مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۈگۈن خەلقئارالاشقان بىر سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ھازىر ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، تۈركىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يېقىنقى 3-4 يىل مابەينىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتارىغا كۆپلەپ ياشلارنىڭ قوشۇلغانلىقى مەلۇم. بۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھېيت، بايراملىق ئولتۇرۇشلىرى، پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش، ئۇچرىشىش، مەدەنىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن كۆرەلەيمىز.
ئۇيغۇر ياشلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقى قانداق؟ د ئۇ ق ياشلارنى سىياسىي دەۋاغا يېتەكلەش جەھەتتە قانداق رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە؟ بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا بۈگۈن بىز، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيەت ئاكتىپلىرىدىن فەرۇخ ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
