ئۇيغۇر تارىخىدا ۋابا ۋە مەھمۇت موھىتى

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.03.23
ئۇيغۇر تارىخىدا ۋابا ۋە مەھمۇت موھىتى ياپونىيە ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سۈرىتى بولۇپ، بۇ سۈرەت 1941-يىلى ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «دۇنيا مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
Photo: RFA

ئۇيغۇر تىلىدا ۋابا ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئومۇمى نامى. ئۇيغۇرلار ياشىغان تۇپراقلاردا تارىختا تارقالغان ۋابالار ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىلىرىنى پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى يۇرتلارنىڭ ئېچىلىشى، نوپۇسنىڭ تارقاقلىشىشى، ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ۋابا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ۋابانى تېز ۋە ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن كىشىلەرنىڭ نامى تارىختا يادلانغان. كىشىلەر كېسەل ئازابىدىن قىينالغانلىرىدا تەدبىرچان تارىخىي شەخسلەرنى سېغىنىپ ئۇلارنىڭ شىجائىتىگە تەلپۈنۈشكەن.

ئۇيغۇر تارىخىدا ۋابا بىر قىسىم تارىخىي شەخسلەرنى مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرگە، خەلق ھاياتىنىڭ ھامىيلىرىغا ئايلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى كۆنۈككەن تەپەككۇرنى غىدىقلاپ يېڭىلىقنى يايغان ۋە يېڭىچە تەرەققىياتنى جامائەتنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ ۋاباغا قارشى قىلغان تەدبىر، يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى رىۋايەتكە، ئەسلىمەلەرگە ئايلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر تامغا ئۇرغان. مۇشۇنداق كىشىلەردىن بىزگە ئەڭ يېقىن دەۋىردە ياشىغىنى گېنېرال مەھمۇت موھىتى.

ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى بولغان گېنېرال مەخمۇت موھىتى بۈگۈنكى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى دائىرىسىدە پارتلىغان ۋابادا سىنالغان شۇنداق تارىخىي شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ 1935-يىلى ئىيۇلدا ۋابانىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن، ھەمدە پايتەخت قەشقەرنى يۇقۇملۇق كېسەلگە يەم بولۇشتىن، خەلقنى بىھۇدە نابۇت بولۇشتىن، ئىقتىسادنى پالەچ بولۇشتىن ساقلاپ قالغان.

قەشقەردە نەشىر قىلىنغان «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ 1935-يىللىق بىرىنچى ئاۋغۇست سانىغا بېسىلغان خەۋەردە ۋابانىڭ ئاۋۋال ئۇلۇغچاتتا بايقالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن يوللارنىڭ قامال قىلىنغانلىقى، گېنېرال مەھمۇت موھىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ يۇرتلار ئارا ئاچاللارنى قۇرۇپ، يوللارنى توسقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. مەھمۇت موھىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەردە كارانتىن ئىدارسى قۇرۇلغان، سەھىيە ئىدارىسى دوختۇر ئاجراتقان. شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىنىپ، دوختۇر تەكلىپ قىلىنغان. تاشكەنتتىن ئىككى نەپەر دوختۇر مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن قەشقەرگە كېلىپ، يەرلىك دوختۇرلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارغان.

كېسەل دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نىياز ھاجى ئىسىملىك بىر سودىگەر ئۇلۇغچاتقا بېرىپ، ئەسكەرلەرنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ تاغلاردىن ئېشىپ سەمەنگە — ئۆيىگە قېچىپ كەلگەن. نەتىجىدە كېسەل قايتا تارقالغان. بۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى قازا قىلغان. مەزكۇر يۇرتتا يەنە «بىرمۇنچە كىشى ئاغرىپ ۋاپات بولغان».

شۇ يىللاردا ئاتا-ئانىسى قەشقەردە مىسسىيونېرلىق، داۋالاش ۋە مەكتەپ ئېچىش بىلەن شۇغۇللانغان شىۋېتسىيەلىك مارگارېتا خۆك خانىمنىڭ «ھېمالايانى كېسىپ ئۆتكەن ئايال» ناملىق كىتابىدىمۇ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋابا ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. مەزكۇر كىتابتا 1935-يىلى ئىيۇل ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قەشقەردىكى ئېنگىلىز كونسۇلىنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇۋاتقان بوستان تېرەككە كېلىپ قەشقەردە ۋابا تارالغانلىقى، 5-ئاۋغۇستتا ئۇزۇن يىل روسىيەدە ۋابا ئۈستىدە تەتقىقات قىلغان روس مۇتەخەسسىسىنىڭ قەشقەرگە كېلىپ ۋابانى تىزگىنلەشكە كىرىشكەنلىكى، ۋاباغا قارشى ۋاكسنا ئۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكىنى يازغان.

