ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئۇكرائىنادىن نەرى كەم؟
2023.03.29
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قوزغىغان ئىرقىي قىرغىنچلىق ھۇجۇمىدا مەدەنىيەتتىكى بۇزغۇنچىلىق ئاساسلىق نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى چەكلەش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىۋى مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، جۈملىدىن ساياھەت نۇقتىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايغا تېگىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق قەبىھ ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلماقتا.
ھالبۇكى دۇنيادىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن يۇنېسكونىڭ بەش-ئالتە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يوقىلىشىغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
يېقىندا ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «يۇنېسكو ئۇكرائىناغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى» ناملىق ماقالىدە دەل مۇشۇ مەسىلە يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يۇنېسكو رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ كىملىكىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قاتتىق ئەيبلەپلا قالماي، رۇسىيە ۋەيران قىلغان چېركاۋ مۇزېي، تاش ئابىدە قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خاتىرىلەپ قويغان. يۇنېسكو بۇ خىل مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يوقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ئالاھىدە خادىمى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «چېركاۋ ۋە مەسچىتلەرنى چېقىۋېتىش تام ۋە ئۆگزىلەرنى (قۇببە، مۇنارلارنى) چېقىۋېتىشلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بىر قىسمىمىزنى، يەنى ئۆزىمىزگە تەۋە دەپ قارىغان مەۋجۇتلۇقىمىزنى ۋەيران قىلىشتۇر» دېگەن.
ئەمما يۇنېسكو يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ۋەيران قىلىنغان، يوق قىلىنغان ياكى ئوغرىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خاتىرىلەپ باقمىغان.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى (ASPI) ئېلان قىلغان 2020-يىللىق دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا تەخمىنەن 16 مىڭ مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى پروفېسسورى رەيچېل ھاررىس ۋە يولدىشى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا چىققان بۇ ماقالىنىڭ تۆھپىكارلىرىدىن بولۇپ، رەيچېل ھاررىس خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماقالە بىزنىڭ بىر ئاي ئاۋۋال ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئاساسىدا يېزىلغان. بۇ ماقالىدە يۇنېسكونىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى كۈچلۈك سېلىشتۇرما قىلىنغان. ‹تاشقى سىياسەت› ژۇرنىلىدىكىلەر مېنى زىيارەت قىلغاندا، مەن ئۆزىمىز تەييارلىغان دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بەردىم. دەرۋەقە يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت».
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇنېسكو 2008-يىل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، سەنئەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى بولغان مەشرەپنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس رەيچېل ھاررىس (Rachel Harris)قا ئوخشاش مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ باھالاتقان. يۇنېسكو 2010-يىل ئۇيغۇر مەشرىپىنى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان مەشرەپنى چەكلەپ، مەشرەپ ئوينىغانلارنى تېررورىست دەپ باستۇرغانىدى.
يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانماسلىقى مەشرەپتە ئەڭ روشەن ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، يۇنېسكو ئۆزلىرى تىزىملىككە ئالغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ بەش تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھاۋالە قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا كۆز يۇمغان.
ھالبۇكى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ، يۇنېسكو رۇسىيەنى قاتتىق ئەيبلەش بىلەن بىرگە ئۇكرائىنادىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن؛ ئۆتكەن يىل 2-ئايدىن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئۇكرائىنادىكى 248 مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى دەلىللىگەن.
بىز يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى بىلەن ئۇكرائىنادىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بۇزىۋېتىلىشىگە تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئىزاھ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان بولساقمۇ، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا سەل قارىشىدىكى سەۋەب، خىتاي بۇ ئورگاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي يۆلەنچۈكى ئىكەن، 2020-يىل مەزكۇر ئورگاننىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ 15 پىرسەنتىدىن كۆپىنى خىتاي تەمىنلىگەن. خىتايدا يۇنېسكو ئەنگە ئالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئىتالىيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. خىتاي بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا خىتاي يۇنېسكوغا ئەزا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاپ، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا دائىر ئەندىشە ۋە تەنقىدلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسىدىكەن.
رەيچېل ھاررىس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇنېسكونىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىنى سۈيئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ يەردە ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. بىز دوكلاتىمىزدا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يۇنېسكو تىزىمغا ئالغاندىن باشلاپ قانداق قىسمەتكە يولۇققانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن شىركەتلەرگە بەردى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولسا تۈرمىگە سولاندى، ئۆيلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى چەكلەندى. مەسىلەن، مەشرەپ يىللاردىن بۇيان چەكلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئەگەر مەشرەپ ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ھۆكۈمەتكە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ رۇخسەت ئالىدىغان ھالغا كەلدى».
خىتاي ھازىر ئۇيغۇلارنىڭ قىممەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرىنى يوقىتىش ياكى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە سىڭدۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرىنى خىتايغا تەۋە قىلىشتىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نانلىرى ۋە دوپپىلىرىغىمۇ خىتايچە بەلگە ئۇرۇش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان.
يېقىندا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردا، خىتاي قۇمۇل ۋە كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالارنى، ھەربىي قەلئەلەرنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت ئىزلىرى دەپ بېكىتكەن. لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقارغان ۋىدىيودا، خىتايي دائىرىلىرىنىڭ تۇرپاندىكى كارىزنى ئاساسەن قۇرۇتۇپ ياكى ۋەيران قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق كارىز مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنى قاتتىق ئەيبلەش بىلەن بىرگە، 2000 يىللىق كارىز مەدەنىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلغان. بۇ باياناتتا ئېيتىلىشىچە، يۇنېسكو 2008-يىل كارىزنى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىزىملىكىگە نامزات قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر باياناتتا: «ئەگەر بۇ مىراس يوق قىلىنىسا ياكى بۇزۇۋېتىلسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئەجدادلارنىڭ شۇ زېمىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە يۇنېسكونىڭ كارىزدىكى بۇ بۇزغۇنچىلىقنى تەكشۈرۈشى، شۇنداقلا مۇقام، مەشرەپ قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈشى تەلەپ قىلىنغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىنىڭ ھازىر پەقەت خىتايغا ياراۋاتقانلىقنى، شۇڭا مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ئۇ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باش شىتابى پارىژدا بولغان يۇنېسكو، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1945-يىل لوندوندا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 195 دۆلەت ئۇنىڭغا ئەزا بولغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارا پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.