەخەت خوجايېف، مويسېيېف، دۇبروۋسكايا ۋە باشقىلارنىڭ ئۆز ئىلمىي ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىشىچە، زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا رەھىممسىزلەرچە قىرغىن قىلىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوللىرىدا زور ساندىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، ئۆزبېك ۋە باشقىلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئەنە شۇ خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشى ۋە قىرغىنىدىن ساق قېلىش ئۈچۈن 100 مىڭلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقىلار قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ بېرىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق رەھىمسىزلىكى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىپ ئالدى ۋە مۇستەقىل يەتتىشەھەر دۆلىتىنى يوقاتتى.
دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ قولىغا ئېلىپ بەرگەن بۇ تاجاۋۇزچىغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايتا ياسالغان «ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى» بىناسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك خەلق باغچىسى ئىچىدىكى 2150 كۋادرات مېتېر يەرگە سېلىنىپ 2021-يىلى زىيارەتكە ئېچىلغان ھەشەمەتلىك «زوگوڭ مەدەنىيەت باغچىسى» قاتارلىقلار بۇ مىننەتدارلىقلىرىنىڭ مىساللىرىدۇر. بۇنداق مىننەتدارلىق ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا 2017-يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغانلىقى مەلۇم.
2020-يىلى خۇنەننىڭ يۆياڭ دېگەن يېرىگە «زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت باغچىسى» ياسىلىپ، باغچە ئىچىگە يەنە 2000 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى «زو زۇڭتاڭ خاتىرە سارىيى» ۋە تۇر ياسالغان. باغچە مەركىزىگە 11 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زو زۇڭتاڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان.
2022-يىلى بۇ يەردە زو زۇڭتاڭ توغۇلغانلىقىنىڭ 210 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ھەشەمەتلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزگەنىدى. «خىتاي ئاۋازى تورى» ناملىق تورىدا بېرىلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، زو زۇڭتاڭنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە 450 دىن ئارتۇق كەسپىي تەتقىقاتچى قاتناشقان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ توردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 2 مىليارد 200 مىليونغا يەتكەن.
خەۋەر مەزمۇنىدىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا قوللاپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن توسماقتا. ئۇلارنىڭ جاڭ چيەن، بان چاۋ، زو زۇڭتاڭ ۋە ۋاڭ جېنلارنىڭ ھەيكىلىنى كۆپلەپ تىكىشى ۋە تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىدەك بىر ئىلىم ئىگىسىنىڭ ھەيكىلىنى قومۇرۇپ تاشلىشى ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر تەرەپلىمە ۋە شەخسىيەتچى خاراكتېرىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ.
***
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]