مەلۇمكى، يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى. مەزكۇر لايىھەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە تۈرمە-لاگېرلارغا قامىشى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىشى، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا سەۋەبكار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي تەرەپنى قاتتىق بېئارام قىلغان ئىدى.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە مۇتەخەسسىسلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. شۇ جۈملىدىن رۇس، قازاق، ئۆزبېك تىللىق مەتبۇئاتلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇلاردا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا قارىتىلغانلىقى، ئۇنىڭغا يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو ئېلان قىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
«ئېكسكليۇزىۋ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئا ق ش سېناتورلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداپ، قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر دونالد ترامپ خىتاينى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشىدە ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشىغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىدىكەن.
«ھولا نەۋس» تور بېتىدە بېرىلگەن «ئا ق ش سېناتى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداشتا قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئامېرىكانىڭ ئىككى چوڭ پارتىيەسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاساسەن خىتاينىڭ شىمالىي-غەربىي رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا تەقىبلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى ئېمبارگو قوللىنىشقا، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە پايدىلىنىلىدىغان مەھسۇلاتلارغا مەلۇم ئېكىسپورتلۇق چەكلىمىلەر كىرگۈزۈشكە مۇمكىنچىلىك بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ قازاق تەھرىراتىدا ئېلان قىلىنغان «ھەم ئۇيات، ھەم كەچۈرۈلمەيدىغان ئىش: ئا ق ش سېناتى خىتايغا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ماقۇللىدى» دېگەن ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم كۆرۈپ، لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق دەسلەپكى خەۋەر 2017-يىلى ئەتىيازدا تارقىلشقا باشلىغان. ب د ت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە باشقىمۇ تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ‹سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى› دا تۇتۇپ تۇرغانلىقى توغرىلىق چىققان. باشتا مۇنداق خەۋەرنى ئىنكار قىلغان بېيجىڭ ئۇنى «ئەسەبىيلىككە قارشى چارە» دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە سىياسىي لاگېرلارنى ‹خىتاي تىلى ئۆگىنىپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيىلەيدىغان مەركەزلەر» دەپ ئاتىغان».
ماقالىدا يەنە رەسمىي بېيجىڭنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچ قانداق بىر پىكىر بىلدۈرمىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۆزبېكىستاننىڭ «تارجىمون» ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن «ئا ق ش سېناتورى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىدى» ناملىق ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇسۇلمانلارنى ھېچ قانداق بىر ئەيىبسىز ۋە سوتسىز ئۇزۇن ۋاقىت قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان، ئۇلارغا نىسبەتەن شەپقەتسىز، غەيرىي-ئىنسانىي، قەدىر-قىممەتنى كەمسىتىدىغان مۇناسىۋەتتە بولغان، ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى، شەخسىي دەخلىسىزلىك ھوقۇقىنى بۇزغانلىقتا ئەيىبكار دەپ ھېسابلانغان» شەخسلەرگە نىسبەتەن ئېمبارگولار جارى قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئا ق ش كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللىغانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلدى. تەشكىلات بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ تولۇق بولغان سىياسىي جاۋاب قايتۇرۇشىدا بىرىنچى مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر سەھىپىسىدە ‹بۇ ھەممىمىزگە چوڭ ئۈمىد بېغىشلايدۇ› دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى.»
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە قازاق، رۇس، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى نېمە دەيدۇ؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان قازاق پائالىيەتچىسى، سىياسەتشۇناس دوس كۆشىم ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى سۆزسىز قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى گەپ ئۇيغۇر ۋە باشقىلاردىلا ئەمەس. ئەگەر ئاساسىي مىللەتلەر تۇرىدىغان مەملىكەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېسىم كۆرسىتىلىدىغان بولسا، مەسىلەن، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا، ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان سىياسەتنى تۇتقان شەخسلەرگە قارشى جازا قوللىنىش مەسىلىسى بۇ پۈتكۈل دېموكراتىك مەملىكەتلەرنىڭ ئاساسىي پوزىتسىيەسى. ئەلۋەتتە، ئىلگىرى ئاق ش نىڭمۇ، ب د ت نىڭمۇ ھۆججەتلىرىدە بۇ مەسىلە بار بولغان، ئەمما كېيىنكى بەش يىلدا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسىتىلىۋاتقان بېسىم خەلقئارا دەرىجىدە ياخشى باھاسىنى ئېلىشى كېرەك. مېنىڭچە، ئامېرىكانىڭ بۇ لايىھەنى ماقۇللىشى شۇ باھانىڭ بىر بەلگىسى، بىر قەدىمى.»
