«ئۇيغۇر شاھزادىسى» رەسىمى بىزگە نېمىلەرنى يەتكۈزىدۇ؟
2024.12.10
ئەنگلىيەدىكى «بىرىتانىيە مۇزېيى» ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان يادىكارلىقلار جۇغلانمىلىرى ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا بۇ مۇزېي 2024-يىلى 26-سېنتەبىردىن 2025-يىلى 23-فېۋرالغىچە «يىپەك يولى» نامىدا ئالاھىدە كۆرگەزمە ئۆتكۈزمەكتىكەن.
يىپەك يولى تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەر چۆل ۋە قۇملۇقلاردا كېتىۋاتقان تۆگە كارۋانلىرىنى، قايناق بازارلاردا يىپەك، ئات ۋە دورا-دەرمەك سودىسى قىلىۋاتقان سودىگەرلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ھەقىقىي يىپەك يولىنى نوقۇل سودا يولى دەپ قارىساق، خاتالاشقان بولىمىز.
يىپەك يولى يالغۇز شەرقنى غەربكە تۇتاشتۇرغان سودا يولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا سودا-سېتىقتىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن مەدەنىيەت چەمبىرىكى؛ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىنى ئۆزئارا باغلايدىغان غايەت زور ئالاقە تورىدىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بىزگە يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىشى، ھەرقايسى لىنىيەلەردىكى سەپەرلەر ۋە بۇ جەرياندا ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. گەرچە قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلىغان جايلاردا دۆلەت ۋە شەھەرلەر بەرپا بولغىلى بىرقانچە مىڭ يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كۆرگەزمە ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارغا ئورتاق دىنلارنىڭ شەكىللىنىشىگە شاھىت بولغان دەۋرلەر يەنى 6-ئەسىردىن 11-ئەسىرگە تەۋە بولغان، 29 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مۇزېيلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن بۇيۇملار نۇقتىلىق ھالدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «يىپەك يولى» كۆرگەزمىسىدە ئورۇن ئالغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە 12-ئەسىردىكى ئال-ئىدرىس دۇنيا خەرىتىسى، كورېيەدىن تېپىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇسلۇبىدىكى ئالتۇن خەنجەر، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 11-ئەسىرگە تەۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەلچىلىرىنىڭ رەسىمى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان مۇزېيلىرىدىن ئارىيەتكە ئېلىنغان بۇيۇملارمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان. مەزكۇر كۆرگەزمىدە قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن زېمىنلارغا تەۋە بۇيۇملارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولماسلىقى ۋە تېپىلغان جايىنىڭ «شىنجاڭ ياكى دۇنخۇاڭ، خىتاي» دەپ ئەسكەرتىلىشى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما كۆرگەزمىدە سانى ئاز بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا تەۋە مەدەنىيەت ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇيۇملار ھەم مەۋجۇتتۇر.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەت تارتقۇچى بۇيۇملاردىن بىرى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ دەپنە يوپۇقى ئىدى. بۇ دەپنە يوپۇقى قانداق قىلىپ ئەنگلىيەگە كېلىپ قالدى؟
پاختىدىن ئىشلەنگەن ئۇزۇنچاق لەۋھە شەكىللىك بۇ بۇيۇم ئەڭ دەسلەپتە 1902-يىلى «گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى» سەپىرى جەريانىدا ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىكى قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، گېرمانىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ھازىرغىچە بېرلىندىكى دۆلەتلىك مۇزېيدا ساقلانماقتا. بۇ قېتىم بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لوندون شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا سۇنۇلغان.
بۇ دەپنە يوپۇقىدىكى پورترېت رەسىمى بىزگە ئانچە ناتونۇشمۇ ئەمەس. بۇ رەسىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەشھۇر سەنئەت نامايەندىسى قاتارىدا تونۇلغان ۋە ئەڭ كۆپ تارقالغان ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدە «شاھزادە رەسىمى» ياكى «ئۇيغۇر شاھزادىسى» دەپ ئاتالغان.
ئالىملار تەكشۈرۈش تەتقىقات نەتىجىسىدە دەپنە يوپۇقىنىڭ يىل دەۋرى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋر بولۇشى مۇمكىن، يەنى قوچۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇددا دىنىغا كۆچۈش ئالدىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرلەردە يورۇقلۇققا چىققان دېگەن قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قەدىمكى قوچۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل دەپنە يوپۇقى «ھاياتلىق ۋە قايتا تىرىلىش» چۈشەنچىسىگە ئاتالغان بىر تۈرلۈك دىنىي رەسمىيەت ئۈچۈن قوللىنىلاتتىكەن. يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 145 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 51.5 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 0.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇققا سىزىلغان رەسىمگە كەلسەك، ئالىملار كىيىم-كېچەكلەر، سىمۋوللۇق بەلگىلەر، قوليازما، شۇنىڭدەك رەسىم ئۇسلۇبى قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن رەسىمدىكى كىشىنىڭ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتلىرىدىن يەنى ھۆكۈمدارلىرىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
رەسىمدە كىملىك مەسىلىسى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، ئېتنوگرافىيەلىك، تىل ۋە ئارخېئولوگىيەلىك كۆزنەكلەردىن ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ياپونىيەلىك تاكاۋ مورىياسۇ (Takao Moriyasu) ۋە گېرمانىيەلىك پېتىر زېمى (Peter Ziemi) قاتارلىق ئالىملار ھۆكۈمدار پورترېتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بېغىشلىمىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن ۋە بۇ شاھزادىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشتا چوڭ رول ئوينىغان.
