ياپونلار: ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئۆز تۇپرىقىدىن تېزرەك غايىب بولۇشىنى ئويلايدۇ

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيەدە «خىتاي تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلانغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتلەرگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سالغان ئىقتىسادىي مەبلىغى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي نەپ ئەكەلمەستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ يەلكىسىدىكى سىياسىي بېسىملارنى ئېغىرلاتتى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خەلق ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خىتايچە سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار شوئارلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بەردى. ئەمما سېلىنغان مەبلەغلەر نامرات ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەنگە، كۆچمەن خىتايلارنىڭ تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ ئىدى. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار نامراتچىلىقتىن قۇتۇلالماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە جان باققىلى قاچتى. خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەننى، ئېغىزىدىلا دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ گۈللىنىشىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىش نىيىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي مەكتەپلىرىگە يۆتكەپ،ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنى كۆپرەك چۈشىنىشىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلدى.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا بۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىدى. جەمئىيەت تىنچلانمىدى، يەنى بۇنىڭ مىسالى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئىدى. خىتاينىڭ ئېيتقىنىدەك ئىقتىساد، مائارىپ گۈللەنگەن، خەلق باياشات ياشاۋاتقان ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تەپتارتماستىن ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەت ئىناق، مىللەتلەر ئىتتىپاق دەپ تەشۋىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئاتلارنى باشقۇرۇشنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە زادى نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھازىرچە ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشسىز ياشلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يۈرگەنلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، گاز شىركەتلىرى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ھازىر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ قولىدا، بۇ يەردىكى خىزمەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىپ خىزمەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتايلار ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە ئېلىش ئەمەس، ھازىر ئۇلارنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ. ئۆز تۇپراقلىرىدا ئىش تاپالمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ خىزمەت تېپىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خىتايلار ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن ئاللىقاچان يوق قىلدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت، مائارىپ، سانائەت ۋە ئىقتىساد دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلارنىڭ مونوپوللۇقىغا ئۆتۈپ بولدى.

ماقالىدە، تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغان جۇمھۇرىيەتلىرى، ئۈمىدكە، ئىشەنچىگە تولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى بۇ جۇمھۇرىيەتلىرىنى يەنە قايتىدىن قۇرۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مۇنداق ئەسلىمە بېرىپ ئۆتكەن: 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت تىكلىگەن ئۇيغۇرلار، كۆپلىگەن مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ زېمىنغا قەدەم قويغاندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر زېمىنىدا نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەر يۈز بەردى. 1985، 1988- ۋە 1989-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. 1985-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق ئاتوم سىنىقىغا،پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش ھەرىكىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش ئېلىپ بارغان. 1989-يىلى ماي ئېيىدىكى نامايىشتا بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان كىتابنى نەشر قىلغانلىقى ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بارغان. 1990-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوراللىق مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يۈز بەردى. شۇ قېتىقلىق ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يۈز نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئىككى مىڭ نەپەردىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ داۋاملىق ھالدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» خىتايغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىرىنى، دىنىي كىشىلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ ئۇلارنى جازالاپ باستۇرماقتا. ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى تەنقىد قىلماقتا. مەسىلەن، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن، بۇ كىتابنى خىتايلار مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلدى دەپ ئاپتورنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، كىتابىنى تەنقىد قىلغان.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چەكلەنگەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، ئەنەنىۋىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتايلار مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرەپ بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت بەرمەيدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى بولسۇن، ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بالدۇراق زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن تېزرەك غايىب بولۇشىنى ئويلايدۇ.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.