چارلېس كرائۇس: «ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى بىلەن دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ قايسىسى مۇھىم؟»
2019.04.10

ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا تۈرلۈك مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ قانداق قارىشى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ۋىلسون مەركىزىنىڭ خادىمى، تارىخشۇناس چارلېس كرائۇس 9-ئاپرېل كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.
ئاپتور بۇ ماقالىدا ئالدى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنلارغا سالغان زۇلۇمىغا ھەمدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى تەقىب قىلىشىغا سېلىشتۇرىدۇ. شۇنداقلا ھازىر ئاللىقاچان سان جەھەتتە بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقىنى، بۇ لاگېرلاردا بولسا «تەربىيەلەش» ئەمەس، بەلكى مېڭە يۇيۇش، جىسمانىي قىيناق، شۇنىڭدەك دىنىي ئېتىقاد، تىل-يېزىق ۋە مىللىي كىملىكنى مەركەز قىلغان ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇن بولۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
ئاپتور چارلېس كرائۇس بۇ ھەقتە توختىلىپ، 1930-يىللاردىكى ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى بىر پاجىئەنىڭ 2019-يىلىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەمدى قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر چوڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەتبىقلاش توغرىسىدا بەزىلەر ئاق ساراينى بۇ ئىشنى دەرھال باشلاشقا دەۋەت قىلماقتا ئىكەن. ئەمما يەنە بەزىلەر بولسا «بۇنداق قىلىش ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىمالىي كورېيە سۆھبىتى، سودا سۆھبىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى قاتارلىق سۆھبەتلەرگە ئېلىپ كىرىش تىرىشچانلىقىغا زىيانلىق» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قانداق ئورۇنغا قويۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئېدۋارد ماركېي 9-ئاپرېل چاقىرىلغان ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىشى يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پرىنسىپلار ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى تېخىمۇ يىراق مۇساپىلىك مەنپەئەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىپلا قالماستىن يەنە بىزنىڭ قانداق خاراكتېردە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇن ئىگىلىشىنى سوئال-سوراققا تارتىش بەكمۇ ئاسان. يەنە كېلىپ ھازىرقى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىدە بۇنداق گۇمانلار پات-پاتلا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەجەبا ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدا سىغىشالماسلىق مەۋجۇتمۇ؟ بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، تارىخ ‹ياق› دەپ ئېنىق جاۋاب بېرىدۇ.»
چارلېسنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىر پاجىئەلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ياكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىنسان ھەقلىرىنى قانداق ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدا بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەڭلىكتە قېلىشى ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن 50 يىل ئىلگىرىكى نىكسون ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي-جۇغراپىيەلىك ھېساباتنى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئەشەددىيلىكە مېڭىشىغا يول ئېچىلغان ئىكەن.
چارلېس بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: 1970-يىللىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون مۇرفېي بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن بۇ زاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىدىن خەۋەردار بولغانلىقى ۋە بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنى «ئەركىنلىكنىڭ تولىمۇ خۇشخۇي ھىمايەچىسى» ۋە «زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك سۆزچىسى» دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسونغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغان. ئۇ مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۈشكۈل ۋە جىددىي ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئامېرىكىدىن ياردەم سورىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىۋېتىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن دۇنيادىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكىدىن ماددىي جەھەتتە ياردەم بېرىش، دىپلوماتىك جەھەتتە قوللاش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىشنى سورىغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرى ھەققىدە ئەركىن ئالىپ تېكىنمۇ توختالدى.
چارلېس كرائۇسنىڭ قارىشىچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ خېتى رىچارد نىكسوننىڭ قولىغا يېتىپ بارغۇچە ھېنرىي كىسسىنگېرغا ئوخشاش مەسلىھەتچىلەر بۇنداق ئىلتىماس ۋە تەلەپلەرنى «مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەر» دەپ رەت قىلغان. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە يول ئېچىلىۋاتقان بۇنداق پەۋقۇلئاددە تارىخىي پەيتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلالمايتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ مەكتۇپنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تولىمۇ نازۇك بولغان بىر سىياسىي تەلەپ، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى تەكىتلەنگەن. بۇ بولسا مەيلى شۇ ۋاقىتتىكى ياكى ھازىرقى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بولسۇن ھېچقايسىسى ئالدىراپ قول تىقىشنى خالىمايدىغان بىر تەلەپ ئىدى.
ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى بىر قۇر ئەسلەپ چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىم سەل قارالغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھالنىڭ ھازىر يېڭى بىر شارائىتتا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، توغرىراقى خىتاي كومپارتىيەسى لاگېرلار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرغا قامىلىپ بولغان ئەھۋالدا ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھالنى ئىخچاملاپ «رىچارد نىكسون ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭ خەلقىگە ‹ياق› دېگەن. ئەمدى پرېزىدېنت ترامپقا بۇ ھالنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى كەلدى» دەيدۇ.
چارلېسنىڭ قارىشىچە، ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتادىكى نەنسىي پېلوسى، ماركۇ رۇبىيو قاتارلىق زاتلار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەلىرىنى يوللاۋاتقان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىشىگە ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشىغا يېتەرلىك پۇرسەت بار ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ: «ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن بىرنەرسە دەيدىغان ۋە بىر ئىش قىلىدىغان ئاخىرقى پەيت يېتىپ كەلدى» دەيدۇ.