ئۇيغۇرلار توغرىلىق قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.12.09
uyghur-bill-11.jpg «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
house.gov

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن» لايىھەسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى توغرىلىق خەۋەر رۇس ۋە قازاق تىللىق مەتبۇئاتلاردا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ئورۇن ئالماقتا.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئولگا بۇتىرلىنانىڭ «ئۇيغۇرىستاندىن قولۇڭنى تارت! ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇننى باشلىدى» ناملىق ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى ياقىلاپ، خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بەزى رەھبىرىي شەخسلىرىگە ھەمدە خىتاي شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى بار باشقىمۇ شىركەتلەرگە قارىتا ئەمەلىي تەدبىرلەر قوللىنىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكاغا قارشى جاۋاب قايتۇرۇشتىن يانمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت مەجلىسى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خىتايغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ماقۇللىدى» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراپ، لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ دەسلەپكى قېتىم 2017-يىلى باھاردا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى ئېيتىلغان.

«ئۇيغۇر 2019»، يەنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن «ستان قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «توقايېف خىتايدىكى ئېتنىك قازاقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېيتتى» ناملىق ماقالىدىمۇ ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە قازاققا كۆرسىتىلىۋاتقان بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن كېلىشىم بولدىمۇ، دېگەن سوئالغا پرېزىدېنت بۇ ھەقتىكى ئاخباراتنىڭ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئەتتەي مۇرەككەپلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.» قازاقىستان پرېزىدېنتى خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئاساسىي ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماي، پەقەت قازاقىستاننىڭ خىتايغا قارشى مەيدانغا ئايلىنىپ قالماسلىق لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭدىن تاشقىرى «قازاقىستان» قانىلى «ئا ق ش دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇننى ماقۇللىدى» دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر تارقىتىپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قانۇنىنى 407 ئادەمنىڭ قوللاپ، پەقەت 1 ئادەمنىڭلا قارشى چىققانلىقى تەكىتلەنگەن.

رۇسىيەنىڭ «رېپورت» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «دۆلەت مەجلىسى خىتايغا قارشى ئېمبارگولارغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلدى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قانۇن چىقارغۇچىلار قوشما شتاتلار پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەشكە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنى بولسا، بۇ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مىليونغا يېقىن ۋەكىللىرىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى يېپىشقا چاقىردى.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىنىپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا رۇسىيە پايتەختى موسكۋانىڭ باش مۇپتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن.

«رېئالنويې ۋرېميا» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «موسكۋا مۇپتىسى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ‹دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەرىكەتكە› چاقىردى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، موسكۋا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسىنىڭ رەئىسى ئىلدار ئاليائۇتدىنوف جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغان ئالغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئادەملەر تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە بىزگە يېقىن تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئالاقىسى بار. بۇ بىزنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىمىز، ھەدە-سىڭىللىرىمىز. خىتايدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر جاۋاب تېپىشى، بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىزدە، بىزنىڭ جانلىرىمىزدا سوقۇپ تۇرۇشى كېرەك. بىز بۇ ھەقتە تىنچ تۇرالمايمىز. بىز بۇ ھەقتە دېيىشىمىز، بۇ جەھەتتە بىر پۈتۈن بولۇپ چىقىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز زۆرۈر.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي-مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان مەۋقەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەمدە بۇ مەسىلىدە خىتاينى تەنقىدلەۋاتقان ئامېرىكانى قوللىشىغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟

سىياسەتشۇناس رىسبېك سارسېنباي ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، گېئو-سىياسەت چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىدە ئالاھىدە رول ئوينايدىكەن. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا جايلاشقان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ پۈتكۈل ھاكىمىيەتنى بىر ئادەم ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان مەملىكەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوشنا رۇسىيە ۋە خىتايغا دائىم بېقىندى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارلىقىنى خۇددى بىر چاپان كىيگەن ئادەمگە ئوخشىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ياقتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەربىيەلەش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قورقۇتۇش، ئاڭ-سېزىمىنى ئۆزگەرتىش، دىندىن بەزدۈرۈش، خىتايپەرەس قىلىپ تەربىيەلەش ھەرىكەتلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بارلىقىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاۋاتىمىز. شۇنى كۆرۈپ تۇرغان يە قىرغىزىستاننىڭ، يە ئۆزبېكىستاننىڭ، يە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ باشلىقلىرى نېمە دېيەلەيدۇ؟. ئۇلار بىر قېتىم بولسىمۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمىدى، يە خاتا دېمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قارالغان مەسىلىلەرنى قوللىمىدى. مۇشۇنىڭ بارلىقى بۇ مەملىكەتلەرنىڭ تېخىچىلا خىتاينىڭ ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدۇ.»

