سابىق ساقچى ئۇيغۇر ساقچىنىڭ تاياق يېيىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىدا بىر خىتاي ساقچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ساقچىنى ئۇرۇشى ۋە تاياق يېگەن ساقچىنىڭ بىچارە ھالىتى ھەققىدىكى ئۈندىدار ئۇچۇرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

مەلۇمكى، كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئەنە شۇ ئۇچۇرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يەنى شۇ ئۇچۇر ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىيىتىدۇر. بۈگۈن مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا 10 يىل ساقچى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن، كېيىن ئىستېپا بەرگەن ۋە نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ سابىق ساقچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.