30-ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇققا ۋە تېررورلۇققا قارشى» كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات جېڭى باشلىغان. خىتاينىڭ جاي-جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلار بۇ قېتىملىق مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ نىشانى قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «جۇڭگو خەۋەر تورى» نىڭ 1-مايدىكى مۇنبىرىگە 11 نەپەر ئۇيغۇر ستۇدېنت ۋە ماگىستېر ئاسپىرانتنىڭ نامىدا «بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز!» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالە شۇ كۈنىلا خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇلاپ بېسىلغان.
ئۇنىڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاز ساندىكى ئاتالمىش «يامان نىيەتلىك دىنىي ئاشقۇنلار» بىلەن «تېررورچىلار» نىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «زوراۋان كۈچلەر» نىڭ مىللەت ۋە ۋاسىتە تاللىماي بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خەنزۇ خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامىغا ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن خىتاي دائىرىلىرىگە ۋەدە بەرگەن ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ خىتاينىڭ بۇ خىل مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك تەشۋىقاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، يەنى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنى خىتاينىڭ ‹ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى ئىدارە قىلىش› ياكى ‹ئۆز مېيىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش› تاكتىكىسنىڭ بىر تۈرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تاكتىكا خىتايلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى كونترول قىلىشتا ئۇزاقتىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ساقچىلارنى ئۆرنەك قىلدى. يەنى ھەرقانداق ۋەقە چىقسا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ساقچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدى. شۇ ئارقىلىق ‹زوراۋان كۈچلەر› ياكى ‹تېررورچىلار› مىللەت ئايرىماي ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ دېگەن تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ۋە ئۇلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتى خالاس!»
ئۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نامىدا مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۇردى:
«بۇ ماقالە 11 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىدە، بەزىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋېتىپتۇ. مەن بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يازدى دەپ قارىمايمەن. بەلكىم ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بۇ ماقالىنى ئالدىن يېزىپ تەييارلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزى ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدىكى خىزمەت ۋە چىقىش يولىنى ئويلاپ بۇنىڭغا ئىمزا ئېتىشقا مەجبۇر بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دىن تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇن سىياسىي بوران-چاپقۇنلار بولۇپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسۇن، دىنىي ساھەدىكى زاتلار بولسۇن ياكى جامائەت ئەربابلىرى بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىنى ئۇلارغا تېڭىش ۋە ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھالبۇكى، ئويلىغان مەقسىتىگە يېتەلمىدى. شۇڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، گەپ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم!»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«خىتاي دائىرىلىرى مەيلى قانداق ئۇسۇلنى قوللانمىسۇن، بۈگۇنكى ئۇيغۇر خەلقى تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرگە قارىغاندا ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئويلىنىدىغان بىر دەۋرگە كىردى. شۇڭا خىتاينىڭ بۇنداق ‹مېڭە يۇيۇش› خاراكتېرلىك تەشۋىقاتلىرى ئەمدى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇرۇنقىدەك ئۈنۈم قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس!»