ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار (2)
2016.07.29
ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ، پاناھلىقنىڭ بەزى شەرتلىرىنى بىلىۋېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى مەلۇم بولماقتا.
غەرب مەتبۇئاتلىرى 2015 - يىلىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا ئەڭ چوڭ كۆچۈش دولقۇنى بارلىققا كەلگەن بىر يىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەت ياكى نامراتلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ كۆچ - كۆچ، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ يۇرتىنى تاشلاپ دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلىشىگە سەۋەب بولغان.
بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشىدىكى سەۋەب ئۇلارغا ئوخشىمىسىمۇ، 90 - يىللاردىن كېيىن تۈركىيە ھەم ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ تارىختىكى ھەرقانداق زامانغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشقان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەگە يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان. ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانىمۇ 10 مىڭدىن ھالقىپ كەتكەن.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 95 پىرسەنتىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمىنىڭ جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدە مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق خىزمەتلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ خىتاي زۇلۇمى ئىكەنلىكى ئايان. بىراق ئۇيغۇرلار «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ۋە جەنۋە كېلىشىمىدىكى كونا ھەم يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن پاناھلىق شەرتلىرىگە ئائىت بەزى مەزمۇنلارنى ياخشى بىلىۋالسا، غەرب ئەللىرىدىكى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەل بولۇشىغا پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، ئالدىنقى پروگراممىمىزدا تىلغا ئالغان غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەشنىڭ 6 تۈرلۈك شەرتىنى بۈگۈن نىسبەتەن تەپسىلىي ئىزاھلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئاياللارنىڭ، بىمارلارنىڭ پاناھلىق ھوقۇقى ھەققىدىمۇ توختالدى.
دىققەتنى چېكىدىغىنى، ئىنسانلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالماسلىقى سەۋەبلىك پاناھلىق ئىلتىماسىدا بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى بەلگىلىمە.
ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى تۈپەيلى ئانا تىل تەربىيىسىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نۇقتىغا ئېتىبار بېشى لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
پاناھلىق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا خىتايغا يۆتكىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلاش نىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي نىكاھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەسىلەن: دىن مەسىلىسىدە، ئالدىنقى ئايلاردا چىقارغان دىنىي ئەركىنلىككە ئائىت ئاقتاشلىق كىتابىدا بايان قىلغىنىدەك، «ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دىنىي ئەركىنلىك دەۋرىدە ياشىماقتا» دەيدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. مائارىپ ساھەسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتىنى «قوش تىللىق مائارىپ» دەپ پەردازلايدۇ. سىياسىي بېسىملارنى بولسا «تېررورغا قارشى ھەرىكەت» دەپ نىقابلايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى» نى 2014 - يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ يولغا قويۇشقا باشلىغان. خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسەت باھانىسىدە ئۇيغۇر قىزلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان «ئىشلەمچىلەر» قوشۇنىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «ئىش ئورۇنلىرى» غا يۆتكىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نارازىلىق قوزغىغان. ئاخىرى مەزكۇر سىياسەت 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» گە سەۋەب بولغان. شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ھېلىھەم ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى يەنە، دىنىي بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى پاناھلىق تىلەشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى شەرھلىدى ۋە بىر قىسىم خىتايلارنىڭ تۈرلۈك دىنلارنىڭ مۇخلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش دەۋاسى بىلەن غەرب ئەللىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە مىڭ يىللىق ئىسلام ئېتىقادى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەلەرگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەسىلەن، دىن مەسىلىسىدە، ئالدىنقى ئايلاردا چىقارغان دىنىي ئەركىنلىككە ئائىت «ئاقتاشلىق كىتابى» دا بايان قىلغىنىدەك، «ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دىنى ئەركىنلىك دەۋرىدە ياشىماقتا» دەيدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. مائارىپ ساھەسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتىنى «قوش تىللىق مائارىپ» دەپ پەردازلايدۇ. سىياسىي بېسىملارنى بولسا «تېررورغا قارشى ھەرىكەت» دەپ نىقابلايدۇ.
بىراق، غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ياخشى بىلگەچ، ئۆز دەردىنى ئىشەنچلىك رەۋىشتە، مۇۋاپىق شەكىللەردە ئوتتۇرىغا قويالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى تەستىقلىدى.
گېرمانىيەدە ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە 4 قېتىم ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، گېرمانىيە دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملاردىن ئاز دېگەندە ئۈچىنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەزكۇر ھۇجۇملار 2015 - يىلىدىن بۇيان 1 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدە باش مىنىستىر مېركېلنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئۇلغايتقان ئىدى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئەمما گېرمانىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۇنداقتا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى پىكىر ئېقىمى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەدىمۇ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يېڭىدىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرمۇ ۋە پاناھلىق نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇرغۇچىلارمۇ بار. ئەمما گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملار ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق مەسىلىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن.
خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى غەرب ئەللىرىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەندە، سىياسىي پاناھلىقتىن باشقا «ئۇرۇش مۇساپىرلىرى»، «تەبىئىي ئاپەت مۇساپىرلىرى»، «كېسەللىك مۇساپىرلىرى»، «دىنىي بېسىم مۇساپىرلىرى»، «مائارىپ مۇساپىرلىرى» دېگەندەك سالاھىيەتلەردە پاناھلىق ئىلتىماسىدا بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلىۋېلىشى لازىم ئىكەن.