خۇۋېر ئىنىستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى پروگراممىسىنىڭ باشلىقى مەتتېۋ پوتتىنجېر بىلەن سۆھبەت
2023.10.26

يېقىندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن 9-نۆۋەتلىك «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ھەر ساھەدىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتايغا ئالاقىدار تۈرلۈك مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى قىلغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقساراينىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى، خۇۋېر ئىنىستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى پروگراممىسىنىڭ باشلىقى مەتتېۋ پوتتىنجېر بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دىققىتىڭىز مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ مەتتېۋ پوتتىنجېر بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە بولسۇن.
مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە قانداق قىيىنچىلىقلار بار ۋە بۇنى قانداق يېڭىمىز؟ سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىڭىزدەك، خىتايدا ھەممە نەرسە ئىنتايىن قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا 6 ياكى 4 ۋە ياكى 89 دېگەن سانلارمۇ ئىنتايىن سەزگۈر رەقەملەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرى قايسىلار؟
مەتتېۋ پوتتېنجىر: سىز بۈگۈن دوكتور ئادرىيان زېنزدىن خىتاينىڭ بارغانسېرى بىر سىرلىق ئۈسكۈنە (قارا قۇتا)گە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭىز. 20 يىل ئىلگىرى مەن خىتايدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىمنى ھازىرقىغا سېلىشتۇرسام، ئۇ زامانلار ئۇچۇر ئېلىش ئاسان ھەم نىسپىي ئەركىن ۋاقىتلار ئىدى. سىز دۆلەت ئىچىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلالايتتىڭىز، كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشالايتتىڭىز. دۆلەت ۋە سانائەتكە دائىر ئۇچۇرلار، سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئارقىلىق تەمىنلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەلۇماتلار بارغانسېرى كۆپەيگەن چاغلار ئىدى. ھازىر بۇنداق ئىستاتېستىكىلار ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق ئىستاتېستىكىلارنى بەك ئاز كۆرۈۋاتىمىز. بەزىدە سەزگۈر سانلارنىڭ پەيدا بولۇشى قىزىقارلىق بىر ئىش، مەسىلەن، خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى دېگەندەك ئىستاتىستىكىلار ئوتتۇرىغا چىققاندا، خىتايلار بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى دوكلات قىلىشنى دەرھال توختاتتى. ھازىر شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، خىتايدا قىلماقچى بولغان سودا توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرىش ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان شىركەتلەر سىستېمىلىق زەربىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ شىركەتلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھەتتا شىركەت رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنغان. ئۇلار يەنە خاتا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىشقا ۋە مەلۇماتلىرىنى تۈزىتىشكە مەجبۇرلانغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېيتىمى بويىچە، بۇ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ھەقىقەتەن چەكلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ.
مۇخبىر: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشتا، سىزنىڭ باشقا شىركەت ياكى تەشكىلاتلار قوللانسا بولىدۇ دەيدىغان كونكرېت سىياسىي تەۋسىيەلىرىڭىز بارمۇ؟
مەتتېۋ پوتتېنجىر: ھەئە، ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تەۋسىيە قىلىمەن. شىركەتلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ قانۇندا ناھايىتى كۈچلۈك بەلگىلىمىلەر بار. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شىنجاڭدىن ئامېرىكاغا چىقىرىلغان تاۋارلار ئېكسپورت قىلغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچى تەرىپىدىن پاكىزە مەھسۇلات ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىسا، ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يامان تەرىپىنى ئىسپاتلاش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس. بىز ئۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ يامانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۇ يەردە مەجبۇرى ئەمگەك بار دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. شىركەتلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەگەر بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى يېزىلغىنى ۋە ماددىلىرى بويىچە ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىسا، مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە بىلەن ئۇچراشقان ماللارنى ئىمپورت قىلىش ئىشى تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھازىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى، شۇنداقلا پاختىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، كۈنتاختا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇخبىر: ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى باغلىنىشىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايسىز؟ بىلگىنىڭىزدەك، بۇ ئالتە يىل بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق.
مەتتېۋ پوتتېنجىر: مەن بۇ يەردە ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئىنتايىن ئازابلىق ئۇرۇشلاردىن كېلىپ چىققان دەھشەتلەرگە ھەقلىق تۈردە غەزەپلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى تىلغا ئالمىسام، توغرا بولمايدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايدەك دىنسىز بىر رېجىم بىلەن شېرىك بولۇشىنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ بىز ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلەرگە ئەسكەرتىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.
مۇخبىر: سىزگە كۆپ رەھمەت!