خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار (2)
2017.07.12

«ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن خىتاي شىركەت-كانلىرى، بۇلغانغان مۇھىت ۋە يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، 20 يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە 2010-يىلىدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان بىرقانچە قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنلىرى» دىن بۇيان «19 ئۆلكىنىڭ ياردىمى» بىلەن رايوندا يېڭىدىن ئېچىلغان كان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە نەپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى. خىتاي شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ يەرلىشىشى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى مەدھىيەلەندى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «ئاقسۇ ۋىلايىتى مەركەزنىڭ بۇلغىما تۈزەش مەبلىغىگە ئېرىشتى» سەرلەۋھەلىك خەۋىرىدە، «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2017-يىلى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بۇلغىما تۈزەش قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەركەز خامچوتىدىن 14 مىليون 110 مىڭ سومغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ مەبلەغنىڭ ئاقسۇدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ‹جيالىن ۋەنجيا› ياغاچ ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىلدا 280 مىڭ كۇبمېتىر ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى تالا تاختاي ئىشلەش تۈرىگە بېرىلگەنلىكى» خەۋەر قىلىنىپ، يىلدا 340 مىڭ توننا شاخ-شۇمبا، چاتالغان دەرەخ شېخى، كېرەكسىز ياغاچ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، 280 مىڭ كۇبمېتىر ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى تالا تاختاي ئىشلەپچىقىرىدىغان مەزكۇر زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تۈركۈم «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى»گە ئىش پۇرسىتى يارىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاقسۇغا ئوخشاش تەكلىماكان چۆللۈكى بويىغا جايلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەسلىدىنلا دەل-دەرەخ ۋە يېشىل پېپىنچا ئۆسۈملۈك ئاز بولغان رايوندا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش رايوندىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى تېخىمۇ بۇزىدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا كۆزلىگىنى ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇ خىل شىركەت-زاۋۇتلار قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدە مەخسۇس تارىم ۋادىسىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە مۇھىت ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇختەر ئەپەندى ئىلگىرى «تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى» ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. مۇختەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى تەبىئىي ئاپەتلەر ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مۇختەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەلدىنلا يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى قۇرۇلغان خىتاينىڭ بىڭتۇەن نامىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى توسۇپ دېھقانچىلىق مەيدانى ئېچىشى سەۋەبلىك ئەسلىدىكى تەبىئىي توغراقلار ۋە چۆلدە ئۆسىدىغان يۇلغۇن، جىگدە قاتارلىق يەرلىك دەرەخلەر سۇ يېتىشمەي قۇرۇپ كېتىش، لوپنۇر كۆلىنىڭ سۈيى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىش، باغراش كۆلىنىڭ سۈيى ئازلاپ، تەكلىماكان بويىدىكى يېزىلار قۇملىشىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان بولسا، يېقىنقى 20 يىلدا تارىم دەريا ۋادىسىدا ئېچىلغان تارىم نېفىتلىكى سەۋەبىدىن سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ، تارىم دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان تەكلىماكان چۆللۈكىدىكى ئاقسۇ، كورلا، خوتەن قاتارلىق جايلارغا قاراشلىق ناھىيىلەردە قۇملىشىش بارغانچە ئېغىرلاشقان.
رادىيومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا مەجبۇرىي ھالدا كۆپلەپ يەر ئىگىلەش قۇرۇلۇشى، دېھقان،چارۋىچىلارنى يەرسىز، يايلاقسىز، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ «ياردەم پۇلى» غا تايىنىپ قالىدىغان، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىغان ئاقىۋەتتە قالدۇرغانلىقى شىكايەت قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ 2006-يىلدىن بۇيان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى ئاساس قىلىپ، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» قىلىپ مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلمەكتە. بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردىن، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىرىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكەلگەنلەر سانى 1 مىليون 475 مىڭ ئادەم-قېتىمغا يېتىپ بارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر بەھرىمەن بولالمايلا قالماستىن، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىلغان كان بايلىقلىرى ۋە مۇھىتنى بۇلغايدىغان زاۋۇت-فابرىكىلار سەۋەبىدىن رايوننىڭ سۇ، ھاۋا مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلۈپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ يۆتكىلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا يۆتكىلىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىشى سەۋەبلىك «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار نوپۇسى تېز سۈرئەتتە شالاڭلىشىش، ئۇيغۇرلار نىسبىتى بارغانچە تۆۋەنلەش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقماقتا.