غەرب مۇتەخەسسىسلىرى: «ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئەڭ مۇھىم!»
2017.01.03

ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆلەم ۋە سان جەھەتتە ئىزچىل ئېشىپ مېڭىۋاتقان تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە يەر ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئاتمىش يىلدىن بۇيان قانداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن تەشۋىقاتلارنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل زىددىيەتلىك ئەھۋالغا قارىتا ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن تونۇشلۇق بولغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە خىتاي ئاخبارات مەنبەلىرى ۋە غەرب دۇنياسى مۇخبىرلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان، شۇنداقلا بارغانسېرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان بىر يۈزلىنىش -خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئىشغالىيەت شەكلىدىكى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشى ھەمدە مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىغا زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سان جەھەتتە ئىزچىل ئېشىپ مېڭىشىدۇر.
خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە سۆز بولغان ھامان تەكرارلايدىغان بىر مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىقلىرىنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان «ئەسەبىيلىك»كە باغلاشتۇر. ئەمما خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن ئالىملار بۇ نۇقتىغا قوشۇلمايدۇ. شۇلار قاتارىدا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللىيوت سپېرلىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ «ئەسەبىيلىك» سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئەسەبىي» بولۇشقا مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تولىمۇ ئېغىر كۈلپەتلەرگە مۇپتىلا بولماقتا. ئىلھام توختى بولسا بۇ ئەھۋاللارنى ئېتىبارغا ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلغان. لېكىن ئۇ بۆلگۈنچىلىكنى تەشەببۇس قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاشكارا مەلۇماتلار ۋە ئاشكارا ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دۆلىتىنىڭ قىلغىنىدەك ئاشۇ خىلدىكى مۇرەسسەچىلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈش، يەنە كېلىپ ئىلھامغا ئوخشاش بىرىنىڭ، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئاشۇنداق قاتتىق زەربىگە ئۇچرىشى، يەنى ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەشتەك ھېچقانداق بىر ئەركىن دۆلەتتە جىنايەت ھېسابلانمايدىغان بىر ھادىسە ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى زادىلا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. قاچانىكى مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن، ئۇ چاغدا تەبىرى ھازىرغىچە ئۇنچە روشەن بولمايۋاتقان ‹ئەسەبىيلىك› تىن باشقا يولنىڭ ھەممىسى تاقالغان بولىدۇ. ئۇ چاغدا مۇشۇ ‹ئەسەبىيلەر› توپى خەلقنىڭ ئومۇمىي نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىدىكى يېگانە ۋاسىتە بولۇپ قالىدۇ. مانا مۇشۇ تەرىقىدە خىتاي دەل مۇشۇنداق ئەسەبىيلىككە زېمىن ھازىرلاۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ ھال ھازىرقى دۇنيادا تولىمۇ خەتەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا بۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئېتىبار بېرىشى زۆرۈر.»
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچى مايكىل كلارك بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندا بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار رايونىدا ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي يوسۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەنلىكتە، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ھازىر مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كېتىۋاتقان مەسىلە بەلكىم ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى قانداق ئىدارە قىلىش ۋە بۇنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىش قۇرۇلمىسىنى قايسى شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسا كېرەك. گاردنېر بوۋىڭدون 2011-يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەشھۇر بولغان بىر ئەسەر («ئۇيغۇرلار: ئۆز ۋەتىنىدە مۇساپىر بولغانلار») نى نەشر قىلدۇردى. ئۇ كىتابىدا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان. خۇددى شۇ ئەسەردە بايان قىلىنغاندەك، خىتاي كومپارتىيىسى 1949-يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 1955-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك ئاپتونومىيىلىك ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىقتى، ئەمما بۇلار ئەمەلىيەتتە تاشقى كۈچلەرنىڭ يەرلىككە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەندىزىسى بولۇپ چىقتى. شۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭدا ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، موڭغۇل، تاجىك قاتارلىق ئون ئۈچ ئېتنىك مىللىي تەركىبنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلدى. بوۋىڭدون بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت ئومۇمىي رايون مىقياسىدىكى ‹ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دېگەن ھوقۇقنى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى بولغان ئوبلاستلار ئارقىلىق پارچىلاش، شۇ ئارقىلىق يەرلىكتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش، دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا 1955-يىلىدىن كېيىنكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغاندا شۇنى بايقايمىزكى، بۇ تەرەققىيات مۇساپىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ تۈپلۈك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش يولى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.»
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بۇ مەسىلە ھەققىدە مايكىل كلاركنىڭ قاراشلىرىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان پىكىردە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار رايونىدا ئۆتكەن ئاتمىش يىلدا ھۇل ئەسلىھەلەر ۋە باشقا جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە «تەرەققىيات» مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانچە مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كېلىپ چىققان، كېيىنچە بۇ نارازىلىق توقۇنۇشلارغا ئايلىنىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تەرەققىيات ھەرقاچان مەلۇم رايوندىكى خەلققە نىسبەتەن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل. ئەمما مەسىلە مۇشۇ تەرەققىيات ھادىسىسىنىڭ قايسى شەكىلدە ئورۇنلىنىشىدۇر. تەرەققىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە توقۇنۇشلارنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بەزىدە تەرەققىيات توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلسا يەنە كۆپلىگەن تەرەققىيات شەكىللىرى ماھىيەتتە توقۇنۇشلارنى تۈگىتىدۇ. ھالبۇكى، شىنجاڭدا قانداق تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقىغا نەزەر سالغاندا ئالدى بىلەن كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان نۇقتىلار مەزكۇر رايوندا تەرەققىياتنىڭ قانداق يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا، شۇنداقلا يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى قايسى دەرىجىدە ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىكى ۋە بېيجىڭدىكى دائىرىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ قايسى يوسۇندا ئەمەلىيلەشكەنلىكىگە قاراشتۇر. ئەمما دەل مۇشۇ نۇقتىلار بىز دەۋاتقان ‹تەرەققىيات› تىكى تۈپلۈك مەسىلىلەر بولۇپ قالماقتا. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، شىنجاڭدىكى بىز دەۋاتقان ‹تەرەققىيات›، بولۇپمۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تاكى 2000 -يىللارغىچە بولغان مەزگىلدىكى ‹تەرەققىيات› بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل بولسا، دەل مەزكۇر رايونغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇشۇ رايوندىكى ‹تەرەققىيات› لار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىدۇر.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۈنسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىدە «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» نىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىگە ئوخشىمايدىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى تەڭسىزلىك، بايلىق تەقسىماتىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك قاتارلىق ئامىللاردىن نارازى بولۇشى پەقەت مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى، بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىدىكى ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق ئامىلى ئالدى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنغاندا بۇ مەسىلىنى توغرا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبىنى تاشقى دۇنيادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان، دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلىنى چۆرىدىگەن مۇلاھىزىلەر بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.