خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئۈچۈن ساقال ۋە بەزى ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەيدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-05-01
Share
saqal-kocha-mehelle.jpg ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ كوچىسىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2014-يىلى ئىيۇل.
AFP

29-ئاپرېل د ئۇ ق نىڭ پروگرامما مۇدىرى پېتىر ئىرۋىڭ ئامېرىكا «دىپلومات ژۇرنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى» بىلەن مەزكۇر رايوندا يەنە ساقال-بۇرۇت ۋە بالىلارغا بەزى ئىسلامى ئىسىملارنى قويۇشنىڭ چەكلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇلاھىزە قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر تىزىملىك ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا بەزى ئىسلامى ئىسىملارنى ئۇيغۇرلارغا قويۇشنى چەكلىگەن. بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا چىقارغان ئەڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بولۇپ، ئۇ خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

تىزىملىكتىكى چەكلەنگەن 29 خىل ئىسىمنىڭ ئىچىدە مۇجاھىد، جىھاد، ئىسلام قاتارلىق ئىسىملار بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار كۆپ قويىدىغان ئارافات، مۇھەممەت قاتارلىق ئىسىملار بار بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئىسىملار قويۇلغان بالىلارغا نوپۇس بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پېتېر ئىرۋىڭنىڭ «خىتاي شىنجاڭدا نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئىسمىنى ۋە ساقال قويۇشنى چەكلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، بالىلارغا بەزى ئىسلامى ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلەش ئۇنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى» چىقىرىلىشتىن بۇرۇنلا يولغا قويۇلغان.

بىراق پېتېر ئىرۋىڭ، ئالدى بىلەن دائىرىلەرنىڭ 2016‏-يىلى خوتەن ناھىيەسىدە بۇ چەكلىمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىنى چۈشىنىشتىكى ھالقا، ئۇنىڭ بۇ يىل 29‏-ئاپرېل چىقارغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى»دۇر، دەيدۇ. پېتېر ئىرۋىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا چىقارغان بۇ قانۇنىدا، 2015‏-يىلى چىقىرىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىغا ئوخشاش «ئەسەبىيلىك» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا كەڭ ۋە مۈجمەل تەبىر بېرىلگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى ئىسىملارنى مەنئىي قىلىشى، دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان زور مۇداخىلە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ دىن ۋە تارىخ چۈشەنچىسىنىڭ ناھايىتى مۈجىمەللىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ مۇنداق دېدى: «دائىرىلەرنىڭ، مۇسۇلمان مۇخلىسلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدە ئىسىملارنى قويۇشىنى مەنئىي قىلىشى، بۇ دىنغا قىلىنغان مۇداخىلە بولۇپلا قالماي، دىنغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بىلىمىز، مۇھەممەت، دېگەن ئىسىم ناھايىتى ئومۇملاشقان ئىسىم. تۇڭگانلاردىكى ما فامىلىسى مۇھەممەتتىن كەلگەن. ئۇلاردىكى خې فامىلىسى قۇرئان ۋە پەيغەمبەرگە باغلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇنى چەكلىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ ۋە دىنغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.»

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، زورلۇق خاراكتېرلىك بۇ خىل تەدبىرلەر بەزى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇپ، بەزىدە زورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل زورلۇق خاراكتېرلىك تەدبىرلەر ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 'خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرىشى' ناملىق خىتاي دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا بايقىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك دىنىي تۇرمۇشى خۇددى بالىلارغا ئىسىم قويۇشقا ئوخشاشلا تامامەن تىنچ بىر ھايات. بالىلارغا ئىسىم قويۇشنىڭ دۆلەت ياكى باشقا پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بىراق زورلۇق خاراكتېرلىك تەدبىرلەر كىشىلەرنى رادىكاللاشتۇرۇپ، ئۇلارنى زورلۇق ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىشى ئېھتىمال. بولمىسا، پۇقرالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى بولماسلىقى، بەلكى ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، دىنىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىشى مۇمكىن.»

سارا كۇكنىڭ قەيت قىلىشىچە، بەزى تەتقىقاتلار ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بەزى زورلۇق ۋەقەلىرىنى ساقچىلارنىڭ زورلۇق قوللىنىشى ياكى مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشقا قىيىنچىلىق چىقىرىشىدەك ھادىسىلەر پەيدا قىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زورلۇق ۋەقەلىرىگە دائىر بەزى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، بەزى ۋەقەلەرنى بىرەر ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، ساقچىلارنىڭ پۇقرالارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشى ياكى دائىرىلەرنىڭ قاتتىق قول ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىدىكى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشى دېگەندەك ۋەقەلەر پەيدا قىلغان. مۇشۇ سەۋەبلەردىن رايوندا مۇناسىۋەت كەسكىنلىشىپ، بەزىدە بۇ توقۇنۇشقا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل توقۇنۇشلار خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ياكى ئەسەبىيلىك، دەپ بېكىتمەيدۇ.»

پېتېر ئىرۋىڭ «دىپلومات ژۇرنىلى»دىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى»دا ئەسەبىيلىككە بېرىلگەن ئۇقۇم نوقۇل دىنىي ماتېرىياللارنى ساقلاش، تارقىتىش، بېسىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، دەپنە ۋە نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ «ئەسەبىيلىك» دەپ قارالغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

پېتېر ئىرۋىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن-تۈزۈم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك كونترول قىلىشنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ بەرگەن. بۇنىڭ يوشۇرۇن خرىسى نوقۇل ساقال ۋە بالىلارغا ئىسىم قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ئامېرىكا نيۇ يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چاتاق ھادىسىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىدۇر. ئۇ، كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇش ئۇسۇلىغا «ئەسەبىيلىك»، دەپ زەربە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئاتالمىش ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى› ۋە بەزى كونكرېت سىياسەتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ، يەرلىك سىياسەت دائىرىسىگە چۈشتى. ئەمما ئۇنىڭ يەرلىك سىياسەت دائىرىسى ھازىر پۈتۈنلەي يەرلىكنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان. يەنى ئۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دائىر مەسىلىلەرنى پۈتۈنلەي سىياسىيلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەسەبىيلىكنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋەيران قىلىشقا ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ھەرىكەتلىرىنىڭ رادىكاللىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يولغا قويغان كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى رادىكاللىق، ماتېرىيالىزملىق رادىكاللىق، ئاتېزىملىق رادىكاللىق، ئۇ تەرغىب قىلىپ كەلگەن دىنىي ئەركىنلىكنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.»

پېتېر ئىرۋىڭنىڭ قارىشىچە، شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىر پۈتۈن نۇقتىدىن قاراش كېرەك. ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىر پۈتۈن نۇقتىدىن قارىمىغاندا، بۇ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ غەۋغاسىدىكى ئالاقىدار بارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق كۆرۈپ يېتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت