ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمى ھەققىدىكى تەسىراتى
2013.11.13

28 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن، تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.
ئەمما، خىتاي 3 ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بۇ ۋەقەنى ئۆز پۇقرالىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىدىن يوشۇرغاچ ۋە ئامالسىز قالغاندا كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقاچقا، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى ئىپادىلىنىشكە ئىمكان تاپالمىدى.
شۇڭا، مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن پاتىگۈل غۇلام ۋە قۇربانگۈل مىجىت خانىملارنى زىيارەت قىلىپ ۋەقە ھەققىدىكى تەسىراتىنى سورىدى.
ئۇلار ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، پەقەت خىتاي پايتەختىنىڭ يۈرىكى بولغان تيەنئەنمېننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنى خاتىرجەم قىلمىغانلار مەڭگۈ خاتىرجەم بولمىغاي» دېيىشتى.