«يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىش» ھاشارنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.02.07
uyghur-hashar-osteng-chepish.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ 4-فېۋرال چىقارغان پەرمانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يېزىلاردا بارلىق شەكىلدىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا سۇنغان چاغانلىق «كاتتا سوۋغىسى!» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. دائىرىلەر «مەجبۇرىيەت ئەمگىكى» دەپ ئاتىغان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ھەر خىل شەكىللەردە مۇنتىزىم يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھاشار، ئىلگىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن بىر قانچە قېتىم بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا ھاشار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىدەك جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان شۇنداقلا مىسلىسىز قارشىلىقلارغا، رايوننىڭ تىنچلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، بۇ نۆۋەت دائىرىلەر راستىنىلا ھاشارنى بىكار قىلدىمۇ؟ بىكار قىلىنماقچى بولغان مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ كونكرېت تۈرلىرى قايسىلار؟ ھالبۇكى، ھاشار ئېغىر داۋاملىشىپ كەلگەن خوتەندىكى جايلاردىن بۇلارغا جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا، بۇ سىياسەت بويىچە، ئۇلارغا ئېغىر بويۇنتۇرۇق بولۇپ كەلگەن ھاشارنىڭ قىسمەن شەكىلدىكى ئەمگەكلىرىدىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھەقسىز ئەمگەكنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ-6 فېۋرالدىكى ئۇنىۋېرسال خەۋىرىدە «چاغان يېتىپ كېلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتتا سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى» دەپ خەۋەر بەردى، بۇ «كاتتا سوۋغات» دائىرىلەرنىڭ ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىپ ئۇقتۇرغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار گېزىت، ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق تېزلىكتە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىتىلغان ھەم جايلاردا ئۇنىڭ ئەمەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن.

تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ-6 فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە بۇ سىياسەت بىلەن ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق بايانلارنى كۆرەلەيمىز:

«ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى كونا بازار كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەخمۇت داۋۇت مۇنداق دېدى: «دائىم كەنتتە مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قاتناشقاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە پۇرسەت بولمىغانىدى. ئەمدى يېزىلاردا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ، بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ سېلىقىنى بار ئاماللار بىلەن يېنىكلىتىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىمىز.»

خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى تۆۋەن گۇجانباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەخمەتتوختى ئىسلام مۇنداق دېدى: «بارلىق شەكىلدىكى ھەقسىز ئادەم ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىز دېھقانلارنىڭ يۈكىنى مەنبەدىن يېنىكلىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتتى، زېھنىي كۈچىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا سەرپ قىلالايدىغان بولدۇق. مەن چاغاندىن كېيىن سىيىر باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن.»

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ماملىرىم بازىرى ئۈستۈنكى خوتەن كەنتى ئاھالىسى ياسىن توختى مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بىز ئائىلە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدۇق. چاغاندىن كېيىن ئوغلۇمنى ئاقسۇغا بېرىپ خىزمەت تېپىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىمەن.»

دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ بايانلىرىدىن، ھازىرغا قەدەر ھاشارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى ۋە ئاممىغا ئېغىر يۈك بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل نارازى قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز سىياسەتلەرنىڭ بىرى بولغان ھاشار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھە ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ھاشار ھەققىدىكى دوكلات ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەزكۇر مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا، خىتاينى ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ يۈرگۈزۈۋاتقان ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلىشقا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم «ھاشار ئەمگىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئېزىپ كەلگەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇش، بايلىق، زېمىن ھەر نەرسىسىدىن ئايرىپ پۈتۈنلەي كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئادالەتسىز سىياسىتى، ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، نۆۋەتتە خىتاي بۇنى مەيلى نېمە سەۋەبتىن بىكار قىلغان بولمىسۇن، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يەنى ئۇيغۇرلارغا قۇللۇق تۈزۈمدىكى ھاشارنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى» دەپ كۆرسەتتى ۋە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىمىز دېگىنى، يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۆز بويامچىلىق بولۇشى مۇمكىن، دېھقانلارنى بىكارغا مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى باشقا شەكىللەردە داۋام قىلىشى مۇمكىن» دېگەندەك گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېزىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش قارارىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن خوتەن شەھەرلىك دائىرىلەر بۇ يىل 1-فېۋرالدىن ئېتىبارەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىغا چاپلانغان بۇ قاراردا، بۇنىڭدىن كېيىن خوتەن شەھىرى مىقياسىدىكى بارلىق يېزا، بازار ۋە كەنتلەردىكى ھاشار خاراكتېرىنى ئالغان ھەقسىز ئەمگەكلەرنىڭ بىردەك بىكار قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.، رادىيومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ھاشار سېلىقى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، بۇنداق ھەقسىز ئەمگەكنىڭ ۋاقتى ھەتتا بىرقانچە ئايغىچە سوزۇلىدىكەن. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك خوتەن شۇنداقلا رايون بويىچە ئەڭ نامرات جاي ھېسابلىنىدۇ.

