ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمە مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.06.03
kocha-oltughan-uyghur-ishsiz.jpg بىكارچىلىقتا كوچىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 8-نويابىر، قەشقەر.
AFP

2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 25 پىرسەنتى چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇش كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت.

دائىرىلەر يەنە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يەرلىكلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر خەۋەر كۆزەتكۈچىلەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن بىر يىلغا سوزۇلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، تېررورلۇق بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسىتى يارىتىشقا ۋەدە قىلغان.

بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش، مۇقىملىق يارىتىش ھەققىدە قاتتىق يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئالماقچى بولغان تەدبىرلىرى بىر-بىرلەپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە جەنۇبتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشقا ئوخشاش بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. دۈشەنبە كۈنى ئۇلار يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ 70 پىرسەنتى چوقۇم يەرلىكلەردىن بولۇش، بۇنىڭ 25 پىرسەنتى بولسا چوقۇم خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇش، دېگەن تەلەپ قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ لىشەن سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقىنى، بۇ مەبلەغنىڭ ئەمگەك كۈچى زىچ كېرەكلىك كارخانىلارغا بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ساھەسىگە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ گوپىڭ سۆزىدە، دۆلەت كارخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 25 پىرسەنتى چوقۇم خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇش شەرتىگە ئاساسەن 3 يىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە 30 مىڭ خىزمەت ئورنى بەرپا قىلىشنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا 292 ئىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 45 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەر تىۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار مەيدانغا كەلدى. توردىكى ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە، بەزىلەر بۇ قارارنى قارشى ئالغان بولسا، يەنە بەزىلەر بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان. بىر پىكىر بايان قىلغۇچى «ئەمدى بولغاندا ئاران 25 پىرسەنت ئاز سانلىق مىللەت قوبۇل قىلىمىز دېگەن بولسا، ئىلگىرى قانچىلىك بولغىيتتى؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ قارار ئۇيغۇر ئېلىدا ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئاچقان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ زورىيىپ كېتىشىدە ئىشسىز يۈرگەن بىكارچى ياشلارنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى. ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەنلا ئاياغلىشىدىغان ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بۇ رەقەملەرنىڭ ئىشەنچسىزلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ھېلىھەم ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىرىنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان خىزمەتلەرگە ئېلىنىپ، ئوقۇغان كەسىپلىرىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىلھام توختى ئۇزۇن ئۆتمەيلا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن خاتا سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بەرمەي تۇرۇپ ئەمدى رايوندا مۇقىملىق يارىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.