خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتنى كېڭەيتىۋاتقاندا دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇدىمۇ؟
2024.09.11
نۆۋەتتە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئەسەبىيلىكىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايىتىنى جازالاشتا مەغلۇپ بولدى» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قويغانلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ مىساللاردىن بولۇپ كەلمەكتە.
يېڭى دېھلىدىكى جەۋاھارلال نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات فاكۇلتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور ماھېش رانجان دېباتا (Mahesh Ranjan Debata) ھىندىستاندىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان گېزىتلەردىن «تۇنجى پوچتا» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات قوشۇنىنى سەپەرۋەر قىلغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۇنتۇپ قالدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە مانا مۇشۇ قاراش ئالغا سۈرۈلىدۇ. دوكتور ماھېش رانجان دېباتا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر دەۋاسىغا قارشى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئويۇنلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رەزىل كۈچلەر، بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكى كۆپلەپ بازارغا سالدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا زور دىققەت قوزغىيالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات قوشۇنىنى خىتايدىلا سەپەرۋەر قىلىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەسىرىنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا».
دوكتور ماھېش رانجان دېباتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللىغانلارغا قارشى تۇرۇش ھەمدە خەلقئارا جامائەت پىكرىنى توپلاش ئۈچۈن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ نامىدا بىر قانچە ئاق تاشلىق كىتاب تارقاتقان؛ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەنقىدچىلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور ئادەم كۈچى ۋە دىپلوماتىيەنى ئىشقا سالغان؛ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلماسلىقى ئۈچۈن ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىدىن بىرى بولسا ئوخشاش پىكىردىكى دوستانە دۆلەتلەردىن كەلگەن چەت ئەللىك «ئەزىز مېھمانلار»، يەنى سىياسىيونلار، دىپلوماتلار، ئاخبارات خادىملىرى، ئالىملار، پائالىيەتچىلەرنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرۇش بولغان.
ئۇنداقتا دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىدا ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتامدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولدىمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتامدۇ؟ بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) غا ئۇزاتتۇق. ئۇ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىدا بىر ئاز ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كەلسەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە تۇتقان يولى دېگۈدەك خىتاي تەرەپتە بولۇۋاتىدۇ، يەنى ئۇلار خىتايغا سېتىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار بۇ سودىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىنى ياكى توختاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش جەھەتتە خىتايغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيە تۇتمايدۇ. ‹يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى گۇرۇھى› (G7) غا تەۋە دۆلەتلەر، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە تەۋە بولغان دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش جەھەتتە خىتايغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ سودا جەھەتتە ئۆچ ئېلىشىدىن ۋە خىتاينىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىمىدىن قورقمايدۇ.»
2019-يىلى ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى، جۈملىدىن لاگېرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا بۇنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق 37 ئىسلام دۆلىتىنىڭ باش ئەلچىلىرى ب د ت مۇنبىرىدە مەزكۇر مۇستەقىل تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى قوللاشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى قوللاش مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويغان ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن چارسىز قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق باھانىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولدى. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز، دېگەندە بۇ يەردىكى ئۆلچەم بۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى بولغان ياكى بولمىغانلىقىدا. خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلا ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى توختىتىش ئۈچۈن چارىسىز قېلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە دۇچ كېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ھازىر بىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. قولىمىزدىكى ھۆججەتلەردە بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق نەرسىلەر بار. خەلقئارادا تەسىرى بولغان تەشكىلاتلار ياكى ھۆكۈمەتلەر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋىرىمىز يوقكەن، دېيەلمەيدۇ. ھەممىسىنىڭ خەۋىرى بار».
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ياكى غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئېلان قىلغان خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرىگە پەرۋا قىلماستىن ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بارغانسېرى كۆپ مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان خورىكىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلار سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئادالەتنى ھىمايە قىلغۇچى دۆلەتلەر بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىش كۆرمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.