ئانالىزچىلار: «بىڭتۇەننى كۈچەيتىشتىكى مەقسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۇنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇشتۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.04.04
bingtuen-aq-tashliq-kitab.jpg خىتاي ياپونىيەدە تارقىتىشقا باشلىغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ياپونچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 2-ئاپرېلدىكى سانىدا 2018-يىلى بىر يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز يۈكسەلگەنلىكى، بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىنغان ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ 160 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن ئىگىدارچىقىدىكى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سالغان مەبلىغىنىڭ تۈر، نۇقتا بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئەمەلىيلەشكەنلىكى، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 160 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەتلا بىڭتۇەنگە قاراشلىق قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىكى ئەيخۇا ماشىناسازلىق قۇرۇلۇشىغىلا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «قوراللىق دېھقانلار» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا بەرپا قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەنگە سالغان مەبلىغىنى داۋاملىق تۈردە كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ كەلگەن ئىدى.

2016-يىلى 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چېن چۈەنگو يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى ۋە 1-سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىمەكتىكەن. ئىگىلىنىشىچە، چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەننى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچەيتىش قەدىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۈچەيگەن.

«خىتاي ئۇچۇر تورى» تورىنىڭ 2017-يىلى 31-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 524 ۋەكىلى قاتناشقان 7-قېتىملىق پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە قىلىدىغان ۋەزىپىلىرىگە ئائىت ئالتە تۈرلۈك نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. يەنى ئۇ بىڭتۇەننىڭ «ئەسكىرى قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش»، «مۇقىملىق ۋە چېگرا قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. چېن چۈەنگو شۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رايوننىڭ جەنۇبىدىكى كۈچىنى زورايتىشنى تەكىتلىگەن. چېن چۈەنگو سۆزىدە «بىڭتۇەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئالدىدا مېڭىش، باشلامچىلىق بىلەن جەڭ قىلىش، ئاۋانگارت بولۇش، يېڭىدىن خىزمەت كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك» دېگەنلەرنىمۇ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى چاقىرىلغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 7-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كېيىن 2017-يىلى 1-ئاپرېلدىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دەپ ئاتالغان بىر قانۇن بەلگىلىمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شۇندىن بۇيانقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرى چەكلىنىدىغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 72 خىل ئىپادىسى» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان. كادىرلار ئارىسىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغىلىپ، ئاۋام پۇقرالاردىن باشقا يەنە خەلق ئارىسىدا تونۇلغان دىنىي زاتلاردىن زىيالىيلارغىچە بولغان ھەر قاتلامدىكى ئۇيغۇرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشقا باشلىغان.

رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا باستۇرۇش مىسلىسىز كۈچىيىپ، مىليونلىغان كىشىلەر لاگېرلارغا قامالغان بىر ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە بۇ قەدەر كۆپ مەبلەغ سېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بىڭتۇەنگە سالغان ئىقتىسادىي مەبلىغىنى بارغانچە كۆپەيتىشى، بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى دېۋىزىيە ۋە پولكلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇق دائىرىسىنى بارغانچە تارايتىدىكەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بىڭتۇەننىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتايدا بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەن ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا بۇزاكى خانىم ئۆزىنىڭ 9 يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى مارالبېشىغا جايلاشقان بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازغان كىتابلىرىدا بىڭتۇەن ناملىق بۇ غەيرىي نورمال قۇرۇلما ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان.

تېرىسا خانىم ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مارالبېشىدىكى بىڭتۇەننىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن ياشلىق يىللىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدى.

تېرىسا خانىم بۈگۈن يەنە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنبەت زېمىنلارنى ئىگىلىۋېلىش ھېسابىغا قۇرۇلغان «بىڭتۇەن» نامىدىكى بۇ غەيرىي تۆرەلمىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن بۇيانقى ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش بولغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننى بارغانچە كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي سېلىنمىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلارغا يۆتكەشتىكى مەقسىتىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش، ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ زېمىننى خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك تېررىتورىيەسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈچۈن ئىكەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ «غەربىي رايون تەرەققىيات پىلانى» بويىچە بىڭتۇەندە ئىشلەشكە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلانغان. خەۋەردە يەنە ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئىشلەش مەزگىلىنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغا قەدەر بولىدىغانلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە ئورۇنلاشقان ھەر بىر نەپەر ئاتالمىش «ئىختىساسلىق پىدائىي» ئۈچۈن يىلىغا 25 مىڭ يۈەن قوشۇمچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە 2000 يۈەن قاتناش ياردەم پۇلى ئاجراتقانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە 2003-يىلى مەزكۇر پىلان باشلانغاندىن بۇيانقى 16 يىل ئىچىدە خىتايدىكى 29 ئۆلكە ۋە شەھەردىن 11مىڭ 498 نەپەر ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىسى» نىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھالبۇكى، 2000-يىللاردىن كېيىن رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىماتى بىكار قىلىنىپ، رايوندا يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە ئېغىرلاشقان. ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ «قايتا تەربىيە» نامىدا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلانغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۆۋەن مائاش بىلەن يېزا-كەنتلەردە ۋە ئاساسىي قاتلامدا كەنت كادىرى، ياردەمچى ساقچى ۋە ياكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ياللانما ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.

2017-يىلىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى «بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان ھەمدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان. بۇ دولقۇندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئاساسلىق زەربە نىشانىغا ئايلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.