ئەركىن تۇنياز تەكىتلىگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
2023.03.30
خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» تورىنىڭ 29-مارت چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ «شىنجاڭدا خىتايچە زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى بابىنى يازايلى» ناملىق باش ماقالىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن، «شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەكس ئەتتۈردى» دەپ تەرىپلەنمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئەركىن تۇنياز ماقالىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا، رايوننى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بازىسى ۋە ياۋرو-ئاسىياغا چىقىشنىڭ «ئالتۇن قانىلى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك يەنە بۇنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ ماقالىسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقارغان «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» غا قارىتا خەلقئارالىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقان ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.
ئەركىن تۇنياز ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ «زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك جاي ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئالتۇن قانىلى، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ تۈگۈنى، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتا، پۈتۈن مەملىكەت ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى شۇنىڭدەك ئالىي سۈپەتلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ
مۇھىم تەمىنلەش بازىسى» غا ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكادىكى خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەركىن تۇنياز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىئاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەمىنلەش بازىسىغا ۋە ياۋرو-ئاسىيانى مەركەز قىلغان خەلقئارالىق سودا تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ئىقتىسادىي تەھدىتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئىپادىلەنگەن دېيىشكە بولىدىكەن.
جېڭ شۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ دېگىنىمىزدە بۇ، شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئىقتىسادنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئايلىنىش› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچىدىن، شىنجاڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئارقا سەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر ھازىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى چېگرا رايونلۇق رولىدىن ھالقىپ كەتتى. شىنجاڭ ھازىر خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارقا سەپ ۋە ئېنېرگىيە تەمىنات ئورنى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ ھازىر شىنجاڭغا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى جازالاش تەدبىرلىرىگە قارىتا، دۆلەت ئىچىدە بازار ئېچىش ئارقىلىق تاقابىل تۇماقچى. يەنى شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىن چىقمىغاندىلا ئاندىن چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بولىدۇ. ئىككىنچى تەرەپتىن بۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي چەكلىمە قويالمايدىغان رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنغاندىلا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ».
ئەركىن تۇنياز ماقالىسىدە يەنە بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ 2022-يىلدىكى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «2022-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ دۆلەت چۈشۈرگەن بىر مىليون 99 مىڭ 450 مودىن ئېشىپ، 777 مىڭ توننا ئاشلىقنى ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 80 مىليون توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلقىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان» دېگەن
تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ سۆزلىرى، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىسپاتلىق ئىقرار دېيىشكە بولىدىكەن.
ئەركىن تۇنياز ماقالىسىدە: «ئىقتىسادىي جەھەتتە شىنجاڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تاشقى ئېكسپورت يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى يارىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دېگەن نۇقتىلارنى بىرمۇ-بىر شەرھلىگەن. ئۇ مۇشۇ نۇقتىلار بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايچە زامانىۋىلىشىش ئىستراتېگىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۇنداقتا يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتە يەنە خىتاينىڭ ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك بازىسىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى سىياسىي-ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ ئۇيغۇرلار بۇ ئاتالمىش تەرەققىياتلاردىن بەھرىمەن بولالىدىمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قانچىلىك بەھرىمەن بولالايدۇ؟
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» ئەمەلىيەتتە، خىتاي دۆلىتى ۋە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانىكەن.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي شىركەت-فابرىكىلىرىدىكى «مەجبۇرىي ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرۇش قىلمىشلىرىنى دەل مۇشۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى پىلانى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە ئەركىن تۇنياز تىلغا ئالغان، ئاتالمىش «تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» دە، رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، توك قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىقلارنى ھەسسىلەپ قېزىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىر دەرىجىدە مۇھىت بۇلغىنىش ش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئاشلىق، مېۋە-چېۋە ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر ۋە زېمىنلىرى مەجبۇرىي ئىگىللىۋېلىنغان. نۆۋەتتىكى ئاتالمىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئانا تىل مائارىپى، دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنىڭ يوقىلىشىغا ھەم سەۋەب بولغان. خىزمەت پۇرسىتى ۋە ئۆي-زېمىن، تېرىلغۇ-يەرلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆددىگەرلىرى، شىركەتلىرىگە بېرىلگەن پاختىزارلىق، تېرىلغۇ يەر ۋە مېۋىلىك باغلاردىكى ياللانما ئەمگەكچىلەرگە، شىركەت-فابرىكىلاردىكى مەجبۇرىي ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلماقتا ئىكەن.