ھاشار داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىن خوتەننىڭ لاۋرۇ يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ بايانلىرىدىن، دەرۋەقە دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىمىز دەپ تۇرۇپ يەنىلا دېھقانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىشنى باشقا ناملاردا داۋام قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى:

-ھاشارنى بىكار قىلىمىز دەپ ئۇقتادىمۇ سىلەرگىمۇ؟
-ئۇقتادى، بىر ھەپتە بولدى.
-رەسمىي يوق قىلىمىز دېدىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ قوللىنامدىكەن؟
-ھاشانى يوق قىلىمىز، كەلكۈن ئاپىتى، سەل كېلىدىغان ئىشلار بولسا ھەممىمىز ياردەم قىلىمىز، ئورمان قىلىش بايراملىرىدا كۆچەت تىكىدىغان ئىشلار بولسا شۇ چاغدا يەنە يىغىمىز دېدى.
-بۇ ئۆستەڭ چېپىش، كۆچەت تىكىش دېگەندەك ئەمگەكلەردىن باشقىمۇ ھاشار بارمىدى؟
-باتى، باتى، مەسىلەن، بىر دادوينىڭكىنى بىلەك دادۈيگە يۆتكەپ، كەنتلەرگە يۆتكەپ جىرىم سالىدىغان، ئېرىق ‏-ئۆستەڭلەرنى چاپىدىغان، مۇشۇ 11-ئايدىمۇ توختىماي ھاشارغا ئاپاردى. باشقا كەنتلەرگە، ماشىنىدا ئاپىرىپ ئەكېلىدۇ.
-ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؟
-ياق، ھەق بەرمەيدۇ.
-قاتناشمىساڭلاچۇ؟
-سىياسەتكەن ئاينا، قاتناشمىساق، كۈنىگە 50 كوي، 100 كوي جەرىمانە دەپ كىرىدۇ كادىرلار.
-ئەمدى بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلەپ قالىدىكەنسىلەردە؟
-يېنىكلەپ قالىمىز.
-بىر يىلدا قانچە كۈن ھاشارغا چىقاتتىڭلار.
30-كۈن داۋاملىشاتتى بۇرۇن، بىر يىلدا بارىدىغان كۈنىمىز، 3، 4 يىلدىن بېرى 45 كۈنچە بېرىۋاتاتتۇق. جىقلىغان.
-بۇرۇن نارازىلىقلارنى دەپ باققانمۇ؟
-نارازى بولساقمۇ، كادىرلار سىياسەتكەن دەيتتى ئەمدى...
-ئەمدى بۇ ھاشارنى بىكار قىلىدىغانغا ئىشەندىڭلارمۇ؟
-ئىشەندۇق ئەمدى، سىياسەت دەپ ئۇقتۇرغاندىكىن. بۇرۇن ھاشارغا باراتتۇق دەيتتى ئەمدى، ماۋۇ 6-ئايلاردا كەلكۈن كېلىدۇ، شۇ چاغدا ئاچىقىدۇ، ئەمدى 10، 15 كۈن.

خوتەن گۇما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان بىر مەسئۇل خادىمنىڭ بايانلىرىمۇ دائىرىلەرنىڭ «يېزىلاردىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىمىز» دېگىنىنىڭ يەنىلا قىسمەنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى:

-سىز نېنىڭ مۇخبىرى؟
مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى، ھاشارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆردۇق، بۇنى دېھقانلارغا ئۇقتادىڭلارمۇ؟
-بىكار قىلىپ ھازىر، يېزىلارغىچە، كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈپ ئەمەلىيلىشىپ قىلىۋاتىدۇ.
-بۇ سىياسەت قاچاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە؟
-بىرىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئەمەلىيلىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بۇرۇن ئەمدى، ئەزەلدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى پاراۋانلىق ئەمگىكى بويىچە 18 كۈندىن 30 كۈنگىچە ئىشلىتىپ كەلگەن. ماۋۇ كەلكۈن كەلگەنلەردە..
-ئۇ كەلكۈنگە ئىشلەش دېگەنلەر ھاشار ھېسابلانمامدۇ؟
-ھە، ئۇ دېھقانلار ئۇنىمۇ يوقمىكىن دەپ خوش بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
-بۇلار ھاشار ئەمەسمۇ؟
-ئۇمۇ ھاشار، شۇ بويىچە ماڭىدۇ.
-دېھقانلار خوش بولدىمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن؟
-خوش، چىن كۆڭلىدىن خوش بولاپتۇ، كۆزىگە ياش ئېلىپ، كومپارتىيە ياخشى، ھۆكۈمەت ياخشى دەپ.
-بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش ھەققىدە مەزمۇنلارمۇ بارمۇ؟
-بار، بار، ھازىرغىچە قانۇن دائىرىسىگە چۈشمىدىمىكىن دەيمەن، سىياسەت بويىچە پارتكوم تەرەپتىن بىر تەرەپ قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغاننىڭ گېپى بار؟
-بۇ سىياسەتكە نېمە سەۋەبتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى؟
-مەن ئەمدى چوڭ باشلىق ئەمەس، ئەمدى شۇ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن.
-بۇنىڭ ئالدىدا دېھقانلاردىنمۇ نارازىلىق پىكىرلىرى كەلگەنمۇ؟
-بۇنىڭغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن.

4 ‏-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا دېھقان-چارۋىچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالغان، ئۇلاردىن قالايمىقان جەرىمانە ئالغانلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق قانۇن ياكى نىزام ئېلان قىلىنمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.