ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆرۈنمەس تەسۋىرلىرى: يەر ناملىرىغا يانداشقان ئۆزگەرتىشلەر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.28
Kocha-nami-yer-jay-isim-ozgertish-1920 ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ئىزنالىرى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقىتىش ئوبېيكتى قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا بەكمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن بىر ساھە يەر-جاي ناملىرىدىكى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ.
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ئىزنالىرى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقىتىش ئوبېيكتى قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا بەكمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن بىر ساھە يەر-جاي ناملىرىدىكى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي تارىخنامىلىرىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇلغان يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، بۇنىڭدىكى سىياسىي غەرەزنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارالماقتا.

«يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بەلگىسى! »

2024-يىلى ئىيۇندا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە «ئۇيغۇريار» فوندى بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان دوكلات ئۇيغۇر ئېلىدىكى 600 دىن ئارتۇق يېزا-قىشلاق ناملىرىنىڭ 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سۈنئىي ھالدا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى رەتلەپ چىقتى. شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى. دوكلات ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئۆچۈرۈشنى ئىستىمەكتە. چۈنكى بۇ ناملار ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە تارىخىنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ خىل «تارىخنى ئۇنتۇلدۇرۇش» ئۇرۇنۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى مەمۇرىي بىرلىكلەرنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىدا «خىتاينىڭ تارىخىنى ئەسلىتىش» شەكلىدە داۋام قىلغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئۇلارنى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىشىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى ئاپرېلدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بويىچە تۇرپان ۋىلايىتى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى دەسسىتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى بولسا «ئىدىقۇت (گاۋچاڭ) رايونى» نامىدىكى رايونغا ئۆزگەرتىلىپ، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت جايلاشقان ئورۇن بولغان.

بۇ ھال قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بىكار قىلىنىش مۇساپىسىدىمۇ ئەينەن تەكرارلانغان. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە قۇمۇل شەھىرى بىكار قىلىنغاندا، ۋىلايەتنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك «قۇمۇل شەھىرى» دەسسىتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك قۇمۇل شەھىرىنىڭ نامى «ئېۋىرغول (يىجوۋ) رايونى» غا ئۆزگەرتىلگەن ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى قىلىپ بېكىتىلگەن. تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «گاۋچاڭ» ۋە «يىجۇۋ» ناملىرى خىتاينىڭ سۈي (618-581) ۋە تاڭ (618-907) دەۋرلىرىگە مەنسۇپ سالنامىلىرىدە، بولۇپمۇ تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئۇرۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردە ھازىرقى تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىنى كۆرسىتىدىغان خىتايچە ناملاردۇر. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات بۆلۈمى دىرېكتورى، دوكتور ھېنرى شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن مەزمۇندىكى نەزەرىيە بىلەن بولغان بەزى باغلىنىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:

 «شۇنداق، بۇ جاھانگىرلىك ھەرقاچان قىلىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى يەر ناملىرى ھەر ۋاقىت جۇغراپىيە ۋە خەرىتىچىلىك بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما بىز دەۋاتقان بۇ ھادىسىلەر بىر تەرەپلىمە رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدا يەر ناملىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش خاھىشى مەۋجۇت. چۈنكى بۇنىڭدا كىشىلەر بارا-بارا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئەسلىدىكى يەر نامى نېمە ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىنى ئويلاشقاندا شۈبھىسىزكى ئۇ جاھانگىرلىكنىڭ زېمىن ئىشغالىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە تەبىئىي ئەھۋال قىلىپ كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر خىتاي ئاكادېمىكلىرى بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىنى خىتايچە يەر ناملىرىغا ئايلاندۇرغان بولسا، ئۇ ھالدا خىتايلارنى ئاشۇ يەرلەرنىڭ ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا رول ئوينىمايدۇ. مەسىلەن، ‹شىيۈ› دېگەن سۆز ‹غەربىي يۇرت› دېگەن مەنىدە بولۇپ، جاھانگىرلىك مەزمۇنىدىكى ‹شىنجاڭ› (يېڭى چېگرا) دېگەن سۆزدىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. بۇ خىل نام ئۆزگەرتىشى بۇ جايلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشىنى دەۋا قىلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئىككى خىل ھادىسە مەۋجۇت: بىرى، تارىخ داۋاسى، يەنە بىرى جاھانگىرلىك ئىشغالىيىتى ئاساسىدىكى ئەسلى كىملىكنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشى. »

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى روياپقا چىقارغان مۇناسىۋەتلىك ئىنگلىزچە تور بەتلەردە ئۇيغۇرچە شەكىلدىكى «ئىدىقۇت» ياكى «ئېۋىرغول» ناملىرىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە «گاۋچاڭ» (Gaochang) ۋە «يىجوۋ» (Yizhou) ناملىرىنىڭ قوللىنىلىشى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ خىتايچە ناملارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىدىن ۋاسىتىلىك ھالدا بېشارەت بېرىدۇ. بۇ نۇقتىنى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

