مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مىلەنگەن قانلىق تىجارەتلەر قاچان تۈگەيدۇ؟»
2022.01.31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇش بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە ئىزچىل خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، بۇ ھەقتىكى ئادالەت چۇقانلىرىنى ئۆچۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتقانلارنىڭمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىشى نۆۋەتتە كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. بەزىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بۇ ھەقتىكى «نەق مەيدان زىيارىتى» نىڭ فىلىملىرىنى يۈكلەش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار بەختىيارلىق ئىچىدە ياشىماقتا» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىسا، يەنە بەزىلەر بىۋاسىتە ھالدا ئاشۇ خىلدىكى شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى پەردازلاشقا زېھىن قويۇپ كەلمەكتىكەن. ئەنە شۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى كۇبالىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئامېرىكا ئۇچۇر ئىلمى سودىگىرى نېۋىل سىڭخام ئىكەن.
پورتلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالېكسانددر رۇس يېقىندا «يېڭى لىنىيە» ئاقىللار مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاساسىدا مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بۇ قىلمىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغا مىلەنگەن «تىجارەت بولكسى» يېگەنلىككە باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بولسا ئامېرىكادا زور ئالقىشقا سازاۋەر «ياش تۈركلەر» (The Young Turks) سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ 27-يانۋار سانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەرھىلەندى.
سۆھبەت رىياسەتچىسى ئانا كاسپارىئان ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. دوكتۇر ئالېكساندېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن نېۋىل سىڭخام ئامېرىكا تەۋەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسىگە مايىل ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بېرى مەشھۇر ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا سوتسىيالىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كۇبادىن ئامېرىكاغا قېچىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىلا دېتروئىت شەھىرىدىكى «ئىنقىلابىي قارا تەنلىك ئىشچىلار بىرلەشمىسى» گە ئەزا بولغانىكەن. مەزكۇر تەشكىلات بولسا ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسىدىن ئىلھام ئالغان قارا تەنلىك ئىشچىلار قۇرۇپ چىققان تەشكىلات بولۇپ، 1972-يىلى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن سىڭخام بۇ تەشكىلاتنىڭ «كادىرلار بۆلۈمى» دە ئىشلىگەنىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ غايەت زور بايلىق توپلىغان. 2001-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ خىتاينىڭ خۇاۋېي گۇرۇھىدا تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلى ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئون نەچچە دۆلەتكە كېڭىيىپ بولغان «پىكىر تورى» شىركىتى نامەلۇم باھادا ئەنگلىيەدىكى بىر نامەلۇم كىشىگە سېتىلغان. بۇ شىركەت سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پايچېكى نىيو-يورك پاي چېكى بازىرىغا سېلىنغان ھەمدە ئومۇمىي قىممىتىنىڭ توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇ شىركەت سېتىلغان 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقمۇ دەسلەپكى قەدەمدە يۇغۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىڭخامنىڭ ئىئانە قىلىش، ياردەم قىلىش دېگەندەك ناملاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياقلايدىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەمىن ئەتكەن مەبلىغىمۇ سان جەھەتتە ئېشىپ ماڭغان.
ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، سىڭخامنىڭ «ئايالى» دەپ قارىلىۋاتقان جۇدى ئېۋان «ھالرەڭ كود» (Code Pink) شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن. بۇ شىركەت بولسا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «سوغۇق ئۇرۇش» قا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەش باھانىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى بارلىق تەدبىرلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. شۇنىڭدەك ئاشكارا ھالدا «خىتاي ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، دۈشمەنمۇ ئەمەس. بىر قىسىم كىشىلەر ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەسەت قىلماقتا» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ تور بېتىگە چاپلانغان بۇ ھەقتىكى يازمىلاردا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش قورالىدۇر» دېگەندەك بايانلار ئورۇن ئالغان. بۇ خىل پىكىرلەر بولسا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىغا كۈچلۈك «دەستەك» بولۇپ بەرگەن. بۇ ھەقتە ئالاھىدە فىلىم ئىشلىگەن ئەنگلىيەلىك ئالىم جون رۇس بولسا مۇشۇ ئاساستا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى پۈتۈنلەي يالغان ھېكايە» دەپ خۇلاسە چىقارغان. .
ئالېكساندېر روسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا تەۋەسىدىلا ئاز دېگەندىمۇ ئونغا يېقىن پۇقراۋىي جەمئىيەت ھەر يىلى سىڭخام ۋە جۇدى ئېۋان تەمىن ئەتكەن بىر نەچچە مىليوندىن ئون نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئىزچىل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ جامائەت پىكرى توپلىماقتىكەن. سىڭخامنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن «توغرىلانماس ھەرىكەت» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى تىرىنىتىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ۋىجاي پراشاد (Vijay Prashad) بولۇپ، ئۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاپ ماقالە يېزىپ كەلمەكتىكەن. ئۇمۇ 2017-يىلى خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ پۈتۈن دىققىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان ئوبزور ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا مەركەزلەشتۈرگەن. «يېڭى لىنىيە» ئاقىللار مەركىزى ئۇنىڭ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنى سورىغاندا ئۇ گەپ يورغىلىتىپ «يېڭى پۇرسەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلغانلىقتىن مەن ئۇنىۋېرسىتېتتىن چىقىپ كەتتىم» دېگەن. ئەمما ئۇنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى ئەپقاچقان. ئۇنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى، زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئاياللارغا قارىتىلغان تۇغۇت كونتروللۇقى قاتار بىر قاتار مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ئىنكار قىلغان ئەسەرلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغاندىن كېيىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلىشقا ئالاھىدە زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئالېكساندېر بولسا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى خىتايچە مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ پاراللېل كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. .
مەلۇم بولۇشىچە، سىڭخام ۋە جۇدى ئېۋاننىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئىزچىل نامەلۇم تۇرۇۋاتقان بولۇپ، «يېڭى لىنىيە» ئاقىللار مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆپ قېتىملىق سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئارقا تىرىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتىكەن.