خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇققا ۋە ھەتتا خەلقئارا تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلىشى خەلقئارادا ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولدى. ھازىر خەلقئارادىكى مۇھىم تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ژۇرناللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى تېررورلۇققا، بولۇپمۇ بۇ نۆۋەتلىك ۋەقەلەرنى سۈرىيەدە تەربىيىلىنىپ قايتىپ كەلگەن مۇجاھىتلارغا باغلىشى ئالاھىدە دىققەت تارتقان بولۇپ، مۇلاھىزىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ قانچىلىك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى تالاش-تارتىش قىلىنغان.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ژۇرنىلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بۇنىڭغا باھا بېرىپ: ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېررور تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. بۇ ۋەقەلەر تېررور ۋەقەسىدىن بەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا باشقا چىقىش يولى قويمايۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە قاتتىق چەكلىمە سىياسەتلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدەك كۆرۈنمەكتە، دېگەن.
مەزكۇر مۇلاھىزە ماقالىسىگە «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر تېررورنىڭ مەھسۇلى ئەمەس» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى، مەدەنىيىتىنى، تىلىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، رايونغا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ تۇرغۇدەك دەرىجىدە كۆپەيتىۋەتكەنلىكىنى ۋە بۇلار نەتىجىسىدە 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش زور ۋەقەنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ماقالىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش داۋام قىلغان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ مۇلاھىزىدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى رىزا خاشمەت ئەپەندىنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يىلتىزىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش بازىرىدا ھەقسىز رىقابەتكە ئۇچرىشى، رايوندىكى ياخشى ئىش پۇرسەتلىرىدىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن نەپ ئالالماي، پايدىنىڭ كۆپىنى تېخى تۈنۈگۈن كۆچۈپ چىققان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆرۈشىنى رايوندىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل، دەپ كۆرسەتكەن.
سىياسەت ژۇرنىلىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن رايونغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەبلەغنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بۇ ئىقتىسادىي پىلانلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بەك خىتايلارنى باي قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا مۇقىملىق ساقلايدىغان تايانچ كۈچى بولغان بىڭتۇەننىمۇ كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقارغان:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا مەيدانغا كېلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق يارىتىشنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار ئېتنىك توقۇنۇشلارنى چەتئەللەردىكى تېررور گۇرۇپپىلارغا ئارتىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا رايوندىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئامېرىكىدىكى جەيمىس توۋن تەتقىقات فوندى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى رەھبەرلەر يېڭىچە سىياسەتنىڭ سىگنالىمۇ؟» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىدە كۆپرەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتى ئۈستىدە توختالغان. ئۇلار خىتاي سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ يېقىندا مەخسۇس ھەيئەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەت تەكشۈرۈشكە بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ۋە يۈ جىڭشىڭنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت تارىخى ئۈستىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يۈ جىڭشىڭ ئىقتىساد ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ يىل 29-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ئالدى بىلەن قول سېلىش، تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشى قىلىش، تېررورچى-زوراۋان كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. جەيمىس توۋن تەتقىقات ئورگىنىمۇ مۇلاھىزىسىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنىڭ يۈ جىڭشىڭنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدى بىلەن مۇقىملىقنى تەكىتلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.