دوس كۆشىم يەنە خىتاينىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا مۇنداق لايىھەلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئانچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى مۇنداق ئىشلارنىڭ خىتاينىڭ بېشىدىن كۆپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقتىن خىتاينىڭ بۇنى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتچىلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ھۆججەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش نوپۇزلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇق بويىچە قازاقىستان بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئەھۋال بىر يىل ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بۇيان سوزۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق بۇزۇلۇۋاتقانلىقتىن ئۇلار باشقا ئەللەرگە قېچىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، مۇشۇ ۋاقىتقىچە يا ئامېرىكا، يا ياۋروپا ئىتتىپاقى، يا ب د ت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلمەي كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى قۇرغان لاگېرلىرىمۇ پەقەت تۈنۈگۈن پەيدا بولغان ئەمەس. ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلسىمۇ، خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىگەن. ئەلۋەتتە، مۇنداق قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىر پەيدا بولۇشى دۇنياۋى سىياسىي سەھنىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە باغلىق بولدى. خىتايدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان مۇنداق قانۇن لايىھەسىنىڭ پەيدا بولغىنى، ئەلۋەتتە، ياخشى.»
ئېۋگېنىي جوۋتىس خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە مەملىكەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولغانلىقتىن ھەر قانداق ھۆججەتنى چەكلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئېۋگېنىي جوۋتىس شۇنداقتىمۇ بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرگە روھىي مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردۇقۇلوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، خىتايدا ياشاۋاتقان ئېتنىكىلىق قىرغىز، قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق بىرىنچى نۆۋەتتە مەركىزىي ئاسىيا ھاكىمىيەتلىرىنى بىئارام قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئەپسۇسكى، مۇنداق بولمايۋاتىدۇ. چۈنكى لايىھەلەر، مەبلەغلەر، كرېدىتلار ئۇلارنى خىتاي بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق سەۋەبلەردىن ئۇلار بېيجىڭ بىلەن ئالاقىلىرىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ. ئەمدى بىز ئامېرىكاغا نىسبەتەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولمايلى، ئامېرىكا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قوغداشتا ئالدىنقى سەپتە بولۇپ كەلگەن بىر دۆلەت. بۇ مەسىلىدە غەرب ئەللىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىقتا بولۇپ كەلدى. ئەمما خىتاينىڭ بۇ مەسىلە بويىچە ئۆز پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆز ۋاقتىدا قوبۇل قىلىندى، دەپ ھېسابلايمەن.»
رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى تونۇلغان ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچى بەھرام ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوغداپ چىقىۋاتقان بىردىن-بىر مەملىكەت ئىكەن. ئامېرىكانىڭ باشچىلىقىدا بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنى، ژۇرنالىستلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىش يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىكەن.
بەھرام ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ئامېرىكانىڭ مۇنداق قانۇننى قوبۇل قىلىشى بىرىنچىدىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پالاتانىڭ، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تۆھپىسى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىقى دەپ چۈشىنىمەن. ھەم ئامېرىكادا ھەم غەربتە ئۇلار تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى توپلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى ئاشكارىلىدى. نېمە ئۈچۈن رۇسىيەگە ئوخشاش چوڭ مەملىكەتلەر خىتايدىكى ئەھۋالغا باھا بەرمىدى يا بۇ ھەقتە ھەتتا بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىدى؟ دېمەك ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى شۇ. مەن بۇ لايىھەنى مۇھاكىمە قىلىشقا ۋە قوبۇل قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىغان سېناتورلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. بۇ قانۇن ئەلۋەتتە ئىشلەيدۇ. ئامېرىكادا ئىشلىمەيدىغان قانۇن يوق، دەپ ئويلايمەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ھەقىقەتەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
بەھرام ھەمرايېف بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بارغانسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور، دوكتور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي تەقىبلەر ھەممە تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق پاجىئە. شۇڭلاشقا قېرىنداش خەلقلەر بىزگە ناھايىتى ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇنى يوشۇرمايدۇ. 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش تۈركىي خەلقلەر بېشىدىن ئۆتكەن جەريان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان ھېسداشلىقى يۇقىرى. بىزنىڭ تەقدىرىمىز، كېلەچىكىمىز بىر خەلقلەر. بۈگۈنكى ئەۋلادلارغىمۇ بۇ ۋەقەلەر قاتتىق تەسىر قىلىۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەلەردە قۇربان بولغان قان-قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش مەقسىتىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتىكەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئوچۇق نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن ئىلتىماس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت قىلىش، ئىمزا توپلاش ئىشلىرىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
0:00 / 0:00