ۋىلايەتلەر يوقالسا نېمە بولىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى 1955-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدا قۇرۇلغان سىياسىي گەۋدىنى ئاساس قىلغان ھالدا داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، «ئاپتونومىيە» نامىدا ئوبلاست، ناھىيە ۋە يېزا تەسىس قىلىش ئىزچىل تۈردە «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» نىڭ زامانىۋى شەكىللىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەمۇرىي بىرلىكلىرى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلكە\ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا-بازاردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىدە ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بۇ خىلدىكى ۋىلايەتنى بىكار قىلىشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. 2001-يىلى 6-ئۆكتەبىردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «ئىلى ۋىلايىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەمدە ۋىلايەتكە قاراشلىق بارلىق مەمۇرىي بىرلىكلەرنى «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى» غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ ئەھۋال قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلغاندىمۇ ئەينەن تەكرارلانغان. مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى مەمۇرىي بىرلىكلەرنى «ئىخچاملاش» ئەمەلىيەتتە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھوقۇقنى ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر ياقتىن ئەسلىدىنلا قېرىنداشلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا سۈنئىي ھالدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشلاردىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلى ئاپرېلدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تۇرپان ۋىلايىتىنى بىكار قىلغاندا، بۇنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىشنىڭ بىر مۇھىم شەرتى دېھقانچىلىقتىن خالىي شەھەر نوپۇسىنىڭ سانى 250 مىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن. شۇنداقلا شۇ شەھەرنىڭ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ مىليارد سوم (يۈەن) دىن يۇقىرى بولۇشى، بۇنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپ قىسىم سانائەتتىن كەلگەن بولۇشى لازىمكەن. بۇ ھال چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا، دەل خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن بۇيان زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدىكى خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش ئارقىلىق تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا «ئاز سانلىق» ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشى بىلەن پاراللېل كېلىدۇ. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن شەھەرلەرنى «شەھەر بولۇش تەلىپى» گە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ جايدىكى «دېھقانچىلىق بىلەن ئالاقىسى بولمىغان نوپۇس سانىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، بۇ جايلاردا سانائەت بازىسى قۇرۇش لازىم» بولىدۇ. بۇنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇسۇل بولسا ئىچكىرىدىن زور ساندا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆز بولغاندا، لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز بۇنىڭ ماھىيەتتە «ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى» شەكلىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:

 «شۇنداق. بۇنىڭدا ‹ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى› دەيدىغان بىر ئىستراتېگىيە مەۋجۇت. چۈنكى بىز 1950-يىللاردىكى ۋەزىيەتكە نەزەر سالساق، 1949-يىلى شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى، يەنى بىرنەچچە پىرسەنتلا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ھۆكۈمران ئورۇندا ئىدى. 50-ۋە 60-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىنى ئىجرا قىلغۇچى كۈچلەرنى، يەنى ‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى› نى پەيدا قىلدى. 2015-يىلىدىن كېيىن بولسا ئۇشتۇمتۇتلا باشلانغان يوشۇرۇن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا نوپۇسى بۇ جايدا بولمىغان غايەت زور ساندىكى ئاھالە باشقا جايدىن كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى. 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون نوپۇس شىنجاڭغا كۆچۈرۈلدى. بۇ خىل كۆچۈپ كەلگەن خىتاي نوپۇسى يۇقىرى مائاش، ياخشى خىزمەت، بىكارلىق ئۆي دېگەندەك پاراۋانلىق چارىلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلەردۇر.»

دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ، يوقىتىشقا ئاساس ھازىرلاش

ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رويخېتىدە جەمئىي يەتتە ۋىلايەت ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بۇ خىل ۋىلايەتلەر تىبەت ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىن باشقا جايلاردا مەۋجۇت ئەمەس. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي بىرلىكلەرگە روبىرو ھالدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەڭ زور «رەقىب كۈچ» دەل ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى» نى ئىجرا قىلغۇچى بىڭتۈەن سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تەكىتلەۋاتقان ئاشكارا سىياسەتلەرنىڭ بىرى «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولغان «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىش» بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلغان سۈنئىي شەھەر ۋە ناھىيەلەر بىردەك بىڭتۈەننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولۇپ، ماھىيەتتە بىڭتۈەننىڭ ئەمەلىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ۋىلايەتلەرنىڭ قىسقارتىلىپ يوقىتىلىشى، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونومىيەنى ئاساس قىلغان ھوقۇق تەقسىماتىنى پارچىلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەمۇرىي بىرلىك سىستېمىسىنى بىڭتۈەننىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يول ئاچىدۇ. چۈنكى ۋىلايەتلەرنىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ، شەھەرگە ئايلاندى، دېگەنلىك كېيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ يوقىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەتلەردىن ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرى كېيىنكى قەدەمدە شەھەرگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى مەمۇرىي دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا بىردەك «تەرەققىيات» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.