شۇ يىلقى ۋابانىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «چۇما» دېيىلگەن. ئېنگىلىزچە ۋە خىتايچە مەنبەلەردە چۇمانىڭ چاشقانغا ئوخشاش كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن تارقىلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ چاشقان يېقىن كەلگەن ھەرقانداق نەرسىنى يېمەسلىكى بەلكىم شۇ پاجىئەنىڭ ئاڭدىكى تامغىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى 1894-يىلدىن 1993-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا 23 قېتىم چۇما تارقىلىپ، يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ قەشقەردە ئىككىنچى نومۇرلۇق كېسەل دېيىلگەن خولېرانىڭ، ئا-تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ پارتىلىغىنىغا شاھىت بولدۇم. ھەر قېتىم بىرەر يۇقۇملۇق كېسەل تارقالسا ئائىلىمىزدە ۋە قەشقەردە كىشىلەر ئارىسىدا گېنېرال مەھمۇت موھىتىنىڭ چۇمانى تىزگىنلەشتىكى كەسكىن تەدبىرى پاراڭ تېمىسى بولاتتى. شۇ چاغدا مەھمۇت موھىتى چۇما بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكىمۇ يول قويمىغان ئىكەن. ئۇ ئەسكەرلىرىگە مىيىتنى چوڭقۇر ئازگالنىڭ ئىچىگە تاشلاتقۇزۇپ ئۈستىدىن پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان ھاكنى تۆككۈزگەن ئىكەن.

مەھمۇت موھىتىنىڭ مىيىتنى چامغۇر كۆمگەندەك ئورىغا تاشلاتقۇزۇپ ئۈستىگە پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان ھاكنى قۇيدۇرۇشى، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىر دەھشەتلىك يارا قالدۇرغان بولۇشى ئىھتىمال. بولۇپمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈش، چۈشىنىش ۋە ھازىدارلارنى بۇنداق تەدبىرنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەندۈرۈش جەريانى ئۇيغۇردەك بىر مۇسۇلمان مىللەتكە ھەقىقەتەن مۈشكۈل بولغان بولسا كېرەك. ئەمما بۇ تەدبىرنىڭ زامانىدا ئۈنۈملۈك بولغانلىقى، چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق. 1980-يىللاردا قەشقەردە خولېرا تاراپ كەتكەندە، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى ئەمەس ئېغىللىرىمۇ ھاكلانغان ئىدى. بەلكىم شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوچاق بېشىنى ھاكتا سۇۋاش ئادىتى، ئىت مۈشۈكلەر پۇراپ قويغان يىمەكلىكنى يېمەسلىكىمۇ ۋابادىن قورقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

2000-يىللاردا قەشقەردە شۇ قېتىملىق ۋابانى ئاڭلىغان زىيالىيلارنى تاۋاپ قىلغىنىمدا مەھمۇت موھىتىنىڭ قەشقەردە يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئۆلىمالار ۋە بايلار قاتلىمىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. چۈنكى شەھەردە كوچا، بازار ۋە رەستىلەر، سەھرالاردا يول يوللارغا ئەسكەر تۇرغۇزۇلۇپ، يۇرت-ئايماقلارنىڭ قامال بولۇشى سەۋەبلىك بازارلار، مەسچىتلەر ۋە مەدرىسەلەر بوش قالغان؛ نەزىر-چىراق، توي-تۆكۈنلەر چەكلەنگەن ئىكەن. بۇلار ئۆلىما ۋە بايلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان سالغان. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ ۋەقەنى بەزى كىشىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە بايان قىلسا، بەزىلەر سۆيۈنۈپ تۇرۇپ بايان قىلغان ئىدى. ئەمما قەشقەردە ئ‍ورتاق نوقتا مەھمۇت موھىتىنىڭ چۇمانى بىر قانچە ئاي ئىچىدە يوقاتقانلىقى ئىدى.

ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى يېزىپ قالدۇرۇلغان چوڭ ۋابا مىادى 839-يىل تارقالغان. بۇ ۋەقە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىقىلىپ، ھاكىمىيەت مەركىزىنى ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن تەڭرىتاغلىرىغا يۆتكىشىگە سەۋەپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن 14-ئەسىردە بىر قېتىم، 1797-يىلى باھاردا ئىككىنچى قېتىم لوپ، كېتىك شەھرى ۋە لوپنۇر كۆلى بويىدا ۋابا تارقىلىپ، ئاھالە تۆت تەرەپكە پىتراپ كەتكەن. ئۇلار بۈگۈنكى قومۇل، توقسۇن، ۋە كورلا تەۋەسىگە كۆچۈپ ئۇ يەرلەردە لوپ سۆزى بىلەن كەلگەن يۇرتلارنى بەرپا قىلغان. بەزى تەتقىقاتچىلار خوتەندىكى لوپلۇقلارنى شۇ چاغدا لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىن كۆچكەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

1912-1913-يىللاردا خوتەن شەھرى، كىرىيە ۋە لوپتا چۇما تارقىلىپ يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلغان. شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ سان ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. 1894-يىلدىن تاكى 1949-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 12 قېتىم چۇما تارقىلىپ يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىرىلىپ كەتكەن. 1953-يىلدىن 1992-يىلغىچە 11 قېتىم چۇما تارقالغان. ھالبۇكى، بۇ ۋابالاردا قانچىلىك كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.