رىسبېك سارسېنباي خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن جايلاشقانلىقىدىن ياكى قوشنا بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقىمۇ جەھەتلەردىن دائىم بېقىندىلىقتا ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ مەملىكەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان پوزىتسىيەسىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس جاسارال قائۇنىشالىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن كېرەك چارە. سەۋەبى خىتاي قازاقىستاننى ئىقرار قىلمىسىمۇ، ئامېرىكاغا نىسبەتەن باشقا تەرەپتىن قارايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تۈرلۈك ئېمبارگولىرى ۋە باشقىمۇ ھەرىكەتلىرى خىتايغا ئوڭاي تەگمەيدۇ. ھەم خىتاي، ھەم رۇسىيە ‹بىزنى ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ›دەپ چىرايىنى كۆرسەتكىنى بىلەن ھەقىقەتتە ئامېرىكا ۋە غەرب تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتلەر سۆزسىز ئۆز رولىنى ئوينايدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولاشتىن چېكىنىپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئىشلىتىۋاتقان ھەرىكەتلىرى بىز ئۈچۈنمۇ كېرەك.»

جاسارال قۇئانىشالىن قازاقىستان رەھبىرىنىڭ خىتايدىكى قازاقلارغا، ئومۇمەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە بولا قىلغان بىلدۈرۈشىنىڭ ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمغا ۋە تەقىبكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك قىلغان تەنقىدلىرى مەركىزىي ئاسىيا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھېچ قانداق بىر قوللىشىغا ئىگە بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان. بۇ رۇسىيەپەرەس ۋە خىتايپەرەس مەملىكەتلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيادا بۇ ھېچ بىر ئۆزگىرىشكە ئېلىپ كەلمەيدۇ. مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى يە ئامېرىكانىڭ، يە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، يە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خەلقلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەسىلىسىدە سۈكۈتنى ساقلايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردىقۇلوف ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قوبۇل قىلغان قانۇن لايىھەسىدە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى لاگېر مەسىلىسىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە بۇ ماۋزۇ مەقسەتلىك ھالدا قوزغالمايۋاتىدۇ. سەۋەبى خىتاي پەقەتلا سودا شېرىكى ئەمەس، بەلكى بىزگە قەرز بېرىۋاتقان ھەم مەبلەغ سېلىۋاتقان دۆلەت. قىرغىزىستان بۇ مەسىلىدە لىدېر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستان خىتاينىڭ مۇنداق ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقىسى كەلمەيدۇ. خىتاي يېپىق مەملىكەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرقى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قاراش كۈچىيىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئىككى مەملىكەتتە يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشى يوشۇرۇن ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇمۇ خىتايغا بولغان قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.»

قازاقىستاندا تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى ئاشكارىلايدىغان ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى كۆپلىگەن مەملىكەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقىمىزگە نىسبەتەن تەستىقتىن ئۆتكەن ئىنسان ھوقۇقى ھەققىدىكى قانۇن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلانغىنىغا 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىچىلا رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن چىقالمايۋاتقان كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلەر ئىقتىسادىي ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن مەلۇم دەرىجىدە خىتايغا باغلىنىپ قالغىنىمۇ ھەقىقەت. نى-نى تەرەققىيپەرۋەر دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەن ئېلىۋاتقاندا تېخى سۆڭىكى قاتمىغان سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىگە رەنجىشنىڭمۇ ئورنى يوق. ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى چوقۇم ئۆزگىرىدۇ.»

شاۋكەت نەزەروف يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى، بۇ كۈرەشنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.