BBC مۇھاكىمىسى: «ئۇيغۇرلار نېمىلەردىن ئايرىلدى؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.05.06
BBC مۇھاكىمىسى: «ئۇيغۇرلار نېمىلەردىن ئايرىلدى؟» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى غەرب ئەللىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلىنغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش.
Social Media

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى شادىمانلىق ئىچىدە روزا ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاشلا بايرام شاتلىقىدىن چەتتە قالمىغان ھالدا قەشقەردىكى ھېيتگاھ ئالدىدا توپ بولۇپ ساماغا چۈشكەنلىكى ئ‍ىجتىمائىى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە كۆپ دەلىل ۋە تاغدەك پاكىتلار ئالدىدىمۇ ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھەرقاچان ئالدىن ياللىۋېلىنغان «ئارتىست» لارنىڭ قولىدا بارلىققا كەلگەن ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يازمىلار، شۇنىڭدەك بۇ خىلدىكى سۈنئى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھېچقاچان ھەقىقەتنى چۈمبەردىلەشكە يارىمايدىغانلىقى ھەققىتىكى خىتابلار ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇلار قاتارىدا «ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى» (BBC) 2022-يىللىق روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى نۆۋەتتىكى ئ‍ۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە باشقا مىراسلىرىدىن نېمىلەرنىڭ كۆزدىن يۈتكەنلىكىگە قاراپ چىققان.

BBC نىڭ «ئېتىقاد سىرتىدا» پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە «BBC دا چېچى ئاقارغان» مويسىپىت پروگرامما رىياسەتچىسى ئېرنىي رېئا (Ernie Rea) ئالدى بىلەن سۆز ئالغان. ئۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەكسىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدىمۇ بۇ زۇلۇملاردىن خالاس بولالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ھەققىدە سۆز قىلىشنى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرگە ھاۋالە قىلغان.

لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇد ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن قالغان ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىنىڭ قانداق ئىجتىمائىي روللارنى ئويناپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە ئوخشاش يوشۇرۇن ھالدا ئائىلىۋىي تەربىيەدىن دەسلەپكى دىنىي مەلۇماتلارنى ئۆزلەشتۈرۈش شەكلىدە «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ»، «تاماقنى ئىسراپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەندەك بىر قاتار ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئەمدىلىكتە مۇشۇ خىلدىكى ئەخلاق نىزاملىرىنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا باغلاپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1980-يىللاردىكى قىسقا مەزگىللىك «ئېچىۋېتىش» شامىلىدا ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا ئاشكارا ئىبادەت قىلالىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھال ئۇزۇنغا بارمىغان. 1997-يىلىدىكى «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بۇنىڭغىمۇ چەك قويۇلۇشقا باشلىغان.

لوندوندىكى نېۋ كاسل ( «يېڭى قەلئە» ) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوئاننى سىمىس فىنلېي (Jo Smith Finley) بۇنىڭغا ئۇلاپلا خىتايچە ئۆگىنىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان 1990-يىللاردا تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، سۇمباتلىق، خۇشچاقچاق، مېھماندوست بولۇشتەك ئورتاقلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ماكاندا ياشاۋاتقان تارىخىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ ھېچقاچان تىلغا ئالغۇدەك سالماقتا بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئۆتكەن 50 يىلدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى تارىختىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ ئېغىر مەھكۇملۇققا گىرىپتار قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

شۇ قاتاردا تىلغا ئېلىنغان بىر مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورچى» ئىكەنلىكىگە ئاساس قىلىشى بولدى. پروفېسسور جوئاننى سىمىسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق زورلۇق ھەركىتىنى تېرورلۇق ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچىگەندە بۇنى ھەقىقەتەنمۇ «تېرورلۇق» دېيىشكە بولىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورلۇق» شەكلىدىكى قارشىلىقلىرىغا سەۋەب بولغان تۈپكى ئامىللار، جۈملىدىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ھامىيلىقىدا داۋام قىلغان دۆلەت تېرورىزىمى، دۆلەت زوراۋانلىقى، جۈملىدىن دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي بېسىپ كىرىش، ئاياللارنىڭ ھېجابلىرىنى مەجبۇرىي قايرىپ ئېچىشتەك قىلمىشلىرى ھېچقاچان تىلغا ئېلىنمىغان. دۆلەت ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بەكمۇ كىچىك ئىشلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ۋە قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ سانى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا رەھىمە مەھمۇد خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلاش» دېگەن باش يېتەكچى ئىدىيەنىڭ نۆۋەتتە لاگېر سىستېمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر پۈتۈن خەلقنى يوق قىلىشقا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، 2017-يىلى يانۋاردا ئاخىرقى قېتىم ئۆيدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەنگە جاۋاب بېرەلمىگەن ئاكىسىنىڭ «بىزنى خۇداغا تاپشۇرغىن. بىزمۇ سىلەرنى خۇداغا تاپشۇرايلى» دېگەنلىكىنى، بۇنىڭ ھازىر ھەممىلا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئورتاق نىدا بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ يوسۇندا ھازىر ئۆزلىرىدىكى دىنىي كىملىكنى چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پروفېسسور جوئاننى سىمىس بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يۇيۇپ تاشلاشقا ئاتلانغانلىقىنى، خىتاي ئېيتىۋاتقان «تېرورلۇق» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق ئەڭ ئەقەللىي قائىدە-يوسۇنلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. شۇ قاتاردا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مەسچىت ۋە مازار قاتارلىق دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى نىشانلىق ۋەيران قىلغانلىقى، كېيىنچە بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنىڭ باشلانغانلىقى، ئۆزى بۇ جەرياندا شاھىد بولغان ۋەقەلەر ھەمدە دۇچ كەلگەن رىيازەتلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «مەن ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ بارلىقىم ھېساپلىنىدۇ. مەن تۇتقۇندىن چىققان بىلەن روھىي جەھەتتىكى ئىسكەنجە ھەرقاچان ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە» دېگەن، شۇنىڭدەك بۇ ئارقىلىق لاگېرلارغا قامالغان ئىنسانلارنىڭ ئۇ جايدىن چىققان ھالەتتىمۇ قانداق بىر ھالدا ياشايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا يوقىتىپ قويغان مەنىۋىيەت ھالقىلىرىنىڭ بىرى «مەشرەپ» بولۇپ، ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ساۋاتلارنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى جانلىق شەكىلدە يەتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى، كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، كېيىنكى ئەۋلاتلىرى قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇپمۇ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇق قازانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تاقالغانلىقىنى جاكارلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رىيان سام (Rian Thum) بۇنىڭدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كۆپ قىسىم «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» راستىنلا تاقالغان. ئەمما بۇ جايغا قامالغان تۇتقۇنلار بۇ ئورۇنلار تاقىلىشتىن بۇرۇنلا مىڭلاپ ھۆكۈم كېسىلىپ تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن. قالغانلىرى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئېلىپ كېتىلگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەك چوڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقتىن ئۇلار تاقىۋېتىلگەن ياكى باشقا مۇئەسسەلەرگە ئالماشتۇرۇلغان. شۇڭا بۇ مەركەزلەرنىڭ تاقىلىشى ئەملىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق «خۇشخەۋەر» مۇ بولالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆزلىرىگە تەۋە ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىدىن تامام ئايرىلىپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھېچ توختاپ قالماستىن داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىققا نىسبەتەن بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇ ھالنى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەن مەرھۇم ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933) نىڭ «ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئ‍ۇيقۇڭ يېتەر، سەندە مال يوق ئەمدى كەتسە جان كېتەر» دېگەن مىسرالىرىغا تەققاسلىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.