تىلشۇناسلار يوپۇقنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىگە يېزىلغان، «ئاتامنىڭ روھىغا ئاتاپ قارا تۇتۇق» دېگەن سۆزلەردىن ۋە باشقا پاكىتلارغا ئاساسەن، بۇ يوپۇقنىڭ ھۆكۈمراننىڭ ئوغلى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىپ ياسىتىلغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. «قارا تۇتۇق» سۆزى ھەققىدە ھۆكۈمدارنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر مەۋجۇت. دەرۋەقە، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ ئۇلۇغ ۋە ئېسىلزادە مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «قارا» سۆزى بىلەن كەلگەن ئىسىملاردىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى قارا تەمۇر، قارا يۇلتۇز، تۇڭا قارا ساڭغۇن دېگەندەك ئىسىملارنى مىسال قىلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئەمما ئالىملار رەسىمدە ئەكس ئەتكەن باشقا ئامىللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، «قارا» سۆزىنىڭ خانزادىلەرگە خاس ئەمەل نامى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمدار ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن بۇ دەپنە يوپۇقى «قارا تۇتۇق» يوپۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
پورترېتتىكى كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىياپەت تەسۋىرىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رەسىمدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئامىللاردىن قارىغاندا، بۇ رەسىم ھەر جەھەتتىن كۆزەتكەندە يۇقىرى قاتلام نەسەبىدىكى كىشىنىڭ تەسۋىرىي سىزمىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. ئۈچ ئاچىماقلىق قارا رەڭلىك تاج شەكلىدىكى باش كىيىم، ئۇزۇن تون، ئالتۇن تاقىلىق كەمەر ۋە ئۇنىڭغا قىستۇرۇلغان قەلەم ۋە چاقماق تېشى قاتارلىق بۇيۇملار، قونچلۇق خۇرۇم ئۆتۈك قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەر، شۇنداقلا رەسىمدىكى كىشىنىڭ رەتلىك چاچ-ساقاللىرى ۋە قول ئىشارىسى قوشۇلۇپ، بىزگە بۇ بىر سالاپەتلىك، نەپىس كىيىنگەن ئەڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئۇيغۇر ئەر كىشىنىڭ ئوبرازىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈركولوگ ئاننا مارىيە ۋون گابائىن خانىم ئىلگىرى ئۇزۇن تون ۋە ئۆتۈك كىيىش ئادىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئات مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ خىل كىيىنىش ئادىتىنىڭ قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.
ئىكونوفرافىيەلىك بەلگىلەر ۋە سەنئەت ئۇسلۇبى بىزگە رەسىمدىكى كىشىنىڭ خان جەمەتىگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا قايسى خان ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنمۇ؟
دەپنە يوپۇقىنىڭ يىل دەۋرى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11-ئەسىرنىڭ بېشى دەپ پەرەز قىلىنغان بولسا، بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارغا ئائىت بولغان مەلۇماتلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئىسىم شەرىپى بىزگە تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئوخشىمىغان مەنبەلەردە بىر قىسىم قاغانلارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن. نۆۋەتتە ئالىملار تارىخىي مەنبەلەردە ئارسلانخان ياكى ئارسلان قۇتلۇق بىلگە دەپ تىلغا ئېلىنغان ھۆكۈمدار مەنىسىدە ئىستېمال قىلىنغان «ئىدىقۇت» نىڭ 1007-يىلىدىن 1024-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغانلىقى پاكىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، بۇ پورترېتتىكى كىشىنىڭ ئارسلانخان بولۇشى ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خۇلاسىلىگەندە، «يىپەك يولى» كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بۇ بىر پارچە دەپنە يوپۇقى شۇ دەۋردىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھە دېسە ئۇيغۇرلارغا تەۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى خىتاي مەنبەسىگە باغلاپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ قورالى قىلىش رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشتا، بىزنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى قەدىمكى قوچۇ، يارغول ۋە بەشبالىق قاتارلىق شەھەرلەرنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە باغلايدىغان سەپسەتىلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. تارىخچى جەيمىس مىلۋارد «ياۋرو-ئاسىيانىڭ كېسىشىش ئېغىزى: شىنجاڭ تارىخى» ناملىق كىتابىدا، قوچۇ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسى جەھەتتە خىتاي ئەندىزىسىنى ئەمەس، بەلكى سوغدىلارنىڭ ئەندىزىسىنى تاللىغان» دەپ كۆرسەتكەن. قوچۇ ئۇيغۇر ئېلىنى قۇرغۇچىلارمۇ ئۆز ئەجدادلىرىدىن بولغان كۈلتېكىننىڭ ئورخۇن ئابىدىلىرىگە ئويۇلغان «خىتايلارنىڭ يۇمشاق يىپەكلىرىگە ۋە تاتلىق سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېسىدە ساقلىغان.
مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىزلىرىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلار بىزنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قوللىنىش ئەھۋالى ۋە دىنىي-تارىخىي يىلتىزلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]