ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى: بىڭتۇەننىڭ كۈچىيىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.27
bingtuan-qurulghan-60-yilliq.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 7-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى.
xjbt.gov.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نامىدىكى غايەت زور گەۋدىنىڭ ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا 2016-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 198 مىليارد سوم مەبلەغ سالماقچى بولغانلىقى ھەققىدە رەسمىي خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانالىزچىلار بۇنىڭدا كۆزلەنگەن مەقسەتلەر ھەققىدە ئۆز تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىشنى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ت. جېيمىس (Dr. T. James) نىڭ قارىشىچە، 1999-يىلىدىن باشلاپ بىڭتۇەننىڭ 50 يىل داۋام قىلغان تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، ئۇ تەدرىجىي ھالدا ش ئۇ ئا ر نىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلىپ، ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھاكىمىيەت شەكلىگە يۈكسەلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان سودا خاراكتېرلىك باغلىنىشىنى توختىتىش ھەققىدە 2002-يىلى ئېلىنغان قارار ھەمدە بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئالدىغا سوت ۋە جازا ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى بولسا بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش سانىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەن ئاشكارا شەكىلدە «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسى تېخىمۇ ئېشىپ ئىزچىل ھالدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك كۈچ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. يەنە بىر ياقتىن 2014-يىلى 7-ئايدا بىڭتۇەننىڭ «جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى» بولۇپ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە كارخانا بولۇش فۇنكىتسىيىسى بىرگەۋدىلەشكەن پەۋقۇلئاددە ھالىتى رەسمىي قانۇنلاشقان.

جېيمىس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ روشەن بولغان يېقىنقى ئۆزگىرىش-ئۇنىڭ شىركەت گۇرۇھى بولۇپ تەشكىل قىلىنىشىدۇر. بۇ ھال ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. بەلكىم سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، دېۋىزىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىڭتۇەنلەر ئادەتتە كەسپىي ئورۇن ھېسابلىنىدۇ؛ پولك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك بىڭتۇەنلەر بولسا كارخانا ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالدا تۆۋەن دەرىجىلىك بىڭتۇەنلەرنى بازار شەكلىدە ئىدارە قىلىشقا بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك بىڭتۇەنلەرنى بولسا ھۆكۈمەت ئەندىزىسى بويىچە كونترول قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۆۋەندە لازىملىق خىراجەتنى قىسقارتىشقا يول ئېچىلىدۇ، ئەمما يۇقىرى قىسىمدا داۋاملىق ھالدا ھوقۇقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. »

بۇ ھەقتە كانادادىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىڭتۇەننىڭ بۇ خىلدىكى زور ھوقۇققا ئېگە بولۇۋېلىشى ماھىيەتتە مۇستەملىكە خاراكتېرىدىكى بىر ئورگاننىڭ كۈچىيىشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى يىلدىن‏-يىلغا كۆپەيتىپ مېڭىشىدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ بىڭتۇەننى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ئاجىزلىتىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئىنتايىن پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقان تاكتىكا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىڭتۇەنگە 198 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇددىئاسى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا، دوكتور ت. جېيمىس بۇنچە كۆپ مەبلەغنىڭ ئاساسەن ھۇل قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا سېلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئىككى مەقسەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىرى، بىڭتۇەن ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنچىدىن، بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى خىتاي نوپۇسىنى تۇتۇپ تۇرۇش زۆرۈر ئىكەن، چۈنكى ئۇ يەردىكى خىتاي نوپۇسى كېتىپ قالسا، بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا زامانىۋى ۋە راھەت شەھەر بىنا قىلىش بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور دەرىجىدە پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرنەچچە ۋىلايەت بىرلىكلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن بىكار قىلىنىپ شەھەر تەسىس قىلىنىشىنى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ بىر قەدىمى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى بۇ مەقسەتنى تېخىمۇ تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان يەنە بىر قەدەم، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.